ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى

كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى

2013-01-02 12:42     كۆرۈلۈشى: 11,259 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ھىندىستان بىلەن پاكىستا مۇستەققىل بولغاندىن بۇيان ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭ ئىككىسى كەشمىر مەسىلىسى سەۋەپلىك كىلىپ چىقتى.   تالاش – تارتىشنىڭ سەۋەبى        كەشمىر تالاش ....

     ھىندىستان بىلەن پاكىستا مۇستەققىل بولغاندىن بۇيان ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭ ئىككىسى كەشمىر مەسىلىسى سەۋەپلىك كىلىپ چىقتى.

 

تالاش – تارتىشنىڭ سەۋەبى

 

     كەشمىر تالاش – تارتىشنىڭ ئۇرۇقىنى ئەنگىلىيە 1947- يىلى ھىندىستاندىن چىكىنىپ چىققاندا چاچقان. ئەنگىلىيە بۇ ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئىككى دۆلەتكە بۆلىۋەتكەن. بىرى ھىندى دىنى مۇرتلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھىندىستان، يەنە بىرى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پاكىستان.
ئەنگىلىيە بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا تۈزۈلگەن قانۇننىڭ چەكلىمىسى بىلەن ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىغا بىۋاستە ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. قالغان رايۇنلار 500 دىن كۆپرەك بەگلىكتىن تەركىپ تاپقان. نەزىرىيە جەھەتتە ئۇلار مۇستەققىل ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ. بىراق لوندوندىكى ئەنگىلىيە پادىشاھى، قوشۇمچە ھىندىستان پادىشاھىنىڭ «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى» نى ئىتىراپ قىلىدۇ.
بۆلۈپ باشقۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ھىندى دىنى مۇرتلىرى كۆپرەك بەگلىكنىڭ ھىندىستانغا قوشۇلىشىنى، مۇسۇلمانلار كۆپرەك بەگلىكنىڭ پاكىستانغا قوشۇلۇشىنى لايىق تاپقان.. قىسقىسى بۇ پىلان ئۈنۈملىك بولغان.

 

ئىككى ئالاھىدە يەر

 

     ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بلۆلۈپ باشقۇرۇشتا مۇنداق ئىككى ئالاھىدە يەر بار. بىرى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇپ قىسمىدىكى ھەيدەرئاباد بەگلىكى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىرانلىق قىلىدۇ. بىراق كۆپ سانلىق ئاھالىسى ھىندى دىنى مۇرتلىرى. يەرلىك شىتات بېگى نىدام ئۆزىنىڭ شىتاتى ھىندىستان چېگرىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇ يىنىكلىك بىلەن پاكىستانغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. ھىندىستان قوشۇن ئەۋەتىپ، قان تۆمەيلا بۇ ماسىلىنى تىزلا ھەل قىلغان.
يەنە بىرى، جاممۇ ۋە كەشمىر (بۇ ئۇنىڭ راسمى نامى). بۇ رايۇن مەدىنىيەت، ئۆرپ – ئادەتلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. كەشمىر جىلغىسى جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ ئوتتۇرسى. بۇ جىلغىنىڭ ئاھالىسى ئاساسەن مۇسۇلمان. جىلغىنىڭ غەرىبى جەنۇبىي جاممۇ بۇلۇپ، تۈزلەڭلىك بىلەن ئىگىز تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئاساسەن ھىندىلار. جىلغىنىڭ شىمالى لاداق بۇلۇپ، ئۇ بىر تاغلىق جاي. مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەمىلىي ئەھمىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھىندىستانغا ئەمەس، بەلكى شىزاڭغا بەكرەك يېقىن.
1947- يىلى ئاۋغۇستتا ھىندىستان بىلەن پەكىستان مۇستەققىل بولغاندا، كەشمىرنىڭ ھىندى دىنى ھۆكۈمىرانى، يەرلىك بەگ خالى سېنگر ھىندىستانغا قوشۇلۇش كېرەكمۇ ياكى پاكىستانغىمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قالغان. قەيسەر، ئۇرۇشقاق پاداملار بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە پاكىستاننىڭ غىرىبى چېگراسىدىكى رايۇندىن ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان مىللى دۆلەتنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ، ناھايىتى تىزلا كەشمىرگە كىرگەن.
ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان يەرلىك بەگ ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشىش ئۈچۈن، شۇ زامان ھىندىستانغا قۇشۇلۇشقا ماقۇل بولغان. ھىندىستان قوشۇنى ئايرۇپىلان بىلەن جىلغىغا يەتكۈزۈلگەن. چۈنكى ئۇ چاغدا ھىندىستاندىن كەشمىرگە بارىدىغان زامانىۋى تاش يول يوق ئىدى. بىر نەچچە ئاي جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ھىندىستان پاداملار ۋە ئۇلارغا يارىدەمگە كەلگەن پاكىستان قوشۇنىنى جىلغىنىڭ يېنىدىكى غەرىبىي تاغلىققا چىكىندۈرگەن.
1949- يىلى يانىۋاردا ئىككى تەرەپ ب د ت نىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالىغان. كىلىشىمدە ئىككى تەرەپنىڭ «ئەمىلىي تىزگىنلىنىدىغان لىنىيە» نىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىشى بەلگۈلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئەمىلىي تىزگىنلىنىدىغان لىنىيە» ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەيدىغان سابىق بەگلىكنىڭ قىسمەن ئەمىلىي چېگراسى بۇلۇپ قالغان.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter