ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2012-10-01 10:26     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىرقى زامان جۇڭگو تەتقىقات ئورنى تۈزگەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى›› ناملىق تۆت توملۇق ئەسەر يېقىندا....

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىرقى زامان جۇڭگو تەتقىقات ئورنى تۈزگەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى›› ناملىق تۆت توملۇق ئەسەر يېقىندا خەلق نەشرىياتى، ھازىرقى زامان جۇڭگو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

     «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى›› جەمئىي تۆت توم بولۇپ، 1949- يىلى 10- ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1984 – يىلى 10 – ئايدا پارتىيە 12 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر بولغان 35 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بايان قىلىنغان. ئەسەردە ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئەستايىدىل، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى››، ‹‹دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيەنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەت – ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ خەلققە تايىنىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملىغانلىقى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئاچقانلىقىدەك تارىخىي جەريان گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ كىتاب توپلام رەت تەرتىپى بويىچە تۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1921 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بارغانلىقى ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدىكى كۈرەش تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان.

     بۇ كىتابنى تۈزۈشكە 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بىر قانچە ئەۋلاد دۆلەت تارىخى خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل – پاراسىتى سىڭدۈرۈلگەن، بۇ كىتاب يېڭى جۇڭگو تارىخى تەتقىقاتىدىكى زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش، يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى چۈشىنىش، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولىدىكى پارلاق نەتىجىلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايىسىدە چىڭ تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter