يېقىندا كورىيە ئەسكىرى: «جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكا ئارلاشمىسا، چاۋشيەننى 90 سائەت ئىچىدە يوقۇتىۋىتەلەيمىز» دېگەن چاپلىما نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۆۋەندە بۇ چاپلىمىنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:
روسىيە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئەربابى: كورىيە ئارمىيىسىدە ئەگەر سىياسىيونلار ئارلاشمىسا، بىز چاۋشيەننى 90 سائەت ئىچىدە يوقۇتىۋىتەلەيمىز دېگەن گەپ تارقالدى دېگەن.
ئەگەر چەتئەل كۈچلىرى ئارلاشمىسا كورىيە چاۋشيەننى مەغلۇب قىلامدۇ ياكى چاۋشيەن كورىيەنى مەغلۇپ قىلامدۇ؟ چاۋشيەننىڭ يېڭىش مۈمكىنچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇنداق دېيىشتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەپ بار:
بىرىنچى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى ئەنئەنىۋى شان – شەرەپ ئۇلىدىن پايدىلىنىدۇ، كورىيەنىڭ ئاساسى ئاجىز.
ئىككىنچى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش ئارقىلىق يىتىشىپ چىققان. كورىيە ئارمىيەسى بولسا مەشىق قىلىش ئارقىلىق يىتىشىپ چىققان. چاۋشيەن ئارمىيەسى داۋاملىق ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇرغاچقا ئۇلاردا ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى بار. كورىيە ئارمىيەسى بولسا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يارىدىمىدە چاۋشيەنگە تاقابىل تۇرۇش مەشقى قىلىش ئاساسىدا يىتىشتۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى، چاۋشيەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئەسكەرلىرى ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ. شان – شەرەپ تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. كورىيە ئەسكەرلىرى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانىنى كۆرسىمۇ ئون مىنۇت قارىغا ئېلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق دەل – دەرەخمۇ كۆزىگە ئەسكەر كۆرۈنىدىغان ئارمىيە قانداقمۇ چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ رىقابەتچىسى بولالىسۇن؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا كورىيە چاۋشيەننى 90 سائەتتە يوقۇتۇش ئەمەس، چاۋشيەننىڭ كۈچىگە 90 سائەت بەرداشلىق بىرەلىسە چوڭ گەپ بۇلۇپ قالىدۇ.
تۆتىنچى، چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش تارىخىغا نىسبەتەن كورىيە ھەرگىزمۇ چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ.
بەشىنچى، چاۋشيەننىڭ توپ – زەمبىرىكى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىئولنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ 20 مىڭ توپ – زەمبىرىكى سىئولغا قارىتىلغان. ئەگەر چاۋشيەن مۇشۇ توپ – زەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ قالسا، ئەسكەر ئىشلەتمەيلا كورىيەنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ. ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان» ژورنىلى ئىلگىرى مۇتىخەسىسلەرنى يىغىپ چاۋشيەن توپ – زەمبىرىكىنىڭ سىئولغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىكى تەقلىدىي زىيان ئەھۋالىنى قىياس قىلىپ باققان. نەتىجىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن. يەنى بىر مىليۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان. مۇتىخەسىسلەر: تۇنجى قېتىملىق زەربىدىن كىيىن كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ پەقەت %10 تىن %15 كىچە بولغان توپ – زەمبىرىكىنى يوقىتالىغان. چاۋشيەننىڭ قالغان %85 تىن %90 كىچە بولغان توپ – زەمبىرىكى ئىككىنچى قېتىم زەربە بىرىشكە ئۈلگۈرگەن، دېگەن.
ئالتىنچى، چاۋشيەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كورىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
يەتتىنچى، كورىيە ئارمىيىسىنىڭ قورال – ياراغ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئادەم ئامىلىغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. ئالدىنقى قېتىملىق چاۋشيەن ئۇرۇشىدىمۇ كورىيەنىڭ قوراللىرى ئىنتايىن ئىلغار ئىدى، لېكىن يەنىلا مەغلۇپ بولدى.
ساندىن سۈپەت ئەلا، كورىيە ھامان يىڭىدۇ
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئۆكتەبىر 9th, 2012 at 23:17
مىنىڭچە ئەمىلىي ئۇرۇش ئارقىلىق ھېچكىم – ھېچكىمنى يېڭەلمەيدۇ. يامىنى – تېنچ ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزگەرتىش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر – بىرىگە سىڭىشىشتىن ئىبارەت.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېگىن توغرا دەيدۇ. ھەممىدىن يامان ئۇرۇش ئىس – تۈتەكسىز ئۇرۇش تېنچ ئۆزگەرتىۋېتىش.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
قىزىل تېمىلار خېلى جىخكەن ھە بۇ توربەتتە.بىر ئۇرۇشۇپ باخمىسۇنمۇ شۇلار،ئاندىن نەتىجىسىنى بىلەلەيمىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
نويابىر 24th, 2012 at 17:36
قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!
سىز شۇ قىزىل تېمىلارغىلا كۆز يۈگۈرتكەن ئوخشىمامسىز؟ قارا، كۆك تېمىلارمۇ بار جۇمۇ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: