ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئادەم تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشى كېرەك

ئادەم تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشى كېرەك

2012-09-27 11:51     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ۋۇ ۋېيجىڭ        ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەبىئىي مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى.      21- ئەسىر كىرىشى بىلەن....

ۋۇ ۋېيجىڭ

 

     ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەبىئىي مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى.

     21- ئەسىر كىرىشى بىلەنلا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۈنسېرى گەۋدىلىك بولغان ئىككى چوڭ مەسىلە كۆرۈلدى.

      بىرىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما زور بايلىق مۇھىت بەدىلىنى تۆلىدى. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتمىگەندە، بايلىقنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى قىيىنغا توختايدۇ، ئىقتىسادنىڭ سىجىللىقى قىيىنلىشىپ، جەمئىيەت بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ.

     ئىككىنچى، كىلىماتنىڭ ئىللىشىنى روشەن ئالاھىدىلىك قىلغان  يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرمىغاندا، كەلگۈسىدە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى تەبئىي ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي سىستېما بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، تويۇقسىز ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

     قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى چوڭ مەسىلىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ؟

     2003- يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا «ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش، ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»، «تەبىئەتنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا، ئادەمنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     2007- يىلى 10-ئايدا پارتىيەنىڭ 17-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، سىجىل، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش قارىشىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئاشۇرۇش شەكلى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش» نى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بارپا قىلىش كۆرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەلىپى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزئارا ئالاقە باغلىشىنىڭ ئىلغارلىق ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 11-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى، گوۋۇيۈەن «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش» نى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك بولغان سىياسىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتە ـــ خەلق ئىگلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 11-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىراگىراممىسىدا ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بولغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئىككى تۈرلۈك چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئىككى تۈرلۈك چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچنى ئوموميۈزلۈك ئورۇنداش كۆرسۈتۈلدى.

     2006- يىلى ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنىدا: مۇھىتنى ئاسراشتا ئۈچ ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

     بىرىنچى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراشنى مۇھىتنى ئاسراش بىلەن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك؛

     ئىككىنچى، مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كەينىدە قېلىشىنى مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرشنى ماس قەدەملەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش كېرەك؛

     ئۈچىنچى، مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئاساسلىقى مەمۇرى ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ مۇھىتنى ئاسراشنى قانۇن، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە زۆرۈر بولغان مەمۇرى ۋاستىلارنى ئۇنىۋېرىسال قوللىنىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك.

     2011- يىلى ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنىدا، تەرەققىيات جەريانىدا ئاسراش، ئاسراش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاز بەدەل تۆلەيدىغان، ئۈنۈمى ياخشى، بولغىما چىقىرىشى ئاز، مۇھىتنى سىجىل قوغداشنىڭ يېڭى يولى توغرىسىدا ئاكتىپ ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەم ئاپەتنى ئازايتىشقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ـــ گوۋۇيۈەن كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تىجەش ـ بولغىما ئازايتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنى قۇردى، دۆلەت «جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش دۆلەت لايىھەسى» ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھىت مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا تەرەققىيات مەسىلىسى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا تەرەققىيات مەسىلىسى. كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا، يەڭگىللىتىش بىلەن ماسلىشىشنى تەڭ ئورۇنقا قويۇش كېرەك. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىنى يەڭگىللىتىش بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك، جاپالىق خىرىس. بىراق، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش بولسا، بىر تۈرلۈك رىئال، جىددىي ۋەزىپە.

     يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە تېجەش ۋە قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارنىكلاردا گاز قويۇپ بېرىشنى تىرىشىپ كونترول قىلدى ھەمدە ئېكولوگىيەنى قوغداش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق زور ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا بىرلەشتۈرۈپ، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشگە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈردى.

     بۇ يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە سىنىپىنىڭ ئېچىلىىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: «چوقۇم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، نىشانى قاتارلىقلارنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدىكى ھەرقايسى جەھەتلەر ۋە ئومۇمىي جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىجەش ۋە مۇھىتنى ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسى دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، ئالماشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىش كېرەك».

     يېشىل تەرەققىيات، ئالماشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات دەل ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئالغا بېسىش سەپىرىدە، بىز تېخىمۇ كۆپ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش سەھىپىلىرىنى يېزىپ چىقىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-09-28 19:52 Panama 

    مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter