ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى تەجرىبە قىلىشى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى تەجرىبە قىلىشى

2012-09-24 5:50     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      1955- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 7000 ئەسكىرى خىمىيەۋى قۇرال تەجرىبىسىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق تەجرىبىنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقى، كېيىنچە كېسەلل....

     1955- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 7000 ئەسكىرى خىمىيەۋى قۇرال تەجرىبىسىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق تەجرىبىنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقى، كېيىنچە كېسەللىك ئاسارىتى كۆرۈلىدىغان – كۆرۈلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن.

     ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قىسىمدىن چىكىنگەن ئەسكەرلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى، ۋېتنام ئۇرىشىغا قاتناشقان پىشقەدەم ئەسكەرلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىلگىرى خىمىيەۋى قۇرال تەجرىبىسىنى قۇبۇل قىلغان ئەسكەرلەرگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە ئەرز سۇنغان. بىراق ئەرزدە تۆلەم تەلەپ قىلىنماستىن ئەينى يىلى ئەسكەرلەر تەجرىبە قىلىنغاندا ئىشلىتىلگەن دورىنىڭ تەپسىلىي خاتىرىسىنى ئاشكارلاش، تەجرىبە قىلىش سەۋەپلىك كىسەلگە گىرىپتار بولغان پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. دەۋا 2009- يىلىدىن باشلانغان بۇلۇپ، ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت بۇ ئەرزنى رەت قىلغان. بۇ ئەرز ئىزچىل بىر تەرەپ قىلىنمىغان. يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلار ئەرز قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرغان.

     ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى 1974- يىلى دېكابىردا دالا ئۇرىشى قىسمىدا كومپۇيوتور مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كوفماننى دالا ئۇرۇشى قىسمىنىڭ يېڭى كومپيوتور سېستىمىسىغا يارىدەملىشىشكە چاقىرغان. ئۇ 1975- يىلى يانۋاردا تۇنجى قېتىملىق تەجرىبىنى قۇبۇل قىلغان. كىيىن يەنە ئىككى قېتىم تەجرىبە قىلىنغان. ئاخىرقى بىر قېتىمدا ئۇ زەھەرلىنىشتىن ساقلقنىش نىقابىنى كىيىپ، تامغا ئاپلېسىن رەڭلىك يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چاچقان ئۆيگە كىرگەن. دوختۇر ئۇنى شۇ سۇيۇقلۇققا ئوڭ بارمىقىنى تەككۈزۈشكە بۇيرىغان، بىراق كوفمان بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن. ئۇ دوختۇردىن بۇنى سورىغاندا، دوختۇر سوراسقا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كوفمان ئۆزىنىڭ تەجرىبە بۇيىمى قىلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ بۇ تەجرىبىگە قاتناشماسلىققا پېتىنالمىغان. چۈنكى ئۇ شۇنداق قىلسا ئارخىپىغا «ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىمىغان ئەسكەر» دەپ خاتىرلىنىدىكەن. تەجرىبىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانچە ئاجىزلىشىپ، سالامەتلىكى ناچارلاشقان. ئۇ قىسىمدىن چىكىنگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى ھېلىقى ئاپلىسىن رەڭلىك سۇيۇقلۇقنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن خىمىيەۋى قۇرال ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان.

     خەۋەردە ئامىرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق ئىلگىرى شۇ تەجرىبىلەرگە قاتناشقان دوختۇر ۋېليام: ھىچكىم بۇ تەجرىبىلەرگە ماجبۇرىي قاتناشتۇرۇلمىدى. تەجرىبىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئوردىنغا ئېرىشتى ھەمدە تەجرىبىنىڭ ئالدى – كەينىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلدى دېگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-10-18 14:59 ئالپبەگ 

    ئامېرىكا ئەمدى سىناقنى ئافرىقا رايونلىرىغا قىلىۋاتامدىكىن دەيمەن. ئۇ جايلادىكى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىگە يوشۇرۇن خىمىيىلىك قورال بىلەن تەمىنلەپ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ تەجرىبە نەتىجىسگە ئېرىشىۋاتامدىكىن…..

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    قورال ياسىغان بىلەن ئۇنى تەجرىبە قىلىدىغان ئورۇن بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا دۇنيادا ئاندا – ماندا ئۇرۇشنىڭ بۇلىشى ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق. ھەيرانمەن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە نىمىشقا ئۇششاق ئۇرۇشلار كۆرۈلمەيدۇ؟ …….

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter