ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگو چۈشكۈرسە، دۇنيا زۇكام بولۇپ قالامدۇ؟

جۇڭگو چۈشكۈرسە، دۇنيا زۇكام بولۇپ قالامدۇ؟

2012-09-23 4:57     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئامېرىكا «يالې يەرشارىلاشتۇرۇش» لىنىيە ژۇرنىلىنىڭ 17- سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگو چۈشكۈرسە، دۇنيا زۇكام بولۇپ قالامدۇ؟      يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيا ....

     ئامېرىكا «يالې يەرشارىلاشتۇرۇش» لىنىيە ژۇرنىلىنىڭ 17- سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگو چۈشكۈرسە، دۇنيا زۇكام بولۇپ قالامدۇ؟

     يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا بولغان قاراشلاردا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ياۋروپا ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئامېرىكا ئۆي بازىرىدا تەمىنات ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، جۇڭگو قىيىن ئەھۋالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈۋالدى ھەمدە غەرب يولۇققان قاتمۇ- قات قىيىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالدى. جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغان كۈنىنى قىياس قىلىشتى.

     ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە سىجىل ئېشىشى گۇمانىي قاراشلارغا دۇچار بولدى، گۇمان قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتەرلىك ئاساسلىرى بار. يېقىنقى بىر پەسىلدە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.6 ئاشتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ.

     جۇڭگودىكى قۇرۇلۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭ سانائەت خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودىكى بەزى مەھسۇلاتلار ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى دىققەتنى قوزغايدۇ، مەسىلەن، 2011- يىلى سېمونت ۋە تۆمۈر رۇدىسى ئېھتىياجى يەر شارىنىڭ %60 تىنى ئىگىلەيدۇ، پولات- تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئېھتىياجى دۇنيانىڭ %40 تىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

     ھازىر، جۇڭگودا ئېھتىياج ئازىيىپ، تەمىنات ئاشماقتا. بۇ ئىككى ئامىل مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاۋسترالىيە بۇنىڭ مىسالى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى ئاۋسترالىيە كانچىلىقىنى گۈللەندۈردى، ھەمدە ئەمگەك كۈچى ۋە تۇرالغۇ بازىرىغا پۇل پاخاللىقى بېسىمى كەلتۈردى. ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن كان كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشىدۇ دەپ قىياس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشىنى بەس- بەستە كېڭەيتتى.

     ئىجتىمائىي مۇقىملىق جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى. ئۇلار بارلىق مەبلەغنى ئىشقا سېلىپ، ئىقتىساد چېكىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجتىمائىي داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گەرچە بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى %3 تىن %5 كىچە بولغان سۈرئەتتە ئاشسىمۇ، بۇنداق ئۈمىدۋار ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتەلەيدۇ.

     ئۇنداقتا، قايسى تاۋارلار سانائەت خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاش جۇڭگو ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى. جۇڭگودىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، گەرچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتسىمۇ، ئەمما بۇ ئېشىشقا ھايۋانات ئاقسىلى ۋە توشۇش يېقىلغۇ ماتېرىيالى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ قاتناش قورالىنىڭ ۋېلىسپىتتىن موتسىكلىتقا، ئاندىن يەنە ئاپتوموبىلغا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. بۇنداق يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە، يەر شارىدا يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنىڭ باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

     مەنبە: خەلق تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش


باھا يوللاش چەكلەنگەن !