ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ماركو پولو يۇەن سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئايغاقچىسىمۇ

ماركو پولو يۇەن سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئايغاقچىسىمۇ

2013-02-19 12:21     كۆرۈلۈشى: 1958 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      يۇەن سۇلالىسى تارىخى مۇتىخەسىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت يادىكلارلىقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دافاڭ: تارىخىي ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 700 يىل ئىل....

     يۇەن سۇلالىسى تارىخى مۇتىخەسىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت يادىكلارلىقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دافاڭ: تارىخىي ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 700 يىل ئىلگىرى ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركو پولو رىم پاپىسىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن ۋېنىتسىيەدىن يۇەن سۇلالىسى ئوردۇبالىقىغا كېلىپ، پادىشاھ قۇبلاي بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يۇەن سۇلالىسىدا 17 يىل تۇرۇش جەريانىدا قۇبلاي ئۇنى دائىم ھەرقايسى جايلارغا مەخپىي ۋەزىپىگە ئەۋەتكەن دېگەن.

 

 

     1271- يىلى 17 ياشقا كىرگەن ماركو پولو ئاتىسى ھەم تاغىسىغا ئەگىشىپ رىم پاپىسىنىڭ خېتى ھەم سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، ۋېنىتسىيەدىن يولغا چىقىپ، 3 يىلدا ھازىرقى موڭغۇل يايلىقىدىكى يۇەن سۇلالىسىنىڭ يازلىق ئاستانىسى – يۇقىرى ئاستانىسىگە كەلگەن.

     ۋاڭ دافاڭ: ماركو پولو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ھەم يېزىقىنى ئۈگۈنىۋالغان. كېيىن قۇبلاي ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى بايقاپ، ئۇنى يۇقىرى ئاستانىدىن خالەيجاڭ (ھازىرقى يۈننەن ئۆلكىسى) گە دۆلەت ئىشىنى بىجىرىشكە ئەۋەتكەن. ماركو پولومۇ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك ئىشلارنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغان دېگەن.

     ماركو پولونىڭ 17 يىل مابەينىدە كۆرسەتكەن ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان. نەتىجىدە ئۇ قۇبلاينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئىلگىر – ئاخىر بۇلۇپ شىنجاڭ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، سەنشى، يۈننەن، شەندوڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارغان. يەنە ۋېتنام، بىرما، سۇماترا قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلگەن. قۇبلاي قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، شۇنداقلا شۇ جايلاردا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىشىنى ياخشى كۆرگەچكە، ماركو پولو بارغانلا جايدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تۇلۇق ھەم پۇختا يىغىپ، پادىشاھقا سۆزلەپ بىرىدىكەن.

     ۋاڭ دافاڭ: ماركو پولو ئۆزىنىڭ كۈزىتىشى، باشقىلارنىڭ سۆزلەپ بىرىشى، ماتىرىيال توپلىشى نەتىجىسىدە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ئائىت ئېنىق ماتىرىيالنى توپلاپ خاتىرلەپ ماڭغان، دېگەن.

     1295- يىلى ماركو پولو ئىتالىيەگە قايتقاندىن كېيىن سەرگۈزەشتىسىنى يازغۇچى رۇستيانوغا سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ «ماركو پولو ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ شەرققە بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچەيتكەن.

     يۇەن سۇلالىسى يۇقىرى ئاستانىنىڭ گۈللىنىشى ماركو پولودا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قالدۇرغان. ئۇنىڭ «ساياھەت خاتىرىسى» دە مەخسۇس يۇقىرى ئاستانىگە ئائىت بىر بۆلۈم بۇلۇپ، ئۇنىڭدا بۇ جاينىڭ گۈللىنىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېنىق يېزىلغان. ماركو پولونى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان بۇ شەھەر ھازىر دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ