ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەگە سادىق بولۇش پارتىيەلىك كادىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا

پارتىيەگە سادىق بولۇش پارتىيەلىك كادىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا

2012-10-03 11:08     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  ۋاڭ پېڭيۈ        پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە كىرگەندە قەسەم بېرىپ، ‹‹پارتىيەگە سادىق بولۇش›› ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. سادىق بولۇش سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش ۋە بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، پارتىيەل....

 ۋاڭ پېڭيۈ

 

     پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە كىرگەندە قەسەم بېرىپ، ‹‹پارتىيەگە سادىق بولۇش›› ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. سادىق بولۇش سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش ۋە بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، پارتىيەلىك كادىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا.

     سادىق بولۇش جۇڭگودا كىشىلەر تارىختىن بۇيان قەدىرلەپ كېلىۋاتقان ئېسىل پەزىلەت. تارىخ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، سادىق بولۇش كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى ھەم ئەمەل قىلىدىغان نىشانى بولۇشتىن ئۆزگەرمىدى؛ لەۋزىدە تۇرغۇچىلارمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن پازىللار، دەپ قارىلىپ تەرىپلىنىپ كەلدى.

     سادىق بولۇش كومپارتىيە ئەزالىرى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان سىياسىي ساپا، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن سىياسىي ئۈستۈنلۈكى، شۇنداقلا بىزنىڭ جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توساقلارنى يېڭىشىمىزدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاب تارىخى سان – ساناقسىز مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى يېزىپ چىققان پارتىيەگە سادىق بولۇش تارىخى.

     ھەممىمىزگە ئايانكى، تۈزۈلمە، جەمئىيەت تىپى ئۆزگەرگەن ۋە ئىدىيە، مەنپەئەت كۆپ خىللاشقان يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە سادىق بولۇشتا يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى. قىسمەن كىشىلەر سادىق، ياۋاش كىشىلەرنى ‹‹مۇتەئەسسىپ››، ‹‹ئىقتىدارسىز›› دەپ قارىدى، ئۇلار پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى، ئادەم بولۇشنىڭ تۈپ مىزانىنى چەتكە قايرىپ، كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتتى. قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە، ئېتىقادىدا تەۋرىنىش بولۇپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىپ، ئىنقىلابىي ئىرادىسى سۇسلىشىپ كەتتى، ھەتتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، جىيانەت ئۆتكۈزدى ۋە چىرىكلەشتى. بۇ قىلمىشلار پارتىيەنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق بولغانلىق ئەمەس. 80 مىليوندىن كۆپرەك ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ئاز قىسىم كىشىلەر. لېكىن، ئۇلارنىڭ سېسىق نامى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇلغاپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى چىرىتىپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

     كومپارتىيە ئەزالىرى قانداق قىلغاندا يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرالايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، پارتىيەلىك كادىرلار يۈكسەك غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشى، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈشى، ماركسىزملىق غايە، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئېتىقادىنى، كومپارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەقدىرىنى پارتىيە ئىشلىرى بىلەن ئاڭلىق ھالدا چىڭ باغلاپ، سەمىمىي بولۇپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئىپادىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ساقلاپ، ئاممىنىڭ دەرد – ئەلىمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا چىن دىلىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. راھەت – پاراغەتكە بېرىلمەي، جاپا – مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت – پاراغەتتە ئارقىدا تۇرىدىغان ئوبرازىنى ھەقىقىي تىكلىشى كېرەك.

     پارتىيەلىك كادىرلار توغرا دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تىكلەپ، نام – مەنپەئەت قوغلاشماي، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا سادىق بولغاندىلا، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولالايدۇ، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلىدىغان، خەلقنى قايمۇقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ؛ پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلالايدۇ، يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئوبرازى ۋە روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter