تەكلىپ بىرىڭ
ئالىم بىز بلوگى – سىياسىي نەزەرىيە، قانۇن – نىزام، مەدىنىيەت – تارىخ، مىللەت ۋە دىن، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدە يازما يوللىنىدىغان، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدىغان جەمگاھ بۇلۇش مەقسىدىدە قۇرۇلغان. بلوگىمىزدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىدارە ئورگان ۋە مەكتەپلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئۈگۈنۈشىگە كىرەكلىك بولغان مەزمۇنلارمۇ يوللىنىدۇ، ھەمدە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىلىدۇ. سىياسى ئۈگۈنۈش داۋامىدىكى تۈرلۈك تەسىرات ماقالىلىرى ۋە ئۈگۈنۈش پىلانلىرى يوللىنىدۇ.
يۇقارقى مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىزىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەر، ئەل ئىچىدىكى ھەم تارىخ بەتلىرىدىكى سىرلار ھەققىدىمۇ يازمىلار يوللىنىدۇ.
مەقسىدىمىز – كەڭ ئاممىنى ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئىگە قىلىشتۇر. ئەمما بىز ھەممىنى بىلىپ بولالمايمىز. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ يازمىلار ھەققىدە، بلوگ ھەققىدە، سەھىپىلەر ھەققىدە قانداق مەسىلىلەر بولسا سورىشىنى، كۆڭۈل سۆزلىرى بولسا ئوتتۇرغا قويۇشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمىز.
قېنى، ئاستىنقى كۆزنەككە مەرھەمەت! كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى، تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!
دوستۇم خېلى جاپا چەكتىڭ جۇمۇ! ھارمىغايسەن، مۈمكىن بولسا سىياسىيغا ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەر بولسا يوللاپ قويغان بولساڭ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئاۋال قەدىمىڭگە رەھمەت! ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، بۇ سىياسىي دېگەن نەرسا ئەڭ نازۇك مەسىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇمدا بۇنىڭغا ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەر كۆپ ئەمەس، يوق دېيەرلىك. شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىپ باقاي.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
مۇشۇنداق ياخشى بلوگدا كىتاب ئۇچۇرلىرى ئۇلىنىشى كەم قاپتۇ، خاپا بولماي بىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار .
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
مەنمۇ بىر كىتابخۇمار، ئىسمىڭىزدىنلا بىر ئەزىز مىھماننىڭ بولىگىمىزنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىم يەتتىم. ئەلۋەتتە ئۇلىنىش قىلىشنى خالايمەن. ئادېرىسىڭىزنى اقلدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئادېرىسىڭىزنى ئىزدەپ تاپتىم ھەم خەتلىك ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تور مەنزىلىمىز:
www.kitabpurux.com
لوگو ئادرىسى:
http://www.kitabpurux.com/wp-content/uploads/2011/04/kitabpurush001.gif
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
مەن سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىزنى كۆرۈپ ۋوردپىرەسىنىڭ ئىقتىدارىغا،بولۇپمۇ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم.تور بېتىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ماي 9th, 2012 at 10:55
تۇرايىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت! سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنىڭ ئەمىلىلىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىمىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: