ئالىم بىز بلوگى

ياشاش ۋە قەدىر – قىممەت

 مەخمۇتجان يانتاق

 

     ھاياتلىقتىكى تىنىمسىز مىدىرلاش ۋە كۈرەشلەر جان بېقىشنىڭلا نىشانى قىلىنسا، تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ قىممىتى پۈچەكلىشىدۇ. پۇچەكلىك قارار تاپقان قىممەتسىز تۇرمۇش ئىنساننى قەدىرسىزلەشتۈرىدۇ. ئىنسان ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە قەدىر – قىممىتى بىلەن ھاياتلىقتىكى ئەڭ جەڭگىۋار ئىجتىمائىي تىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىپنىڭ يۈرىكىدە تۈرلۈك زەئىپ ۋە چىركىن روھنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.

     بۈگۈنكى ئىجتىمائىيىتىمىزدە ياشاشنىڭ ماددىي زۆرۈرىيىتى كىشىلەرنى ئالدىغا سېلىۋالدى. تەبىئىيكى، بۇ زۆرۈرىيەت ئىزچىل ئىنتىلىش، كۈرەشلەر نەتىجىسىدە ھەل بولىدۇ. بۇنى ھەقىقىي مەنىسىدىن چۈشەنگەن ۋە بۇ يولدا تىنماي پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە ياشاشنىڭ زەپەر دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دەرۋازىدىن كىرەلىگەنلەر ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە كۈرەش جەريانلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ھاياتلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئادەمدىكى جەڭگىۋار ئىرادە ۋە تىرىشىش روھى ئاجىزلاپ، يەلقاۋلىق، بىكار تەلەپلىك كەيپىياتى ئېغىرلايدۇ. مەھەللىمىزدە بىر قاپاق تېرەكلىك دوقمۇش بار. ئۇنىڭ تۈۋىدە بىر كىچىك دۇكان بار. دۇكاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان كارىۋات ۋە ئورۇندۇق ھەر كۈنى نۇرغۇن بىكار تەلەپنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يەردە ئۇلار سائەت – سائەتلەپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشىدۇ. بۇ يەردە خەيرلىك گەپ – سۆزلەر كەمدىن – كەم بولۇنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا بەكلا قىزىقىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن ھېچقايسىسى ئۆز ھالى، ئائىلىسى ۋە تۇرمۇشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى دېيىشمەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەشمەيدۇ.

     ئەتراپىمىزدا بۇنداقلار تالاي بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار قانداق ياشاش ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىنىش، ئىزدىنىشكە تازا كۆڭۈلشىمىگەچكە، ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش مەنتىقىسى ۋە قەدىر – قىممەت ساپاسىنى دەڭسىيەلمەيدۇ. دەرۋەقە، ‹‹بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ۋە قايسى مەنىدە ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلىشىغا باغلىق›› (ئېينىشتىيىن). ئۆزىنى ئازاد قىلىش قەدىر – قىممەت يارىتىشتىكى بىر كۆۋرۈك. بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەي تۇرۇپ بۇ نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. ھاياتتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولىدۇ. بەزىلەر قىممىتىنى ئەبەدىيلەشتۈرەلىسە، يەنە بەزىلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ ھېچقانداق ئۈنۈم ۋە ئېتىراپقا ئېرىشەلمەيدۇ. ھاياتتا ياراتقان قىممەتنى ساقلاشمۇ بەك مۇھىم. چۈنكى، بەزىلەرنىڭ ياراتقان قىممىتى باشقىلارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشسىمۇ، ئۇنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەي، ئۆز قىممىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويىدۇ. دېمەك، ھەر ئادەمدە قىممەت تەبىئىي بار بولىدۇ. بىراق، ئۇنى نامايان قىلىش ۋە ئەبەدىيلەشتۈرۈش ھەممە كىشىگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ.

     مېنىڭچە، ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى يارىتىشى ۋە ئۇنى ساقلىشى مۇنداق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا ئىشقا ئاشىدۇ:

     1. ھاياتنى چىن دىلىدىن سۆيۈش. بۇ سۆيۈش ھەرگىزمۇ ياشاش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا ئورۇندىلىدىغان موھتاجلىق جەريانى بولماستىن، بەلكى چىن ئەقىدىلىك يۈرەك بەدىلى بولۇشى كېرەك.

     2. ھاياتقا ئەقىدە باغلاش ۋە ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ھۈنەر – كەسىپكە بېرىلىش. بۇ شەرت ئىنساننىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىدىكى شېرىن ۋە لەززەتلىك ئۇرۇنۇشتۇر. بۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ تۈرلۈك مەپكۇرە – تەرغىباتىنى ئۆز قىممىتى ئاساسىدا يارىتىپ، ھايات ۋە قەدىر – قىممەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلالايدۇ.

     3. ھاياتتىكى تۈرلۈك بېسىم ۋە گوللاشلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان روھ ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلاش. بۇ جەريان ئىنساننىڭ ياشاش ئېڭى ۋە كۈرەش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنساندا ھاياتقا تىك، دادىل باقىدىغان ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدىغان خاھىشنى يېتىلدۈرىدۇ.

     4. ھاياتنىڭ بەزى دىشۋارچىلىقلىرى ۋە ئاپەتلىرىدىن غالىب كېلىپ، ياشاشنى ۋە ھاياتنى ئېسىل ۋە قەدىرلىك جەريانغا ئايلاندۇرۇش. بۇ جەريان تولۇق ئىشقا ئاشسا، ھاياتنىڭ قىممىتى تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ھاياتى يۈرەككە باغلىق. يۈرەكلىك بولغاندا، ھاياتنىڭ دىشۋارچىلىق ۋە ئاپەتلىرىگە مۇۋاپىق ئۇسۇل – چارىلەر بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

     5. ھاياتلىقتىكى غەلىبە – مەغلۇبىيەت، ياخشىلىق – يامانلىق، گۈزەللىك – رەزىللىكلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ياشاشتىكى ئۇتۇق ۋە خىرىس ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلغاندا ھاياتنىڭ ئېھتىياتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلەنگىلى، ھاياتلىقتىكى تەكەببۇرلۇق، زەئىپلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش بىمەنىلىكلەردىن ساقلىنىپ، پاك ياشىغىلى بولىدۇ.

      شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر بىر ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى ئۇنىڭ ئۆز ئىشىنى قايىل قىلارلىق، ئېدىتلىق بېجىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ئىنسانىي قەدىر – قىممەتنى يارىتىش دېگەنلىك ھاياتنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆيۈش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق بولغاندا، ھاياتتىكى قەدىر – قىممەت خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن يارىتىلىپ، ھاياتىمىز گۈزەل كەچمىش ۋە پايدىلىق ئىبرەت ھاسىلاتلىرىغا تولىدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتىنى تارىخ ياراتقان ئۆلچەملەر بىلەن باھالاشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا، كىشىلەر كۆپىنچە تارىخنىڭ ئەخلەتلىرىگە كۆمۈلۈپ قېلىپ، ئۆزىدىكى ئەرزىيدىغان قەدىر – قىممەت مۈلۈكلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھاياتتا بەزى كىشىلەر ئېرىشكەنلىرى بىلەن يوقاتقانلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئۆز قەدىر – قىممىتىنى بېكىتىدۇ. بۇ جەرياندا ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، كۆپ ھالدا ئېرىشكەن نەرسىمىزنىڭ كۆپلۈكى بىزنىڭ قىممەتلىك ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىمىزنى، يوقاتقان نەرسىمىزنىڭ كۆپلۈكىمۇ قەدىرسىز ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى ھەققىدە ئويلىنىپ ياشايدىغانلار ياخشى شەرھلىيەلەيدۇ. ئېرىشىش ۋە يوقىتىش بولمىغان ھاياتنى مۇكەممەل ھايات دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ھايات چۈشەنچىسى كۈرەش، داۋالغۇش، قولدىن بېرىش ۋە قولغا كەلتۈرۈش، ئېرىشىش ۋە يوقىتىش ئارقىلىق موللىشىدۇ.

     ھاياتتا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولىدۇ. ھاياتىمىزدىكى توغرا ئىشلار بىزنى روھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئىشلىرىمىز گەرچە ئاددىي ۋە ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغلۇقنىڭ بېشارەتلىرى بولىدۇ. بۇ بېشارەتلەر يەنە ئۆز يولىدا شۇ ئىشنىڭ قەدىر – قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم خاتا ئىشلارمۇ كەلگۈسى ھايات يولىمىزدا بىزنى تۈرلۈك تەجرىبە ۋە ئىبرەت بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدۇ. بىز بۇلار ئارقىلىق ھايات ھېكمىتى ۋە ياشاش ھەقىقەتلىرىنى يارىتىمىز. ھاياتتىكى بىر قىسىم خاتالىقلىرىمىزمۇ بەزىدە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان توغرا ئىشلىرىمىزدىنمۇ قىممەتلىك بولىدۇ. بۇ ئىشلار گېزى كەلگەندە، قەدىر – قىممەت قارىشىمىز ۋە چۈشەنچىمىزنى ئەمەلىيەت ئاساسىدا يېڭىلىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

     ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى سەدەپ قۇلۇلىسى باقىدىغان بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەمىشە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەرۋايىتنى يېتىشتۈرۈشنى ئويلايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دېڭىز ساھىلىدىن نۇرغۇن قۇم دانچىسىنى تاللاپتۇ ۋە ئۇلاردىن ‹‹مەرۋايىتقا ئۆزگىرىشنى خالامسىلەر؟›› دەپ سوراپتۇ. ئەمما، ھېچقايسىسى ئۆزگىرىشنى خالىماپتۇ. ئەتىگەندىن – كەچكىچە يېلىنغان بولسىمۇ ئۈمىدى يەنىلا سۇغا چىلىشىپتۇ. بىر چاغدا بىر تال قۇم دانچىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ. قۇم دانچىسىنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ ‹‹ئەخمەقكەنسەن، قۇلۇلە قېپىدا ياشىساڭ بۇرادەرلىرىڭدىن ئايرىلىسەن، قۇياش نۇرى، يامغۇر، ئاي، شامال دېگەنلەرنى كۆرەلمەيسەن. ھەتتا ھاۋادىن ئەركىن نەپەسلىنىشىڭمۇ تەس›› دەپتۇ. بىراق، قۇم دانچىسى ئۇلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماپتۇ. نەچچە يىلدىن كېيىن ھېلىقى قۇم دانچىسى ناھايىتى ئېسىل، قىممەتلىك بىر مەرۋايىتقا ئايلىنىپتۇ. بۇ چاغقىچە ھېلىقى مەسخىرىۋاز قۇم دانچىلىرىنى بورانلار ئاللىقاچان تۇپراققا مەھكۇم قىلىۋېتىپتۇ.

      بۇنىڭدىن ئايانكى، قەدىر – قىممەتنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، جاپا – مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەشكە تايىنىپ يارىتىش ھەم شۇ ئاساستا ئۇنى نامايان قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. دەرۋەقە، بىر ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتى مەلۇم بىر خاتالىق ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. قەدىر – قىممەت دەل ئاشۇ خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەتنى قانداق بايقاپ، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش يولىدىكى ئىزدىنىش ۋە بەدەلدە ئىپادىلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىگە باھا بېرىشتە، ياشاشتىكى ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى ئۆلچەم قىلىشنى بىلىش كېرەك. بۇ ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىق ئۆلچەم قىلىنسا، قانداقلا جايدا، قانداق كىشىلەر بىلەن ياشايلى، يەنىلا قىممىتىمىزنى بايقاپ، ئۇنى نامايان قىلالايمىز. چۈنكى، بىزدىكى بۇ ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىق بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، بىزدىكى ياشاشنىڭ بېكىنمە ئادەتلىرىنى پاچاقلاتقۇزۇپ، بىزنى ئۆزىمىزنىڭقىممىتىگە باھا بېرىدىغان ئەمەلىيەتچان قىممەت ئۆلچىمى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

     ئەسلىدە بۇ دۇنيادا ياشىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە بىباھا قەدىر – قىممەتتۇر. بۇنى ھېس قىلىش ھاياتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەدىر – قىممەت چۈشەنچىسى ۋە يەكۈننى تاپقانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. بىزدىكى بۇ قەدىر – قىممەت چۈشەنچىسى ۋە يەكۈن ھاياتنىڭ ھەر قانداق دەقىقىسىگە رازىمەنلىك بىلەن يۈزلىنەلىشىمىزدىن شەكىللىنىدۇ. ھاياتتىكى قەدىر – قىممەت بىر كۈندىلا يارىتىلمايدۇ، ئەمما، بىر دەمدىلا يوقىلىپ كېتەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش ۋە بەدەل تۆلەشتىن بارلىققا كېلىدۇ، بىر دەملىك بىخۇدلۇق ۋە پەرۋاسىزلىقتا يوقاپ كېتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قەدىر – قىممەتنى ساقلاش بۈگۈن ۋە ھازىرنى قانداق ئۆتكۈزۈپ، قانداق ياشاش يولىنى تاللىشىمىزغا باغلىق. چۈنكى قىممەتتىن ئىشەنچ ھاسىل بولىدۇ. ئىشەنچتىن قىزغىنلىق شەكىللىنىدۇ. قىزغىنلىق دۇنيانى باش ئەگدۈرىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ياشاش ۋە قەدىر – قىممەت

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-03-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 2دانە
  1. ياشاشنىڭ مەنىسىنى، ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان كىشىلەر ھىلىمۇ بەك كۆپ، مۇشۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. تۇران تېكىن

    قەدىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت! ياخشى پىكىر – تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: