ئالىم بىز بلوگى

پىرخۇيلان ۋە مەھمۇد قەشقەرى

ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىر

     تارىخ ئاجايىپ تاسادىبلىقلار بىلەن تولغان. بۇنداق تاسادىبلىقلار كىشى تەپەككۇرنى توختاۋسىز غىدىقلاپ، ئۇلارنى يېڭىدىن يېڭى پىكىر قاينىمىغا غەرىق قىلىدۇ. نېمىشقىدۇر ئەللامە بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىى ھەققىدە ئويلانساملا قەشقەر دىيارىدا ئۈسۈپ يىتىلگەن يەنە بىر نۇرانە چولپان – تىلشۇناس، ئالىم پىر خۇيلان ئېسىمدىن كېچىدۇ. چۇنكى، بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە.

     پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىر (تاڭ سۇلاسى دەۋرى) دە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى «一切经音义» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان.

     مەھمۇد قەشقەرىى 11- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. «تۈركي تىللار دۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان.

     پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە نۇپۇزلۇق ئۇرۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخي شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىندۇ.

     مەھمۇد قەشقەرىى تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا نامى مەشھۇر ئالىم سۈپىتىدە ئالاھىدە شۆھرەتلىنىدۇ.

     پىر خۇيلان مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

     مەھمۇد قەشقەرىى مىلادى 1005- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇمۇ ئائىلىۋى نەسەب جەھەتتىن قارخانىلا سۇلالىسىنى قۇرغان خاقانيە ئەۋلادىدۇر.
پىر خۇيلان ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلانىڭ سېياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۈرىتلىرى ۋە ئىبادەتخانلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بوددا دىننىڭ گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ھەر قايسى ئەللەردىكى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەرىبتىن شەرىققە ۋە شەرىقتىن غەرىبكە توختىماي ئۈتۈپ تۇردىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پىشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىرلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىيى ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەندى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ ستېىمىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تىل يېزىق ئۆگۈنۈشكىمۇ ئالاھىدە  كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ھەر تەرەبلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تابخاچ(خەنزۇ)تىلى ۋە سانسكىرىتچىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ بۇددا نوملىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى، مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يىتىشكەن.

     مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋرىدىكى قەشقەرمۇ ئوخشاشلا ئەينى دەۋر ئۇيغۇرلار رايوندىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن «2- بۇخارا »  دەپ شۆھرەتلەنگەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردە نۇرغۇن مەسچىد – جامەلەر، مەدرىسلەر بىنا قىلىنغان بولۇپ تالاي ئىسلام ئۆلىما – ئالىملىرى، يازغۇچى، شائىر، تىۋىپ، مىمارچىلار مەيدانغا كېلىپ جاھان ئەھلىگە تۇنۇلغانىدى. مانا شۇنداق ئەۋزەل مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھمۇد قەشقەرى كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم تەشنالىقىدا چاڭقىغان قەلبىنى بىلىم كەۋسەرلىرى بىلەن سۇغىرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سېتىمىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلدىن باشقا يەنە ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىشىشىق ئۆگۈنۈپ مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يىتىشكەن.

     پىرخۇيلان مەشھۇر ئەسىرى «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسەرنى قەشقەردە ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئىقلىم بۇددا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى بولغان چاڭئەندە يازغان. ئالىم بۇ ئەسەرنى 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى) تاماملىغان.

     مەھمۇد قەشقەرى 8جىلىد، 16قىسىم، 85 بابپلىق «تۈركي تىللار دۋانى» ناملىق ئەسەرنى قەشقەردە ئەمەس بەلكى ئەرەپ – ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداتتا يازغان. ئالىم ئۆز ئەسىرنى يېزىشتىن ئىلگىرى 20 يىلچە ۋاقىت سەرىپ قىلغان ھەم كۆپ ئىزدەنگەن ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۇقۇغان. ئالىم ئۆز ئەسىرنى ھىجىرىينىڭ 464- يىلى (مىلادى 1072- يىللىرى) جەمادىيەل ئەۋۋەلىنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ تۆت قېتىم قايتا يېزىپ تۈزتۈپ ۋە تەھرىرلەپ، 466- يىلى (مىلادى 1074- يىللىرى)جامادىيەل ئاخىرىنىڭ 10- كۈنى دۈشەنبىدە تۈگەتكەن.

     پىرخۇيلان «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق قامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى چوڭ يوللۇقلار مەزھىپىنىڭ (ماھايانا مەزھىپنىڭ) ئەڭ تۈپ نەزەريىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راھەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ھەققىدىكى «ماھابخاراژانا پارامىتاسۇترا» (mahaprajna paramita sutra) دىن باشلاپ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى  تەرغىپ قىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法» سۇتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئەسەردە ئىزھلانغان ۋە شەرھىلەنگەن نوملار جەمئى 5480 جىلد بولۇپ بۇ قامۇس خارەكتىرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپ دەرىسلىك، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالسىنىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشلەر ئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپ كەلگەن.

     مەھمۇد قەشقەرى «تۈركي تىللار دۋانى» گە تۈركي تىللىق خەلىقلەر ئارسىدا ناھايتى قەدىمدىن تارىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ماقال – تەمسىللەر، بېيىت – قوشاق ۋە ھەرخىل سۆز ھەم ئىبارلەردىن 7500 دىن ئارتۇقىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ قامۇس ئەينى دەۋىردىكى خەلق تىلى، قەدىمقى تىل ۋە باشقا تىل ئامىللىرىنى بىر مەنىبە سۈپىتىدە يۇرۇتۇپ چۈشەندۈرگەن. شۇڭا بۇ ئەسەرمۇ ئوخشاشلا تىلشۇناس ئالىملارنىڭ ئەينى دەۋرى تۈركي تىللىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى دەرىسلىكى سۈپىتىدە قولدىن – قولغا ئۆتۈپ دۇنياغا تارالغان ھەم ئەتىۋارلىنىپ ئوقۇلۇپ كەلگەن.

     پىرخۇيلاننىڭ «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسىرى بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتى نەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېتنىگىرافيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنى تىل – ئەدەبىيات، پەلسىپە، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاب دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى تۇرمۇش، ئۆرۈپ ئادەتلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن.

     مەھمۇد قەشقەرىمۇ«تۈركي تىللار دۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىردە ئوخشاشلا دۇنيا مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرۈكي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى جۈملىدىن تارىخى، جۇغراپىيسى، ئەدەبىياتى، ياشاش يوللىرى، تۇرمۇش، ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ھەققىدە تارىختا بىرىچنى بولۇپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ ئەسەرنى تۈركي مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئېتنىگىرافىيە قامۇسى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەسەردە بۇ ھەققدە بىرىنچى قول مەلۇماتلار بېرىلگەن.

     ئۇلۇغ تىلشۇناس، ئالىم، جۇغراپىيون، ئېتنىگىراف. مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تارىخى سەھالىرىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى قالدۇرۇپ بىزنى بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەندەك پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى پولو، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسلەن: پىرخۇيلان« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى درامما خارەكتىردىكى ئۇينى – سۇ – مۇز ئۇينى توغرسىدا توختۇلۇپ مۇنداق يازغان:«سۇ – مۇز غەربي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئۇينى بولۇپ سۇ – مۇز دەپ ئاتلاتتى. بۇ ئۇيۇن كۆسەن ئېلىدىن تارقالغان. ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار. بۇ قۇنتۇز، چۈمبەل، باتۇر ئۇينلىرىدەك يېرتقۇچ سۆرەتلىك يا بولمىسا جىن ئەرۋاھلار سۆرتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينلىدۇ. ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىدا سالما ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى 1- ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ 7 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇيۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن شاياتۇنلارنى قوغلاش ئۇيۇنى دەپ قارىلىدۇ…..» دەپ يازغان.

     پىرخۇيلاننىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۈچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرپىدىن رەت قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۋالغاندا سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۈچۈرۋېلىشقا قۇشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۈچۈرۈپ كەتكەن. مىلادى 1737- يىلى چىيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى پىرخۇيلاننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى بېسلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنيەدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان.

     مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركي تىللار دۋانى» نىڭ دۇنيادا ئۈچ خىل قول يازما نۇسخىسى تارقالغان. ئەسلى ئەسەر 8 جىلد، 16 قىسىملىق ئەسەر  بولۇپ 200 دىن ئارتۇق قوشاق خاتىرلەنگەن. 1916- يىلى تۈركيەدە بۇ ئەسەرنىڭ قول يازمىسى بايقالغاندىن كېيىن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ نېمىسچە، تۈركچە، ئۆزبىكچە، ئېنگىلىزچە نۇسخىلاردا نەشىر قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. يەنە بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىلىرىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەمىلكىتىمىزدە نەشىر قىلىپ تارقتىلىدى.

     پىرخۇيلاننىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ چاڭئەندە تۇرۇپ قېلىشىغا قەشقەردە بۇددىمىزنىڭ ئاجىزلاپ ئىسلام دىننىڭ ئۇمۇلىشى سەۋەپ بولغان. پىرخۇيلان يەنە قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىننىڭ تەسىردىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پىشۋا ئالىم» دېگەن شانى شاۋكەتلىك نامغا ۋە  كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا 20 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان.

     مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ باغداتتا تۇرۇپ قېلىشىغا قەشقەردە يۈز بەرگەن ئوردا پىتنىسى سەۋەپ بولغان. ھېجىرىيە 450- يىللىرى يۈز بەرگەن ئوردا پىتنىسى قىرغىنچىلىقىدا مەھمۇد قەشقەرى ئۆز ئاتا بوۋسى ۋە قەۋم قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ تەركى ۋەتەن ئەيلەپ مۇساپىرلىق يولغا كىرىشكە مەجبۇرى بولغان. بالىلىقىدىن تارتىپ ئەلەم ئىشلىرىغا قارىغاندا قەلەم ئىشلىرىغا بەكىرەك ھېرىس قىلدىغان مەھمۇد قەشقەرى ھېجىرەت يىللىرىنى ئىلمى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ تۈركي خەلقلىرىنىڭ «شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياغ كېسىپ چىققان». ئۇ«تۈركي تىللار دۋانى» يېزىپ چىقىش ئۈچۈن 20 نەچچە يىللىق ئەملى تەكشۈرۈش ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ نۇرغۇن ئەملى ماتىرىياللارنى توپلىغان ئۇ باغداتتا تۇرغان مەزگىلەردە سۇلتان ۋەزىرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ دىۋان بىگلىكىگە تەيىنلىنىپ ئالى شان شەرەپ ھەم ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولغان.

      پىرخۇيلان ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىندىك قېنى تۈكۈلگەن قەشقەرگە دەپنە قىلىنماستىن ئوتتۇرا ئىقلىم تۇپىرقىغا دەپنە قىلىنغان. مەھمۇد قەشقەرى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ قەشقەردە 7 يىل ياشاپ 97- يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم قەشقەر ئوپالغا دەپنە قىلىنغان.

     دېمەك، پىرخۇيلان بىلەن مەھمۇد قەشقەرنىڭ ھەر ئىككىسى قەشقەردە تۇغۇلغان خان جەمەتىدىن بولۇپ كىچىكىدىن باشلاپ قېتىقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. پىرخۇيلان ئانا تىلىدىن باشقا سانسىكرىت، تابغاچ(خەنزۇ) تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن. مەھمۇد قەشقەرى ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. بىرى بۇددىزىم ساھەسىدە يەنە بىرى ئىسلامزىم ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇلار ياراتقان ھەر ئىككىلا ئەسەر خارەكتىر جەھەتتىن ئانچە پەرىقلەنمەيىدىغان قامۇس خارەكترىلىك ئەسەر بولۇپ ئەينى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتنى قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. گەرچە ھەر ئىككىلا ئالىم ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تەركى ۋەتەن ئەيلەپ بىر شەرىقنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە يەنە بىرى غەرىبىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ھېجىراتتە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ئەسەرلىرىدىن ھامان ئۆز ۋەتىنى، مىللىي مەدەنىيتىگە بولغان كۈچلۈك مۇھاببەتنىڭ يىلىنجاپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: پىرخۇيلان ۋە مەھمۇد قەشقەرى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-06-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: