ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۆمۈر تۈۋرۈك

تۆمۈر تۈۋرۈك

2011-12-28 1:29     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      موڭغۇللار بۇنىڭدىن 700-800 يىللار ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان. ئۇلار بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ «خانبالىق» دەپ ئاتىغان. خانبالىق ئۇيغۇرچە خان تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈر....

     موڭغۇللار بۇنىڭدىن 700-800 يىللار ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان. ئۇلار بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ «خانبالىق» دەپ ئاتىغان. خانبالىق ئۇيغۇرچە خان تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. شۇ چاغدا موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىئونلار، ئالىملار ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاگرونوم تۆمۈر تۈۋرۈك مەشھۇردۇر.

     تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ خەنزۇچە ئىسمى تارىخى كىتابلاردا لۇمىڭشەن دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇچە، سانسىكرتچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە تىل- يېزىقلارنى پىششىق بىلىدىغان داڭلىق تەرجىمىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرىنى تەربىيىلەيدىغان «خانزادىلەر مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ ئوغلى تۆمۈر تۈۋرۈكنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلغان.

     تۆمۈر تۈۋرۈك ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكى، ھەم تىرىشچان، ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئالغان. ئۇ بىر مەزگىل خۇنەن، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەردە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر بىلىملەر ئىدى. ئۇ كۆپ يىل ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، تەجرىبە قىلىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز زامانىسىدا يېزا ئىگىلىكى بىلىملىرى ساھەسىدە جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. 1314- يىلى «تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كاتتا ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، بېسىپ تارقاتقان، بۇ ئەسەر تارقىتىلغاندىن كىيىن زور شۆھرەت قازانغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رولى شۇنداق زور بولغانكى، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قايسى ئايماق، ناھىيە، ھەتتا يىزىلىرىغىچە تارقىلىپ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللانما سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان. خەنزۇ دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بىر قىسىم زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋاقتى ۋە ئۇسۇللىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىنغان.

     تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، خەنزۇ تىل-يېزىقى جەھەتتىكى يۇقىرى سەۋىيىسى نامايان قىلىنغان. ئىككى توملۇق بۇ كىتاب مەزمۇن جەھەتتىن ھاۋا رايى، سۇ ئىنشائاتى، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىلىچىلىككە دائىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى، ھەتتا گۆش، تۇخۇم، كۆكتاتلارنى ساقلاش، چىلاش، ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىش، داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا كىشىلەرنىڭ ھەر بىر مەۋسۇمدا شۇغۇللىنىشقا تېگىشلىك يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرى ئېنىق يېزىلغان ھەم ھەربىر پائالىيەتكە ئىخچام ئىزاھات بېرىلگەن.

     ئاگرونوم تۆمۈر تۈۋرۈك شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي رايون ئەللىرىدە ئۆستۈرۈلىدىغان بىر مۇنچە زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلۈشىگە يول ئېچىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەت تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. مەسىلەن، كۆممىقوناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنى خەنزۇ دېھقانلارغا قانداق تېرىش، يىغىش ۋە ساقلاشنى ئۆگەتكەن.

     جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئالىملار ۋە تارىخچىلار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قوشقان تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىشكەن. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومۇمىي تىزىمى» دېگەن كىتابتا: «تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابى قەمەرىيە كالېندارى مەۋسۇملىرى بويىچە سىستېمىلىق، ئېنىق، ئاممىباب يېزىلغان، ئۇنىڭدىكى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىش، ساقلاشقا دائىر بايانلار كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. مەزمۇنى ئىلگىرى يېزىلغان يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كىتابلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن مول بولۇپ ، ھەقىقەتەن بىباھا كىتابتۇر …» دەپ يېزىلغان. نۇرغۇن ئالىملار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابىنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ دېھقانچىلىق قوللانمىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەشكەن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter