ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ باقىمەندىلىك تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلايلى

مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ باقىمەندىلىك تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلايلى

2011-12-29 11:55     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن ۋېنمىڭ، تەن خۇي      بۇ يىلقى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بۇ يىل ئۈرۈمچى رايونىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغا....

شىن ۋېنمىڭ، تەن خۇي

     بۇ يىلقى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بۇ يىل ئۈرۈمچى رايونىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان ئورۇنلارنى باھالاشتا، ھەر قايسى ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بۇ خىزمەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ توغرىلىغانلىقى، خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلىگەنلىكىنى بايقىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق دېدى: ‹‹كەيپىيات ناھايىتى ياخشى، تەكشۈرۈلگەن ئورۇنلار خىزمەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى تۈزگەن <ئالتىنى قىلماسلىق> ۋە <ئۈچنى قىلماسلىق> خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تەلىپى بويىچە ئىشلەيدىغان بوپتۇ، نۇرغۇن ئورۇن <بىرىنچى قول باشلىق بىۋاسىتە تۇتۇش>نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى تۇتۇپتۇ».

     مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا 41 ئورۇننىڭ ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن›› دېگەن نام – شەرىپىنى كەسكىن ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇڭ يەن: ‹‹بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز بىرەر ئورۇن بىلەن قېرىشقانلىق ئەمەس، بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق مەدەنىي ئورۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئېغىزغا ئالغىدەك، تەشۋىق قىلغىدەك، پۇت تىرەپ تۇرالىغىدەك بىر تۈركۈم مەدەنىي ئورۇننى تىكلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى خاراكتېرگە ئىگە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش››، دېدى.

«باقىمەندىلىك تۈزۈمى›› نى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك

     2011- يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئاپتونوم رايون مىقياسىدا 41 ئورۇننىڭ ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن›› دېگەن نام – شەرىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مۇددىتى توشقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 83 مەدەنىي ئورۇن ئىچىدىكى ئارقىدا قالغان %10 ئورۇننى چېكىندۈردى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 33 مەدەنىي ئورۇندىن بىر يىل مۆھلەت ئىچىدە تۈزەشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن گاڭ 12 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنى باھالاپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: نەچچە يىلدىن بۇيان، قىسمەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلاردا ھەقىقەتەن ‹‹شەرەپ تاختىسىنى قولغا ئېلىپلا بولدى قىلىش›› مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، ئۇلار كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا بولغان ئىدىيە، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتماي، تىجارەتتە زىيان تارتىش، كەسپىي خىزمەتتە بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ھەتتا ئايرىم رەھبىرىي كادىرلار قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز چېكىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ شەنىگە ئېغىر دەرىجىدە داغ تەگكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.

     ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشكارىلاش تۈزۈمى، سان تەقسىملەش تۈزۈمى ۋە ئۈچ يىلنى بىرلىك قىلغان نۆۋەت ۋاقتى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنى ھەرىكەتچان، قەرەللىك باشقۇرۇش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى ھەم بۇلتۇر ئارقىدا قالغان ئورۇنلارنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەدەنىي ئورۇنلار مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدە چېكىنسە، قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ قىلچە يۈز خاتىر قىلماي، ئارقىدا قالغانلىرىنى چېكىندۈرۈش، ھەتتا ‹‹مەدەنىي ئورۇن›› دېگەن نام – شەرىپىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى يولغا قويدى.

     ئۇقۇشىمىزچە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ بىر يۈرۈش قاتتىق باھالاش سىستېمىسى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئەخلاق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، مۇھىت قۇرۇلۇشى، كەسپىي خىزمەت، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق سەككىز مەزمۇننى، بىر ئىدارىنىڭ پۈتكۈل خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇشۇ جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىرىلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بولۇپ باھالىنىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 1817 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇننىڭ مۇددىتى توشىدىكەن، مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ ئارقىدا قالغان %10ى چېكىندۈرۈلىدۇ، دېگەن شەرتكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز دېگەندىمۇ مۇددىتى توشقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 180 مەدەنىي ئورۇن چېكىندۈرۈلىدىكەن.

باھالاش ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شېڭجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنى باھالاش شەرتكە، ئۆلچەمگە توشقانلارنى باھالاش پائالىيىتى سۈپىتىدە مۇنداق تۆت شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئەمەلىي خىزمەتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان؛ ئىككىنچى، خەلقنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزگەن؛ ئۈچىنچى، جەزمەن ئىلمىي باھالاش سىستېمىسى بولۇپ، بىر خىل ئۆلچەمدە بارلىق مەدەنىي ئورۇننى ئۆلچىگەن؛ تۆتىنچى، پاك – دىيانەتلىك، ئۈنۈمى يۇقىرى باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قوشۇنى بولغان بولۇش.

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنى باھالاش سىستېمىسىغا قايتا – قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ‹‹ئالتىنى قىلماسلىق››، يەنى زىياپەتكە قاتناشماسلىق، سوۋغا قوبۇل قىلماسلىق، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق، قاتلاممۇقاتلام ھەمراھ بولماسلىق، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماسلىق، خىزمەتنى ئاقسىتىپ قويماسلىقتىن ئىبارەت خىزمەت ئىنتىزامىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىل ئۈرۈمچى رايونىدا باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا، يەنە ‹‹مېۋە – چىۋە تىزماسلىق، ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالماسلىق، قارشى ئالىمىز دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاسماسلىق››تىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى قىلماسلىق›› كونكرېت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە يىغىنلاردا: ‹‹ئالتىنى قىلماسلىق››، ‹‹ئۈچنى قىلماسلىق›› تىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى بېسىملىق توكقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ چېقىلىشىغا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلەندى.

     «ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك›› دېگەندەك، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 18 – ئۆكتەبىردىن 3 – نويابىرغىچە يەتتە باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى رايونىدىكى 400 دىن ئارتۇق ئورۇندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ بىرەر مەسىلىمۇ كۆرۈلمىدى.

ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

     ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەندە خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، كادىرلار، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى خېلى يۇقىرى، ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرغان ئىلغار ئورۇنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلار جەزمەن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ‹‹<شىنجاڭچە ئۈنۈم> يارىتىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ، ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان ئىستىلىنى توغرىلاپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك».

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شېڭجياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 4000دىن ئارتۇق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بار، ئەگەر بۇ 4000دىن ئارتۇق ئورۇننىڭ ھەممىسى ئىسمى جىسمىغا لايىق بولۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› يارىتىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلىيەلىسە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىشىدا مۆلچەرلىگۈسىز تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا زىممىمىزگە ئىلگىرىكىدىنمۇ مۇقەددەس مەسئۇلىيەت يۈكلەندى، <تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ>، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ياساپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter