ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تىنچ ئوكيان دەۋرى كىمنىڭ بولىدۇ ؟

تىنچ ئوكيان دەۋرى كىمنىڭ بولىدۇ ؟

2011-12-31 11:06     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كېلىنتون ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹دىپلوماتىيە سىياسىتى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى ۋە ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ شەرق-غەرب مەركىزىدە سۆزلى....

     ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كېلىنتون ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹دىپلوماتىيە سىياسىتى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى ۋە ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ شەرق-غەرب مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا: تىنچ ئوكيان دەۋرى ئامېرىكىنىڭ دەۋرى بولىدۇ، ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، دېدى. ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى 21-ئەسىردىكى يەر شارى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىگە، شۇنداقلا ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە ۋەزىپىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ئامېرىكا-ياپونىيە-كورېيە خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆپ دۆلەت ئارا ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىش؛ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى سودا ۋە سېلىنما مىقدارىنى كېڭەيتىش؛ كەڭ دائىرىلىك ۋە مۇقىم ھەربىي مەۋجۇتلۇق بەرپا قىلىش؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇكەممەللەشكەن بىر خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىساد قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى رەھبەرلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت .

     ئامېرىكا ئاغزىدا مۇشۇنداق دېيىش بىلەنلا قالماي، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ 19-قېتىملىق باشلىقلار غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە ئوبامانىڭ شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شامىلى چىقىرىپ، ئۇنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ‹‹قايتىپ كېلىش›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندۇردى.

     ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى ‹‹تىنچ ئوكيان زۇڭتۇڭى›› دەپ، ئامېرىكىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ‹‹دائىملىق دۆلەت›› دەپ ئاتاپ كەلدى، بۇ قېتىممۇ ئۇ 21-ئەسىر ئامېرىكىنىڭ ‹‹تىنچ ئوكيان دەۋرى›› بولىدۇ، دەپ ئېنىق جاكارلىدى. مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تىنچ ئوكيان رايونى ھازىر دۇنيا بويىچە ئىقتىساد ئەڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان رايون بولۇۋاتقانلىقىدا. كېيىنكى كىرىزىس دەۋرىدە ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا، مۇئەييەنسىزلىك ئامىللىرى كۆپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا بۇنداق بىر ھەرىكەت ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېشىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئالدىراپ كەتمەكتە. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان سودا شېرىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلغان ھالدا ‹‹ئېكىسپورتنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ›› چوڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالىشىنى قىياس قىلىش تەس .

     يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مېخانىزىم قۇرۇلۇشى ئەمدىلا باشلىنىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ نىسبىي ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە پايدىلىق تۈزۈم ئورناتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك رامكىسى بەرپا قىلىش ئىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە ‹‹تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى›› سۆھبىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ‹‹كېيىنكى ئەۋلاد›› ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. بۇ كېلىشىمنى يېڭى زېللاندىيە، سېنگاپور، چىلى، برونى قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز ئارا كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر تولىمۇ ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن ۋەزىنى چوڭ بولمىدى، شۇڭا ئۇنى كۆپىنچە ئادەم بىلمەي كەلگەن ئىدى. لېكىن 2009-يىلى ئامېرىكا بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ ھە دەپ ۋائىزلىق قىلىشى ئارقىسىدا، ياپونىيە بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇزۇن يىللار بېرى سۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللاندى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېتەرسىزلىكى تولۇقلانغان بولدى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىقتىساد-سودا ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالدى .

     ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مېخانىزىم قۇرۇلۇشى يەنە بىر قېتىم كوچا دوقمۇشىدا تۇرماقتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ مېخانىزىمدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ناھايىتى مۇھىم ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى پارچىلانغان رايون ياكى مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن رايون بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

     شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ لايىھەسىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەسەۋۋۇرى سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلغىنى يوق. ھىلارى كېلىنتون ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەرپا قىلىنغان ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سىستېما ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، يېڭى تىنچ ئوكيان سىستېمىسى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئاتلانتىك ئوكيان سىستېمىسى ياۋروپانى پارچىلىۋەتتى، تارىخ قايتا تەكرارلىنامدۇ -قانداق؟ ئەلۋەتتە، ھىلارى كېلىنتون ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىلغان سېلىنمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، ‹‹جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى›› مۇ بىلدۈردى. دېمەك ئامېرىكا ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن گەپ، شۇڭا ئۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېڭى ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلىشىش لازىملىقىنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان . ئومۇمەن ئالغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى بىر مۇنچە ئىچكى-تاشقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم .

     جۇڭگو بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەر ئىككى تەرەپ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساقلىق ئاساسىدىكى مۇكەممەل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. تىنچ ئوكيان دەۋرى ئوكيان بويىدىكى دۆلەتلەرگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك.

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

      زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

     تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991  

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter