تەكەببۇر كىشى ئەمەلىيەتتە بلىمسىز كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرسىقىدا قانچىلىك ئۇماچ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ پايانسىز دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
مەن ئويلايمەنكى، ھەر بىر ئادەم باسقىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ياشىشى كېرەك.
مەن خۇددى تالغا ئوخشاش قەيەرگە سانجىپ قويسا، شۇ يەردە كۆكلەيمەن.
كىشىلەرنىڭ ھاياتى چەكلىك بۇلىدۇ. لېكىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش چەكسىز بۇلىدۇ. مەن چەكلىك ھاياتىمنى چەكسىز بولغان خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بېغىشلايمەن.
كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن، ئەقىل – پاراسەت ئەمگەكتىن، ھەركەت ئىدىيەدىن، شان – شەرەپ كوللىكتىپ تەرىپىدىن يارتىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزەڭنىڭ قىيىنچىلىقى، يولداشلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزەڭنىڭ بەختى دەپ بىلگىن.
مىنىڭچە بىر ئىنقىلابچى ئىنقىلابنىڭ غەلىبە مىۋىسىنى 1- ئورۇنغا قويالىسا، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىيالىسا، ئۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
خىزمەتتە ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كىشىلەرگە، تۇرمۇشتا ئۆزەڭدىن تۆۋەن كىشىلەرگە توغرا قاراش كېرەك.