ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ماۋ زېدوڭنىڭ دۇنيانى قايىل قىلغان سەككىز ئۇلۇغ تەرىپى

ماۋ زېدوڭنىڭ دۇنيانى قايىل قىلغان سەككىز ئۇلۇغ تەرىپى

2012-01-19 5:37     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ماۋ زېدوڭ دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ شەخس، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قەھرىمانى. ئۇنىڭ شەرەپلىك ئىدىيىسى، ئالىيجاناپ خىسلىتى ۋە ئۇلۇغ سالاپىتى جوڭگۇ خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇپلا قالماي، دۇنيا خ....

     ماۋ زېدوڭ دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ شەخس، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قەھرىمانى. ئۇنىڭ شەرەپلىك ئىدىيىسى، ئالىيجاناپ خىسلىتى ۋە ئۇلۇغ سالاپىتى جوڭگۇ خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇپلا قالماي، دۇنيا خەلقىمۇ چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغان. دۇنيا خەلقىنى قايىل قىلغىنى ماۋ زېدوڭنىڭ تۆۋەندىكى سەككىز ئۇلۇغ تەرىپى.

     بىرىنچى، ماۋزېدوڭ خەلققە تايانغان، ھەممىدە خەلقنى كۆزلىگەن. 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ماۋزېدوڭ ج ك پ 7- قۇرۇلتېيىنىڭ سىياسىي دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: بىز كومۇنىستلارنىڭ باشقا ھەرقانداق سىياسىي پارتىيەدىكىلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگۈمىز ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنۇتىشتىن ئىبارەت. جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئاممىدىن قەتئىي ئايرىلماسلىق؛ ھەممىدە خەلق مەنپەتىنى چىقىش قىلىش، ھەرگىزمۇ شەخس ياكى كىچىك گۇرۇھلارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلماسلىق؛ خەلققە مەسئۇل بۇلۇش ۋە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا مەسئۇل بۇلۇشنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش؛ مانا مۇشۇلار بىزنىڭ چىقىش نۇقتىمىش. كومۇنىستلار ھەر ۋاقىت ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق ھەقىقەت خەلق مەنپەتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ؛ كومۇنىستلار ھەرۋاقىت خاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق خاتالىق خەلق مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

     ئىككىنچى، ماۋزېدوڭ ئاق كۆڭۈل بۇلۇپ، دائىم ئۆز مەنپەتى بىلەن ھىسابلاشماي، ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىگەن. ماۋزېدوڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئاق كۆڭۈل، ئۆز مەنپەتى بىلەن ھىسابلاشماي ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەيدىغان بۇلۇپ، يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى بۇلۇپ شەخسىي مال – مۈلكىنى تۇلۇق ئاشكارلىغان.

     ئۈچۈنچى، ماۋزېدوڭ چىرىكلىكنى تۈزەشتە مەيلى ئېغىر بولسۇن ياكى يىنىك بولسۇن بوش قويۇۋەتمىگەن. خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىشكە ماۋزېدوڭ ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم ئەمەلدارلارنى تۈزەش كېرەك دېگەن.

     تۆتىنچى، ماۋزېدوڭ ھوقۇق مەنپەئەتكە بىرىلمەي، ئالاھىيدە ئىمتىيازنى رەت قىلغان. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى بارتىلىغاندا، ئۇ ئوغلىنى ئارمىيەگە قاتناشتۇرغان. باشقىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ توسىغاندا ئۇ: كىم ئۇنى ماۋزېدوڭنىڭ ئوغلى بولسۇن دەپتۇ، ئۇ بارمىسا كىم بارىدۇ؟ دېگەن. كېيىن ماۋ ئەنيىڭ قۇربان بولغان. قىزى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ ھۆكۈمەت ئاپتومۇبىلىدا ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە قوشۇلمىغان. باشقىلار سوۋغا تەقدىم قىلغاندا ھەممىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشنى جېكىلىگەن. ئۇرۇق – تۇققان، دوست بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بىرىشنى ئېيتقاندا، ئۇ بىردەك رەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپلا قالماي، ئەتراپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويغان.

     بەشىنچى، ماۋزېدوڭ ئىقتىسادچىل، ئاددىي – ساددا، پاك – دېيانەتلىك بولغان. ئۈچ يىللىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، ماۋزېدوڭ پۇقرالار بىلەن جاپا – مۇشەققەتتە بىرگە بۇلۇپ، مائاشىنى باشلامچى بۇلۇپ تۆۋەنلىتىپ، گۆش يىمىگەن. ئۇ بىر كېچىلىك كىيىمنى 20 نەچچە يىل كىيگەن.

     ئالتىنچى، ماۋزېدوڭ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلىشى بىلەنلا كونا جوڭگۇدىن قالغان قىمارخانا، ئەپيۇنخانا، پاھىشخانا، گۆرۈخانا ….. قاتارلىقلارنى تاقاشقا بۇڭيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىجتىمائىي چىرىكلىكنى چەكلەپ، جوڭگۇ جەمىيىتىنى ساپلاشتۇرغان. 1949- يىلى 11- ئايدا بىر كىچىدىلا بېيجىڭ شەھرىدىكى بارلىق پاھىشخانىلار پىچەتلەنگەن، ئارقىدىنلا مەملىكەت بۇيىچە ھەر قايسى جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن پاھىشخانىلار تاقىلىپ، پاھىشىلەر مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ دۇنيا خەلقىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان.

     يەتتىنچى، ماۋزېدوڭ زوراۋانلىقنى كۆزگە ئىلماي، جاسارىتىنى سۇندۇرمىغان. ئۇنىڭ «ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس» دېگەن بۇ مەشھۇر سۆزى دۇنيانى زىل – زىلگە كەلتۈرگەن. دۆلەتنىڭ ئىگىل؛ىك ھوقۇقى، مىللەتنىقڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىكلا ئىش بولسا ئۇ تىغمۇ تىغ قارشىلاشقان. ئازراقمۇ يول قويمىغان. ھەرقانداق نەرسىگە تىز پۈكمىگەن ۋە قورقۇپ قالمىغان.

     سەككىزىنچى، ماۋزېدوڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، قولدىن كەتكەن زىمىننى قايتۇرۋېلىشقا بەل باغلىغان. ئامېرىكىلىق ئالىم موررىس مسىنىر مۇنداق دېگەن: ماۋزېدوڭ دەۋرى ھەرگىزمۇ ھازىر خەۋەرلەردە ئېيتىلىۋاتقاندەك ئاتالمىش ئىقتىساد توختاپ قالغان دەۋر ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زامانىۋىلىشىش دەۋرى. گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە روسىيە قاتارلىقلارنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىكىدىنمۇ قېلىشمايدىغان دەۋر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter