ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بايلىقنى ئادەم يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ؟

بايلىقنى ئادەم يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ؟

2012-01-19 10:15     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: نې جىڭ            بايلىقنى ئادەم يارىتىدىغانلىقى ئېنىق. ئادەم بولمىسا، بايلىقنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئادەم بايلىقنى يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغا....

نې جىڭ

     

     بايلىقنى ئادەم يارىتىدىغانلىقى ئېنىق. ئادەم بولمىسا، بايلىقنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئادەم بايلىقنى يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىدۇر.

     كىشىلەر مال – دۇنياغا، داچىغا، داڭلىق پىكاپ ۋە قىممەتلىك جاۋاھىراتلارغا ئامراق كېلىدۇ. بۇلارغا ئىنتىلىش ئىستىكى ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بىر خىل كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بايلىق يارىتىش جەريانىدا يېتىلىپ، مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش قوللانمىلىرىدا، چۈمۈلە بىلەن ھەسەل ھەرىسى ئەڭ ئەمگەكچان جانلىق، دەپ قارالغان. لېكىن بۇ بىرتەرەپلىمە قاراش. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماقالىسىدە: ئىنسانلارنى ئەڭ ئەمگەكچان، دېيىش كېرەك. چۈنكى ‹‹چارچاپ ئۆلۈپ كېتىدىغان›› ئەھۋال پەقەت ئىنسانلاردىلا بولىدۇ.

     تۇرمۇشتا، كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز: باشقىلارنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ كەسكىن ھەرىكەتكە كېلىپ، باشقىلاردەك ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ باشقىلاردىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمىگەنلىكىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز. بايلىققا ئېرىشمەك بەك ئاسان. بىز كەسكىن ھەم ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كېلىدىغانلا بولساق، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بايلار كەسكىن بولغاچقا ئۇتۇق قازىنالىغان.

     پۇرسەت ھەرگىز ھۇرۇنلارنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. تاغدەك ئالتۇن بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بۇنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئۆمۈر بويى تىرىشماي، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا كۆزىنى قىزارتىپ، ھەسەت قىلىپ يۈرۈشنىلا بىلىدۇ.

 

     ئۆزىڭىزنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

 

     يولدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا 100 يۈەنلىك پۇل ئۇچراپ قالسا، گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلغان ھالدا، ئۇنى ئېلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ئۇ بىر تىيىن بولۇپ قالسىچۇ؟ سىز چوقۇم ئۇنى ئاز كۆرۈپ، كۆز قىرىڭىزنىمۇ سالماي ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

     ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جۇڭگولۇق باي لى جياچېڭ خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىدا بەك سېخىي بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىكەن. بىر قېتىم لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ غەربىي رايون مائارىپ پىلانى زىيارەت ئۆمىكى شىنىڭنى زىيارەت قىلغاندا، لى ئەپەندى ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىغا: 100 مىليون يۈەن چىقارغىن دېسىڭىز، ھازىرلا چىقىرىمەن، لېكىن، كىمىكى بىر تىيىننى يەرگە تاشلىۋەتسە، مەن ئۇنى دەرھال ئېلىۋالىمەن، دېگەن.

     لى جياچېڭنىڭ سۆزىدىن بىز ئۇنىڭدىكى ھەيران قالارلىق ‹‹بېخىللىق››نى ھەم نامراتلاردا كەمچىل بولغان نەرسىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ شۇنچە پۇلدار تۇرۇپمۇ بىر تىيىن ئۈچۈن قەددىنى ئەگكەن يەردە، بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەر قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، بىر تىيىن پۇلنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسەك قانداق بولىدۇ؟ بايلىق يارىتىش زېھنىنى سىنايدىغان ئويۇن بولۇپلا قالماي، بەلكى مول ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكەت ئويۇنىدۇر.

     دۇنيانىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشى ئىنسانلارنىڭ بايلىق قوغلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ سەل بىرتەرەپلىمە قاراش بولسىمۇ، لېكىن بۇنى خاتا، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بايلىق ئادەم ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم. ئەدەبىي ئەسەرلەر، بەزى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سۆزلىرى، گېزىتلەر ۋە تېلېۋىزورلاردا، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا چوڭ – چوڭ سۆزلەرنى قىلىپ، ئۆزىنى بەك سىپايە، بايلىقنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. پۇل ھەممە يامانلىقنىڭ مەنبەسى، دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ يەنىلا ياخشى نەرسە. كىشىلەر پۇل تاپماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ يەنىلا سېپى ئۆزىدىن ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ھەرقانداق كىشى ھەقىقىي بايلارغا ھەسەت قىلىپلا قالماستىن، ئۆزى ئېرىشەلمىگەن، ھەتتا ئېرىشىمەن، دەپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىلەرگە يەنىلا ھەۋەس قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter