ئالىم بىز بلوگى

بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ پەرقى

     بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا مال – مۈلۈككە دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە پۇل – مالنى ئاشكارا تارتىۋالىدۇ، سۇبيېكتىپ جەھەتتە جامائەتنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. ئىككى جىنايەتنىڭ ئاساسلىق پەرقى مۇنداق:

     بىرىنچى، دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ. بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىدىغىنى جامائەتنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ بولسا، مال – مۈل−ۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

     ئىككىنچى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. جىنايەت سادىر قىلىش جەريانىدا بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە باشقا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. تارتىۋېلىش جىنايىتىدە باشتىن – ئاخىر بۇ ئۇسۇللارنى قوللانمايدۇ. پۇل – مالنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن مۇئەييەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ پەقەت تارتىۋېلىنغان پۇل – مالغا قارىتىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا بىۋاسىتە دەخلى – تەرۇز قىلمايدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى پۇل – مالنى تارتىۋېلىش جەريانىدا بەك كۈچەپ كەتكەنلىكتىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قەستەن زورلۇق ئىشلەتمىگەنلىكتىن يەنىلا تارتىۋېلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر يېنىك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تارتىۋېلىش جىنايىتىدىكى ئېغىر جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، دەپ قارالسا بولىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندا تارتىۋېلىش بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگىلا تەييارلىق قىلغان، لېكىن نەق مەيداندا، ئەمەلىيەتتە، تارتىۋېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسا، تارتىۋېلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىش كېرەك. ئەگەر تارتىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋارقىرىغانلىقتىن ياكى ئارقىدىن قوغلىغانلىقتىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، جىنايەت پاكىتلىرىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى قولغا ئېلىشقا قارشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا زورلۇق قىلغان ياكى زورلۇق قىلىش ئارقىلىق تەھدىت سالغان بولسا، بۇ بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ پەرقى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-01-17
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: