ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نىمە ئۈچۈن قىيىن؟

جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نىمە ئۈچۈن قىيىن؟

2011-08-03 5:41     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      مەن نيۇ يوركتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم: يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىلق خوجايىن ئىشچىلارغا ئىش ھەققى قوشۇپ بەرمەكچى بوپتۇ. سوممىسى يۇقىرى ئىكەن. ھەر بىر ئ....

     مەن نيۇ يوركتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم: يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىلق خوجايىن ئىشچىلارغا ئىش ھەققى قوشۇپ بەرمەكچى بوپتۇ. سوممىسى يۇقىرى ئىكەن. ھەر بىر ئادەمگە 500 ئامېرىكا دوللىرى، بىراق خوجايىننىڭ بەلگۈلىمىسى: ھەر بىر گورۇپپا پەقەت بىرلا ئادەمگە قوشۇش، كىمگە قوشماقچى بولسا، ھەرقايسى گۇرۇپپا دېمۇكراتىك ئاساستا مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىدىكەن. بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئاسىيادىن كەلگەن بۇلۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ياپونىيە گورۇپپىسى، ۋېيتنام گورۇپپىسى، كورىيە گورۇپپىسى، جوڭگۇ گورۇپپىسى دەپ ئايرىلىدىكەن.

     ئۇقتۇرۇش چۈشكەندىن كېيىن كاتىپ قىز ھەرقايسى گورۇپپىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىش ھەققى قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى يوللاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ياپونىيە گورۇپپىسى ئەڭ تېز بۇلۇپ، بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ئىسىملىكىنى چىقىرىپ خوجايىنغا بىرىپتۇ. خوجايىن ئىسىملىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بوپتۇ. بۇ دەل خوجايىن كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم ئىكەن. تېخنىكىسى يۇقىرى، ئىش سۈرئىتى تېز ئىكەن. ۋېيتنام گورۇپپىسى مەلۇم قىلغان ئادەم تېخنىكىسى ئوتتۇرھال، مائاشى تۈۋەن بىچارە ئادەم ئىكەن. كورىيە گورۇپپىسىمۇ تېخنىكىسى ناچار، ئەمما مۇناسىۋەتكە ئۇستا بىرسىنى مەلۇم قىلىپتۇ. خوجايىن بېشىنى چايقاپ نائىلاج قاپتۇ.

     جوڭگۇ گورۇپپىسىچۇ؟ نىمىشقا تېخىچە مەلۇم قىلمايدۇ؟ ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا كاتىپ قىزچاق ئۇلارنى قايتا-قايتا ئالدىرتىپتۇ …… نەتىجىدە جوڭگۇلۇقلارغا مائاش قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن!

     خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ. ئەجىبا جوڭگۇلۇقلار راستىنلا كومۇنىستىك خىسلەتنى جارى قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟ ئەجىبا مۇشۇنداق ياخشى ئىنئامنى ئالمامدىغاندۇ؟ خوجايىن ئىشەنمەي ئۆزى جوڭگۇ گورۇپپىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كىلىپ، ئاخىر ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىپتۇ. ئەسلىدە جوڭگۇ گورۇپپىسىدىكى بەش ئادەم يېرىم كۈن مۇزاكىرە قىلىشىپ، بىر بىرىدىن تالىشىپ، ھېچكىم- ھېچكىمگە يول قويماپتۇ. ئۇلار خوجايىندىن: يا تەڭ تەقسىم قىلىپ ھەر بىرىمىزگە 100 دوللاردىن قوشايلى، يا ھېچكىمگە قوشمايلى! دەپ تەلەپ قىپتۇ.

     خوجايىن ئاچچىقلىنىپ قولىنى سىلكىپ، جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى بىكار قىپتۇ.

 

     مەنبە: شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter