ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى مەڭگۈ نۇر چاچقۇسى

پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى مەڭگۈ نۇر چاچقۇسى

2011-08-04 7:23     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىسمائىل تىلىۋالدى  (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)        ئېلىمىز ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگ....

ئىسمائىل تىلىۋالدى

 (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)

 

     ئېلىمىز ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق قىلىپ ۋە ئۇلارغا زىچ تايىنىپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو، سوتسىيالىزم قۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ شانلىق داستانى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلغانلىقىغا ئائىت چوڭ ئەسەر. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىنى، بولۇپمۇ پارتىيەمىزنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشى، مىللىي قانۇن – تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، مىللەتلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە مىللىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

بوشاشماي ئىزدىنىش

 

     ئېلىمىز كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە. ئۇزاق ئىجتىمائىي، تارىخىي مۇساپىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق قويۇق بېرىش – كېلىش قىلىپ، بىر – بىرىگە تايىنىپ، ئالاقە قىلىپ، بىرلىشىپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى.

      1921- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئىجادىي ھەل قىلىپ، دېموكراتىك، ئىلمىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي ئىزدەندى. 1922 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 2 – قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 2 – قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسى››دە جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ئىشچى – دېھقان قىزىل ئارمىيەسى 1934 – يىلىدىن 1935 – يىلىغىچە بولغان ئۇزۇن سەپەردە يىزۇ، زاڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئاپتونومىيە خاراكتېرىگە ئىگە بىرقانچە ھاكىمىيەتنى قۇردى. 1938 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6 – قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش ماۋ زېدۇڭ: ‹‹موڭغۇل، زاڭزۇ، مياۋزۇ، ياۋزۇ، يىزۇ، فەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن باراۋەر ھوقۇقى بولۇشىغا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىدا ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇشىغا، شۇنداقلا خەنزۇلار بىلەن بىرلىكتە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1941 – يىلى 5 – ئايدا تەستىقلىغان ‹‹شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونىدا سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى››دا: ‹‹مىللەتلەر باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، موڭغۇل، خۇيزۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلىدۇ، موڭغۇل، خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە 1946 – يىلى 4 – ئايدا ماقۇللانغان ‹‹شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى››دا: ‹‹چېگرا رايوندىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار مىللىي رايون قىلىپ ئايرىلىپ، مىللىي ئاپتونومىيە ھاكىمىيىتى تەشكىللىنىدۇ، ئۆلكە ئاساسىي قانۇنى بىلەن زىت بولماسلىق پىرىنسىپىدا ئاپتونومىيە قانۇن –نىزاملىرى چىقىرىلىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1947 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە تىكلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاندى.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1949 – يىلى 9 – ئايدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنلۇق رولىغا ئىگە ‹‹جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى››دا: ‹‹ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ۋە رايوننىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بويىچە، ھەر خىل مىللىي ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قۇرۇلىدۇ››، دەپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن پارتىيەمىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يادرو قىلغان مىللىي سىياسەت، نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندى ھەم ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان تۈپ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندى.

     پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 1955 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، 1958 – يىلى 3 – ئايدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، 1958 – يىلى 10 – ئايدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، 1965 – يىلى 9 – ئايدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست، 120 ئاپتونوم ناھىيە (خوشۇن)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 155 مىللىي ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇلدى. 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ 44ى ئاپتونومىيەلىك جاي قۇردى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %71ىنى، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ يەر كۆلىمى مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %64ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە، ئېلىمىزدە يەنە 1100دىن ئارتۇق مىللىي يېزا قۇرۇلدى.

      مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئورنىتىلىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز مىللەتلەر باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹ئېھتىيات بىلەن پۇختا ئىلگىرىلەيدىغان›› بىر يۈرۈش مىللەتلەر خىزمىتى فاڭجېنى ۋە كونكرېت سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، مۇناسىپ دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ھەر خىل ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا بىرلىكتە يېتەكلىدى.

      پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش مەزگىلىدىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ جەۋھىرى 2007 – يىلى 10 – ئايدا پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر بىردەك ئەمەل قىلىدىغان: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەر، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى پائال تەربىيەلەپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ››، دېگەن ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندى.

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2010 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، تېخىمۇ زور غەيرەت، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە سالمىقى مىسلىسىز، مۇكەممەل يۆلەش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈردى.

     ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىزدە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ئۇزاققىچە بوشاشمايدىغان تارىخىي ئىزدىنىش ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش، يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى مەركەزنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قانات يايدۇرغان ئۇلۇغ سىياسىي ئەمەلىيىتى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى بولۇش سۈپىتىدە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

 

شانلىق تارىخىي مۇساپە

 

      ئەمەلىيەت جەريانىدا مىللىي باراۋەرلىكنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، مىللىي گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولغان تۈزۈلمە، مېخانىزم، چارە – تەدبىرلەرنى قانۇن – تۈزۈم شەكلىدە بېكىتىپ، مۇقىم، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم قىلىپ شەكىللەندۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇھىم يولى.

      1949- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان پەيتتە، پارتىيەمىز مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشنى يېڭى جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتتى. 1952 – يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش تېزىسى››نى ئېلان قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك جاي تەسىس قىلىش، ئاپتونومىيەلىك ئورگان تەشكىللەش، ئاپتونومىيەلىك ئورگاننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى. 1954 – يىلى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى›› تۈزۈلۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى.

      1978- يىلى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش يولغا قويۇلۇپ، ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شۇنىڭدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىشلىرى يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى. 1981 – يىلى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا قارار››دا: ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى جەزمەن بوشاشماي يولغا قويۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››، دەپ تەكىتلەندى. 1984 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› رەسمىي تۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى شەكلىدە تولۇق نامايان قىلىندى. 2001 – يىلى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئەمەلىيىتى ۋە پارتىيەمىزنىڭ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››غا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئېلىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە 240 نەچچە قانۇن ئىچىدە، 80 نەچچە قانۇندا مىللىي مەسىلىگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار.

      2005- يىلى گوۋۇيۈەن ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى>نى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك رايونلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىدى، بۇ، ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتىكى تۇنجى مەمۇرىي نىزام بولۇپ قالدى. بىر قانچە بەلگىلىمىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۆلەش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى، نوپۇسى ئازراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى روناق تاپقۇزۇشقا ياردەم بېرىش پىلانى ۋە چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، تۈر، مەبلەغ، سىياسەت قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتتى. ھازىر ئېلىمىزدە ئاساسىي قانۇننى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەگە دائىر بەلگىلىمە چىقىرىشنىڭ يادروسى قىلىدىغان، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئاساس قىلىدىغان، گوۋۇيۈەن ۋە باشقا فۇنكسىيەلىك تارماقلار تۈزگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى مەمۇرىي قانۇن – نىزام ۋە تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى، مىللىي تېررىتورىيەلىك جايلار تۈزگەن ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملار ھەم ئاپتونوم رايون ۋە تەۋەلىكىدە مىللىي تېررىتورىيەلىك جاي بولغان ئۆلكە(شەھەر)لەر تۈزگەن يەرلىك نىزامنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان جۇڭگوچە مىللىي قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

     جۇڭگونىڭ مىللىي قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەلىيىتىنىڭ قانۇنىي يەكۈنى، بۇ، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مۇھىم قانۇن – تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

 

ئۇلۇغ ئەمەلىيەت

 

     مىللىي مەسىلە نەزەرىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيەت مەسىلىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىشنى باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەت خاراكتېرىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، دەپ قارىدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى.

     «1-بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئېلىمىزدىكى 159 چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 40ى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى ۋە ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ سانائەت كارخانىلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ زامانىۋى سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان زور بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى يەنە ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىر قانچە مۇھىم بايلىق ئېچىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش سانائىتى بازىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى مەۋقە قىلغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭدى.

     2000- يىلى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىش غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى باش ۋەزىپە بولدى. ھازىر بەش ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست، 120 ئاپتونوم ناھىيە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ياكى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

     60 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىكپارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى:

     بىرىنچى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى روشەن تېزلەشتى. 2010 – يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 تىرىليون 189 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 2005 – يىلىدىكىدىن %89.2 ئاشتى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %13.6بولدى. يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 133 مىليارد يۈەندىن 409 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %240 ئاشتى. شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى 15 مىڭ 926 يۈەنگە يېتىپ، %80.2 ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4239 يۈەنگە يېتىپ، %86.2 ئاشتى. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، خاس دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق، مىللىي مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تېز راۋاجلىنىپ، بىرقانچە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

     ئىككىنچى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ چوڭ – چوڭ ئۇل مۇئەسسەسە تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 914 مىڭ كىلومېتىرغا، تۆمۈريول ئومۇمىي تىجارەت مۇساپىسى 25 مىڭ 900 كىلومېتىرغا يەتتى، ئۈرۈمچى، يىنچۈەن قاتارلىق 20 نەچچە ئايرودۇرۇمنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە 19 يېڭى تارماق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تاماملاندى. بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قاتارلىق چوڭ – چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

     ئۈچىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. 2010 – يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 63 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2005 – يىلىدىكىدىن %147ئاشتى؛ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 250 مىليون دوللارغا يېتىپ، %149ئاشتى. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى.

      تۆتىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلاندى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى. 2010 – يىلى بەش ئاپتونوم رايوندىكى 686 ناھىيە ‹‹ئىككى ئاساسەن›› بويىچە تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىشتا ئۆلچەمگە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %98.1 ىنى ئىگىلىدى. داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان ساقلىق ساقلاش تېخنىك خادىمى 3.3 كىشىگە يېتىپ، 2005 – يىلىدىكىدىن %22.2 ئاشتى. شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت، تەنتەربىيە، رادىيو، كىنو – تېلېۋىزىيە، ئاخبارات – نەشرىيات ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى.

     بەشىنچى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نامراتلارنىڭ ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2000 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە سەككىز ئاز سانلىق مىللەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلار 31 مىليون 441 مىڭدىن 10 مىليون 340 مىڭغا ئازايدى، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %23.01تىن %7كە تۆۋەنلىدى. ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى نۇقتىلىق نامرات ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2001 – يىلىدىكى 1219 يۈەندىن ئېشىپ، 2010 – يىلى 3131 يۈەنگە يەتتى، مال باھاسى ئامىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12.5تىن ئېشىپ باردى. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

     ئالتىنچى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. نەچچە ئون يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. 2009 – يىلىغا قەدەر ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىر 2 مىليون 900 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. مەملىكەت بويىچە مەمۇرلار قوشۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر %9.6نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىر تەڭ دەرىجىدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %7.7ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئېلىمىز 1984 – يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى بەزى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە شىزاڭ سىنىپى، شىنجاڭ سىنىپى ئاچتى، 2003 – يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھىرىدە تولۇقسىز سىنىپ ئاچتى. ئېلىمىز 2006 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلىدى. دۆلەت يەنە مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شەرقىي رايوندىكى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن مۇنەۋۋەر ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ، غەربىي رايون، كونا ئىنقىلابىي ئازاد رايون ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا چېنىقىشقا ئەۋەتتى.

 

ئاساسىي كاپالەت

 

     پارتىيەمىز ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشقا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر يۈرۈش ئىلمىي، مۇكەممەل مىللىي سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئىچىدە:

     مىللەتلەر باراۋەرلىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى. پارتىيەمىز ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللەردە تۈزگەن مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى قوغداش مەقسىتى ئۇنىڭ باش – ئايىغىغا چوڭقۇر سىڭگەن. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پەرقلىق ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى پەرقلىق بولۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىللەتلەر سىياسىتى تۈزۈپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى بېكىتىپ، مۇناسىپ ياردەم بېرىش – يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

     مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يادروسى. دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگان تەسىس قىلىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇشتەك دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى ئىلمىي تەتبىقلاپ، جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇلۇغ تۈزۈم يېڭىلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەت بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلىتىمىز ئەھۋالى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى شەكسىز ئاساسىي تەجرىبىسى، تەۋرىنىشكە بولمايدىغان ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان چوڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

     «ئىككى ئورتاق›› پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ قىممەت يادروسى. مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى پارتىيەمىز تارىخ ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ‹‹ئىككى ئورتاق›› يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى سۈپىتىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، بۇ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات نىشانىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ‹‹ئىككى ئورتاق››تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى چىڭ تۇتقانلىق يېڭى ۋەزىيەتتە مىللىي مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنىڭ نېگىزىنى تۇتقانلىق ھېسابلىنىدۇ.

     پارتىيەمىز يۇقىرىقى تۈپ سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، ھەم بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىش ئاساسىي ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلاشقان، ھەم ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادىتىنىڭ كۆپ خىل ۋە پەرقلىق بولۇشتەك ئاساسىي ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلاشقان؛ ھەم ئېلىمىز تارىخىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلىگەن، ھەم دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى پائال ئۆرنەك قىلغان؛ ھەم تۈپ پىرىنسىپ، تۈپ ئىدىيەنىڭ مۇقىملىقى، ئىزچىللىقىنى ساقلىغان، ھەم خىزمەتتىكى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تولۇقلانغان، يېڭىلانغان، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تارىخىي ۋە رېئال ئىلمىي ئاساسلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. بۇ تۈپ سىياسەتلەر توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە جۇغلانمىغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى ۋە تۈپ سىياسەت كاپالىتى.

     90 يىللىق بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپە، 90 يىللىق شانلىق مۇساپە. تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى مىللەتنىڭ ھايات، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئۈمىد مەنبەسى بولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، 56 مىللەتنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىشەنچلىك تەشكىلىي كاپالىتى بولغۇسى. ھازىر بىز ‹‹12 – بەش يىل››لىق قۇرۇلۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، بۇ، ئېلىمىز ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم مەزگىل. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك ۋە شادىمان بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter