ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2011-08-05 12:34     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئايگۈل قۇربان         پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئا....

     ئايگۈل قۇربان

 

      پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك›› دەپ تەكىتلەندى. بۈگۈنكى دەۋردە مەدەنىيەت ئىقتىساد، سىياسى، پەن – تېخنىكا بىلەن گىرەلىشىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم ئامىلىغا ئايلاندى. ھازىرقى دەۋردە مەدەنىيەت ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىدىيەۋى كاپالەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساس، شۇنداقلا بىر مىللەت ۋە ياكى بىر دۆلەتنى باشقا مىللەت ۋە دۆلەتتىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالدى. مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەن دۆلەت مەڭگۈ قۇدرەتلىك دۆلەت بولالمايدۇ. مەدەنىيەت بارغانسېرى مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىجادچانلىق كۈچىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم ئامىلىغا ئايلانماقتا. ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش – سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. شۇڭا يېڭى تارىخىي شارائىتتا، مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز لازىم.

     بىرىنچى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ خاسلىقى ۋە قان تومۇرى. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە شۇ مىللەتنىڭ دۇنياغا ۋە تۇرمۇشقا بولغان تارىخىي تونۇشى ۋە ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋى بايلىقى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭمۇ قىممەتلىك بايلىقىدۇر. ئۇزاقتىن بۇيان مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى، شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئۆتمۈشكە توغرا قاراپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، قېزىش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى ۋە سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

     ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەركىب، تەقسىمات ئۇسۇلى، مەنپەئەت شەكلى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭىدا كۈنسېرى ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىماقتا. ئەمما شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، ئېلىمىزدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتتە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي بازىس بىلەن سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، مىللىيلىق، ئىلمىيلىك ۋە ئاممىۋىلىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى بېيىتقىلى، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مەھسۇلاتىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم. بۈگۈنكى دۇنيادا مەدەنىيەت – مىللەتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىجادچانلىق كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەم مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. شۇڭا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مەزمۇن ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

     تۆتىنچى، مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم. مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش – سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. نۆۋەتتە، دۇنيادا مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە خەلق ئىگىلىكىدىكى ئورنى تېز ئۆرلىمەكتە. بۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمال ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر دىققەت – ئېتىبارىنى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت بازىرىغا قويماقتا. شۇڭا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە، باج، پۇل – مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېلىمىز مەدەنىيەت كەسپىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى تېزلىتىشىمىز لازىم.

     بەشىنچى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز لازىم. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەسىر كۈچى ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچە، جەلپكارلىققا ئىگە بولغان – بولمىغانلىقىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئىلغار تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە كۈچلۈك تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان – بولمىغانلىقىغىمۇ باغلىق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، تارقىتىش ۋاسىتىسى ئىلغار، تارقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە قىممەت قارىشى كەڭ تارقىلالايدۇ، دۇنياغا ۋە كىشىلەر قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. مەدەنىيەت تارقىتىش ئىقتىدارى ئاللىقاچان دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالدى. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ھەم ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم. ئاخبارات تارماقلىرى ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت تارقىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەدەنىيەت تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇناسىپ كېلىدىغان جامائەت پىكرى كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter