ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئامېرىكا بىلەن روسىيە نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىدۇ؟

كۆلەڭگە مۇسابىقىسى (چوڭ رىقابەتمۇ دىيىلىدۇ) يېڭى سىياسى ئاتالغۇ بۇلۇپ، بۈيۈك ئەنگىلىيە ئېمپىرىيەسى بىلەن چارروسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئافغانىستاننى تالىشىش جېڭىنى كۆرسىتىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئافغانىستاننى تىزگىنلىگەنلىك، ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۈچۈن ئاساس ياراتقانلىقتىن دېرەك بىرىدۇ.

ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان، «11- سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا تالىبانغا ھڭجۇم قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگە مۇسابقىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چىكىندۈرىمىز دەپ جار سالغان بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ «ھۇجۇمغا ئۈتۈش ئۈچۈن چىكىنمەكچى» بولغان ئىس – تۈتەك بومبىسى، ئامېرىكا قولىدىكى بۇ لوق گوشتىن ھەرگىز ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ.

ئون يىللىق ئۇرۇشتا ئامېرىكا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، بىن لادېننى ئېتىۋىتىپ، غەربكە مايىل ھۆكۈمەت تىكلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسى جەھەتتىن ئاياغلاشتى. شۇڭا ئامېرىكا كەڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش تازا مۇۋاپىق بولماي قېلىپ، قۇشۇن چىكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئوبامانىڭ پىلانى بۇيىچە 2012- يىلى يازغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستاندىن چىكىنىپ چىقىپ، يەنە 70 مىڭ ئەسكىرى ئافغانىستاندا قالىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەي ئەكىسچە بۇ رايۇنغا ئىستىراتىگىيەلىك سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇشتا ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى تالىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.

روسىيە ئامېرىكىنىڭ ھەركىتىگە قارىتا يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلاپ كەلدى. روسىيەنىڭ بىر «ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋېتىپتۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ پىلانى بۇيىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن قۇشۇن چىكىندۈرگەندىن كىقيىنمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئامېرىكا ئارمىيىسى 3- ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ باتاليۇن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن تەڭ ئالاھىيدە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل قىسىمنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا مەركىزىي قۇماندانلىق شىتابى 2016- يىلغىچە يەنە تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللار ئاجرىتىپ، ياۋرو ئاسىيا  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە نەچچە ئون ھەربىي بازا ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادارى، ھەربىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلانئامبىرى، شۇنداقلا كۆپ ئىقتىدارلىق چېگرا مۇداپىيە پونكىتى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئاشكارلىنىشچە ئامېرىكا مەركىزىي قۇماندانلىق شىتابى زەھەر يۆتكىگۈچىلەرگە زەربە بىرىش فوندى دېگەن نام بىلەن 40 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئافغانىستاننىڭ خوشنىسى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ھەربىي بازا تەسىس قىلماقچى ھەمدە ئۆزبىكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستاندا تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بازىسى (ئامبىرى) قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر تەسىس قىلماقچى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چېگرا مۇداپىيە پونكىتى كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. بىرى تۈركمەنىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىران چېگراسىغا يېقىن سېراخس چېگرا مۇداپىيە پونكىتى. بۇ پونكىت ئىران چېگراسىغا جايلاشقان بولغاچقا ئىراننى نازارەت قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا – ئىران ئۇرۇشى پارتىلىسا ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى قىلغىلى بۇلىدۇ؛ يەنە بىرى، قىرغىزىستاننىڭ پەرغانە ئويمانلىقىغا جايلايشقان باتكىن ئوبلاستىغا يېقىن چېگرا مۇداپىيە پونكىتى. پەرغانە ئويمانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» غالجىرلاشقان رايۇن. شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى بۆلگۈنچى تەشكىلات – «ئسلام ھەركىتى» نىڭ لاگىرى تۇرۇشلۇق جاي. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ھەركىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يەردە چېگرا پونكىتى تەسىس قىلغان.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ئىشلارنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ بىلىدىغان روسىيە بىلەن مەنپەئەت توقۇنىشى پەيدا قىلدى. روسىيە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى كۈچەيتتى، «ئافغانىستانغا قايتىش» روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئاساسلىق ئىستىراتىگىيەلىك پىلانىغا ئايلاندى.

2010- يىلى ئاۋغۇست روسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى روسىيەنىو سوچى شەھرىدە باشلىقلار يىغىنى ئاچقاندا، روسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روسىيە زوڭتوڭى مېدۋېدېف بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئىقتىسادى تۈرلەرنى گۈللەندۈرۈش تەكلىپىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرغا قويدى. روسىيە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، روسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن يېڭى ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتماقچى.

ھەممىگە ئايانكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ھەربىيلەر تالىشىپ كىلىۋاتقان ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىن بىر قىسىم ئەسكىرىنى ۋاقتىنچە چىكىندۈرۈپ چىقىشى يالغان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش ئۈچۈن چىكىنمەكچى بولغىنى راست؛ روسىيەنىڭ ئوينىغىنىمۇ دەل «سەن چىكىنسەڭ، مەن ئىلگىرلەيمەن» دېگەن ئويۇن.

ئافغانىستان ئۇرىشىدىن كىيىنكى دەۋر باشلاندى، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى بىر قېتىملىق كۆلەڭگە مۇسابىقىسىنى باشلىدى، بۇ جوڭگۇنىڭ بۇ رايۇندىكى مەنپەئەتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگۇ يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك.

 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

3 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ئوتتۇرا ئاسىيا بايلىق مەنبەسى مول، زىمىنى مۇنبەت، ئىستاتىگىلىك ئورنى مۇھىم جاي بۇلۇپ، ئۇ كۆپ يىللار روسىيىنىڭ تەسىر دائىرسى ئىچىدە بولغان.ئامىرىكا بۇ يەرلەرنىڭ قايتا روسىيە تەسىر دائىرسىگە كىرىپ قېلىشىنى،ئۆزىنىڭ بۇ رايۇندىكى تەسىر كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى خالىمايدۇ،شۇڭا ئۇ روسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ئامرىكا ئۇ يەرنى ئىگەللىشىدە نۇرغۇن ئوي خىياللىرى بار، ئەڭ مۇھىمى پەقەتلا بايلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، دۇنيا ساقچىلىق ئورنىغا خىرىس قىلالايدىغان روسىيەنى قاماللاشتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تايانمىسا بولمايدۇ، چۈنكى روسىيەنىڭ شەرقىدە ياپون سامورايلىرى، غەربىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بار، جەنۇبىدا بۇرۇن روسىيەنىڭ ئىلكىدە بولغان ياش دۆلەتلەر بار، ئۇلار ئاسانلا روسىيەنىڭ كۈچىيىشىدە دامكا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرىپى شۇكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئاسىيانىڭ كىندىكىنى كونترول قىلىش، پۈتۈن ئاسىياغا تەسىر قىلىشتا ۋە يېڭىدىن كۈچىيىۋاتقان، جۇڭگو، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئىستىقباللىق دۆلەتلەرنىڭ ئېنىرگىيە كانىيىنى توسۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئامرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى دۇنيا ئىگىسى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بۇ رايۇنلارنى تالىشىشىدا بەلكىم بۇ جايدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە قارىغاندا قول تىقىش ئاسانراق بولغىنىدا. چۈنكى بۇ جايدا 20 يىل بۇرۇن 5 جۇمھۇرىيەت يېڭىدىن قۇرۇلۇپ بۇ سىتىراتىگىدىيىلىك ئورنى مۇھىم بولغان بۇ جاينى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. ئامېرىكا بۇ 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ يەنە رۇسىيەنىڭ قولىدا قىلىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى رۇسىيەدەك دۈشمەن بولسىلا تەرەققىيات بولىدۇ.
    ھۇن ئېمپىراتۇرى ئاتتىلامۇنداق دېگەن: بىز مەلۇم مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن دۈشمەن ئىزدەيمىز.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي خىيالى