ئالىم بىز بلوگى

ئەخلاق ۋە قانۇن

     ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان قانۇن گەرچە ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قانۇن ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ، ئەخلاقنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتا ، يېتەكلەش ھەتتا قايتا شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .

     يېقىندا مۇنداق ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەردى: ياشانغان كىشىلەر يېقىلىپ كەتسە يۆلەيدىغان ئادەم چىقمىدى، ئەتراپىدا ئېھتىيات بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى ساقلاپ ئورىۋالغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ بەزىسى قولىنى ئۇزۇتۇپ يۆلىۋالماقچى بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر گەپ ـ سۆز قىلىپ توستى …….

     نۇرغۇنلىغان كىشىلەر: بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزغا نېمە بولدى دەپ سورىماقتا ؟

     ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئېچىنغان كىشىلەر دەرھال نەنجىندىكى پېڭ يۈ دېلوسى، تيەنجىندىكى شۈ يۈنخې دېلوسى قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈم مىسالىنى ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، جامائەت پىكرى ئۆزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقاندا ، ياشانغان كىشىلەر يېقىلىپ چۈشكەندە «يۆلەش كېرەكمۇ ـ يوق»، بۇ جەھەتتە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىنكاسى «پېڭ يۈ دېلوسى» پەيدا قىلغان قورقۇنىچلىق تۇيغۇ. سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچىرىماقتا. پېڭ يۈ دېلوسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدا «ئادەتتىكى قائىدە ـ يوسۇن بويىچە تەھلىل قىلىش» ، «ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئۇسۇل» ، «ئەقىل بىلەن سىغىشالمايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تاللاپ ئىشلىتىلىپ، بۇ ئارقىلىق پېڭ يۈگە بولغان ئەيىپلەشلەرگە ھۆكۈم چىقىرىلغان؛ شۈ يۈنخې دېلوسىغا كەلسەك، پاكىتلار يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، «مۇقەررەر»، «جەزمەن» قاتارلىق سوبېيكتىپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بۇ ئارقىلىق خاتا بېكىتىلگەن .

     ھەقىقىي ئەھۋال تېخى ئېنىق بولمىغان چاغدا، مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھەق–ناھەق توغرىسىدا توختىماي كاپشىشى، يېنىكلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر جاۋابكار راستىنلا ياشانغان ئادەمنى سوقۇۋېتىپ ئېتراپ قىلمىسا، يەنە كېلىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش خوشاللىق دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ، ئۇنىڭدىن پايدىلانسا، بۇ ئىنتايىن سەمىمىيەتسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ ؛ ئەگەر ياشانغانلار سوقۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جاۋابكارنى قاتتىق ئەيىپلىگەن بولسا، بۇمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن سەمىمىيەتسىزلىك بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تورلارنىڭ كۈچەيتىشى ئاستىدا، جەمئىيەتتىكى مېھرىبانلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە قارىتا ئىنتايىن زىيان يەتكۈزىدۇ .

     تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نېمە ئۈچۈن قانۇن «ئادەتتىكى قائىدە–يوسۇن بويىچە تەھلىل قىلىش» تىن «مۇقەررەر»، «جەزمەن» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ ؟ «ئادەتتىكى قائىدە–يوسۇن» دەل ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئىنكاسى ئەمەسمۇ ؟

     سوتچىنىڭ قارىشىدىكى «ئادەتتىكى قائىدە ـ يوسۇن» غا كەلسەك، ئەگەر ياشانغان ئادەمنى سىز سوقىۋەتمىگەن بولسىڭىز، تەبئىيكى يۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىڭىزمۇ ھاجەتسىز. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بىزنىڭ رېئاللىقتىكى تۇيغۇمىز ھەقىقەتەن شۇنداقكى — ھايات لېي فېڭلار جەمئىيەتنىڭ نورمال ھالىتى بولماي قالدى. ئوخشاش ئەھۋالغا كەلسەك، بەزى مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردە، يولدا كېتىۋاتقان كېسەل كىشىلەر ياكى ياردەمگە مۇھتاج ئادەملەر ئۇچىرىسا، ھامان بېرەر ئادەم قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ئاقىۋەتتىن غەم قىلمايدۇ .

     ئۇنداقتا، ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ زادى قايسىسى ـ قايسىسىنى چەتكە قاقتى؟ بۇ خۇددى توخو تۇخۇم تۇغقانمۇ ياكى تۇخۇمدىن توخو چىقتىمۇ دېگەنگە ئوخشاش بېكىتىش قىيىن مەسىلە. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەت تەرتىپى ئەسلىدىنلا ئادەتتىن قائىدە ـ يوسۇنغا ئۆتۈش ، قائىدە ـ يوسۇندىن رەسىم ـ قائىدىگە ئۆتۈش، رەسىم ـ قائىدىدىن قانۇن ـ تۈزۈمگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات جەريانىغا ئەمەل قىلىدۇ .

     بىراق ، ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇن ـ نىزاملار گەرچە ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن ھالقىپ كېتەلمىسىمۇ، ئەمما قانۇن ـ نىزاملارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنى يېتەكلەش، ھەتتا قايتا شەكىللەندۈرۈش، ئەخلاقنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە زىدلىشىش مەۋجۇد ئەمەس. مەسىلەن، سوتچى جامائەت پىكرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچىرىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، «كىم تەشەببۇس قىلسا، شۇ دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش » ۋە « پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش » قاتارلىق ئەدىلىيە پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېنىكلىك قىلىپ دەلىل ـ ئىسپاتى تۇتۇق، گۇمانلىق ھۆكۈملەرنى چىقارمىسا، ئۇ ھالدا ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېلىپ كېلىدىغان تەتۈر ئۈنۈمى كۆپلەپ يېنىك بولىدۇ .

     قانۇنغا تايىنىپ ئەخلاقنى قۇتقۇزۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر، قانۇن پەقەتلا ئەخلاققا ياردەم بېرىدىغان بىر يول ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىساد جىددىي ئېشىش، شەھەرلەر ئۆزلۈكسىز كېڭىيىش جەريانىدا، ئىلگىرىكىدەك يېقىنلارغا تايىنىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاق بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلەرنى باشقۇرىدىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىنتايىن خەۋپلىك بولۇپ، ھېسىيات ئارقىلىق چەكلەش بارغانسېرى ئاز بولۇۋاتقان «ناتونۇش ئادەملەر» جەمئىيىتىدە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى قايتا بەربا قىلىشتا، يەنىلا بىرنىڭ ۋەزىپىمىز ئېغىر ، يولىمىز ئۇزاق ……..

 

(تەڭرىتاغ تورى ماقالىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئەخلاق ۋە قانۇن

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: