ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش شايكىسى كوللېكتىپ جازالاندى

ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش شايكىسى كوللېكتىپ جازالاندى

2012-01-19 10:30     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:             (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ماقالىسى) بۇ شايكىنىڭ ئەزالىرى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئەتراپىدا شەھۋانىي كارتا تارقىتىپ ، پاھىشىۋاز چاقىرىدۇ، باھادا كېلشىپ بولغاندىن كېيىن مەخسۇس ماشىنا بىلەن ....

 

    

     (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ماقالىسى) بۇ شايكىنىڭ ئەزالىرى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئەتراپىدا شەھۋانىي كارتا تارقىتىپ ، پاھىشىۋاز چاقىرىدۇ، باھادا كېلشىپ بولغاندىن كېيىن مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئىپپەت- نومۇسىنى ساتقۇچى ئاياللارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويىدۇ؛ باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىپپەت-نومۇسىنى ساتىدىغان ھەر بىر ئايال ھەر ئايدا 1000 يۈەن باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئۆچىرەت بويىچە ‹‹ئىش ئورنى››غا چىقىدۇ. 18-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، فېڭ تەي سوت مەھكىمىسى سۈيx  ۋە دۇx باشچىلىقىدىكى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىش شايكىسىنىڭ كارتا تارقىتىپ، پاھىشىۋاز چاقىرغان 71 نەپەر ‹‹ئەزا››سىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە 33 نەپەر جاۋابكارغا ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەشكە ياردەملىشىش جىنايىتى بويىچە سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىش قاتارلىق ئوخشىمىغان جىنايى جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەملىكىتمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىش شايكىسى دېلوسى ئىكەن.

       ئىگىلىنىشىچە، باش جىنايەتچى بىر جۈپ يېڭى توي قىلغان شېنياڭلىق ئەر-خوتۇن بولۇپ، ئېرى سۈي فامىلىلىك 43 ياش، ئايالى دۇ 28 ياش ئىكەن. بۇ ئىككىسى ئادەتتە شايكا ئەزالىرىغا ناھايىتى ئاز كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئاساسەن تېلېفون ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدىكەن. ساقچىلار بۇ ئىككىسىنىڭ توي مۇراسىمى نەق مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ، بۇلارنى قولغا ئالغان. تەپتىش تەرەپنىڭ شىكايىتىگە قارىغاندا، 2007- يىلدىن 2010- يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا، بۇ ئىككىسىنىڭ قول ئاستىدىكى پاھىشەنىڭ سانى 70 كە يەتكەن. ئادەتتىكى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىش شايكىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 27 نەپەر چەت ئەللىك ئايالمۇ بار ئىكەن، پاھىشىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى تېخى قۇرامىغىمۇ يەتمىگەن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter