ئۈمۈتلىك تەۋسىيە

بلوگىمىزنى نورمال ۋە كۆركەم زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، تور كۆرگۈنىڭ IE7 دىن يۇقىرى نەشىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!

سەمىمىي ئەسكەرتىش

1. بلوگىمىز ھەم خاتىرە يېزىش، ھەم تەشۋىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇلۇپ، يازمىلارغا قارتا توغرا نىيەتتە ئىنكاس يېزىش پوزىتسىيەسىدە بۇلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. 2. بلوگىمىزغا قارتا بىۋاستە سۆھبەتلىشىش ئويىڭىز بولسا تۈۋەندىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلغايسىز: ئېلخەت ئادېرىسى: TuranTekin@163.com ◆◆◆ كوت كوت: 631044484 بلوگ يازغۇچى: تۇران تېكىن

بلوگ ھەققىدە

بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، قانۇن نىزام، مەدەنىيەت تارىخ، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، كەڭ تورداشلارغا بۇ ھەقتە ساۋات بىرىشنى مەقسەت قىلغان. يازمىلارنىڭ كىلىش مەنبەيى قانۇنلۇق بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامىدىكى گىزىت، ژورنال، كىتابلار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم قوليازما خاتىرلىرىدىن ئىبارەت.

     ۋېتنام بىلەن جوڭگۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ۋېتنام ھەركەت قوللۇنۇشقا باشلىدى. ۋېتنام چەتئەللەرنىڭ جوڭگۇ بىلەن ۋېتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى تالاش – تارتىشىغا ئارلىشىشىنى مۇراجەت قىلدى. دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى ۋېتنامنىڭ ئامېرىكىنى ئۆزىگە تارتىش ئۇسۇلى دەرپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئوخشاشلا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىشىگە يول ئېچىپ بەردى. ۋېتنامنىڭ ھىندىستاننى نىھاتراڭ پورتىغا كىرىشىگە تەكلىپ قىلغانلىقىغا ھىندىستان پائال ئىنكاس قايتۇردى. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىھاتراڭ پورتىغا كىرىشى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھىندىستاننىڭ «شەرققە قاراش» سىياسىتىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جوڭگۇ بىلەن قارشىلىشىش مەقسىدىنى ئەكىس ئەتتۇردى.

     ۋېتنام ئىلگىرى دېڭىزدا جوڭگۇ بىلەن كۆپ قېتىم قارشىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ۋېتنام ئۈستۈنلىككە ئىگە بولمىغانلىقتىن، ۋېتنام بىلەن جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ئەمىلىي كۈچ جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقى بارغانسىرى كۈچەيگەن. ۋېتنام سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ۋېتنام بىلەن جوڭگۇ ئوتتۇرسىدىكى پەرق بارغانسىرى زورايغان. شۇڭا ۋېتنام تېخىمۇ ئىشەنچلىك بىر دېڭىز ئىشلىرى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن جوڭگۇنى توسىشىغا ئىچتىياجلىق. دېڭىز ئىشلىرى جەھەتتە كۈچلۈك بۇ دۆلەت دەل ھىندىستاندىن ئىبارەت.

     ھىندىستان ئىلگىرى «شەرققە قاراش» سىياسىتىگە سەل قارىغانلىقتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بۇلۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھىندىستاننى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. جوڭگۇنىڭ سەنيا شەھرىنىڭ جەنۇبىدىكى نىھاتراڭ پورتىدا مەڭگۇ تۇرۇپ قېلىش، ھىندىستاننىڭ جوڭگۇنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە تېنچ ئوكياندىكى «جېنجۇ ئارىلى» ئىستىراتىگىيىسىگە قارشى تۇرۇشتىكى يەنە بىر ئۇچۇرى بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان يەنە مالاككا بوغۇزىنىڭ مۇھىم يۇلىنى ئىگىلىۋېلىپ ھىندىستان يىراق شەرقتىن ئىمپورت قىلغان بايلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

     ھىندىستاننىڭ نىھاتراڭ پورتىدىكى ھەركىتى غەرپ ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. يېقىنقى مەزگىلدە غەرپ ئەللىرى كۆپ قېتىم ھىندىستاننىڭ ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھەمدە بۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا يەنە بىر قېتىم مۇئەييىنلەشتۈردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ھىندىستانمۇ ئۆزىنىڭ «ئەگەر ھىندى ئوكيان ھىندىستاننىڭ ئوكيىنى بولمىسا، ئۇنداقتا جەنۇبىي دېڭىزمۇ جوڭگۇنىڭ دېڭىزى ئەمەس» دېگەن كۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
نۆۋەتتىكى سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە

yizildi 3 inkas

  1. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    جۇڭگۇنىڭ بىر كۈنلەردە ھىندىستاننىڭ رىقابەتچىسى بۇلۇپ قالدىغانلقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسا،ھىندىستان تاڭ سېڭغا بۇددا نومى بەرمەسكەن ھە ھى ھى.
    ئەمما ھازىر جۇڭگۇمۇ ئۆز ئاۋياماتكىسىنى ياساپ، ئۇ يەر-بۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇزۋاتىدۇ،بۇنى قانداقمۇ ماس كىلىپ قېلىش دىگىلى بولسۇن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بىز ھىلى ئۇنداق، ھىلى بۇنداق دەپ باقىمىز ۋە باھا بىرىپ باقىمىز. ئەمما تەبىئى قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەر كىمنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قۇلىدا. لېكىن بىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمىز.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ئەلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئاسىيادىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبى دېڭىز ۋە ھىندى دېڭىزىنى تالىشىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ تالىشىش كولمىناتسىيە قىسىمىغا كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

پىكىرىڭىز يوقما


ئىنكاسلىق ئاۋات يازمىلار

سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە

     مىلادى 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ...

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ...

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا موگۇسىمان تۈتەكنىڭ لوپنۇر ...

مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ

     15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ...

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز...

     ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» نامىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ تۈنجى قېتىم ...

ستالىن نىمە ئۈچۈن...

     1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېۋتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ...

جەۋھەر يازمىلار

  • Cheap reliable web hosting from WebHostingHub.com.
  • Domain name search and availability check by PCNames.com.
  • Website and logo design contests at DesignContest.com.
  • Reviews of the best cheap web hosting providers at WebHostingRating.com.