ئۈمۈتلىك تەۋسىيە

بلوگىمىزنى نورمال ۋە كۆركەم زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، تور كۆرگۈنىڭ IE7 دىن يۇقىرى نەشىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!

سەمىمىي ئەسكەرتىش

1. بلوگىمىز ھەم خاتىرە يېزىش، ھەم تەشۋىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇلۇپ، يازمىلارغا قارتا توغرا نىيەتتە ئىنكاس يېزىش پوزىتسىيەسىدە بۇلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. 2. بلوگىمىزغا قارتا بىۋاستە سۆھبەتلىشىش ئويىڭىز بولسا تۈۋەندىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلغايسىز: ئېلخەت ئادېرىسى: TuranTekin@163.com ◆◆◆ كوت كوت: 631044484 بلوگ يازغۇچى: تۇران تېكىن

بلوگ ھەققىدە

بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، قانۇن نىزام، مەدەنىيەت تارىخ، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، كەڭ تورداشلارغا بۇ ھەقتە ساۋات بىرىشنى مەقسەت قىلغان. يازمىلارنىڭ كىلىش مەنبەيى قانۇنلۇق بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامىدىكى گىزىت، ژورنال، كىتابلار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم قوليازما خاتىرلىرىدىن ئىبارەت.

ئىمىنقارى قەييۇم

 

     90 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى. چۈنكى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش – پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە شەرتى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە تۈرتكە بولغىلى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى – بىرلىكىنى مۇستەھكەملىگىلى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتكىلى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

     پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ 90 يىللىق كۈرەش تارىخى دەل پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرگەن، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭسۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن شانلىق تارىخ. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىنى ئۆزىنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى قىلدى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

     پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ تەلىپى. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوزغىتىپ، پارتىيەنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل، ئۈنۈملۈك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ شەكىللەندۈرۈش لازىم.

     پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى تارىخىي دەۋىردە پارتىيەمىز نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا. بۇ، پارتىيەمىزدىن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ئېڭى ۋە ھوقۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، پارتىيەمىز ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

     پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۇچەيتىشتىكى 90 يىللىق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

     بىرىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك كەيپىيات يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ پارتىيەنىڭ ھاياتى كۈچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى، ئاساسلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ رېئاللىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بىز بۇ تەلەپلەر بويىچە بىر تەرەپتىن، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇسۇللارنى دەرھال كېڭەيتىشىمىز ۋە ئومۇملاشتۇرۇشىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش بىلەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى تەلەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يولى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم.

     قىسقىسى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدىغان ۋە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىىشىدىغان جەريان بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە دادىل ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىشىمىز؛ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
نۆۋەتتىكى سەھىپە: سىياسى - نەزەرىيە

پىكىرىڭىز يوقما


ئىنكاسلىق ئاۋات يازمىلار

سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە

     مىلادى 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ...

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ...

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا موگۇسىمان تۈتەكنىڭ لوپنۇر ...

مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ

     15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ...

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز...

     ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» نامىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ تۈنجى قېتىم ...

ستالىن نىمە ئۈچۈن...

     1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېۋتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ...

جەۋھەر يازمىلار

  • Cheap reliable web hosting from WebHostingHub.com.
  • Domain name search and availability check by PCNames.com.
  • Website and logo design contests at DesignContest.com.
  • Reviews of the best cheap web hosting providers at WebHostingRating.com.