ئۈمۈتلىك تەۋسىيە

بلوگىمىزنى نورمال ۋە كۆركەم زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، تور كۆرگۈنىڭ IE7 دىن يۇقىرى نەشىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!

سەمىمىي ئەسكەرتىش

1. بلوگىمىز ھەم خاتىرە يېزىش، ھەم تەشۋىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇلۇپ، يازمىلارغا قارتا توغرا نىيەتتە ئىنكاس يېزىش پوزىتسىيەسىدە بۇلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. 2. بلوگىمىزغا قارتا بىۋاستە سۆھبەتلىشىش ئويىڭىز بولسا تۈۋەندىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلغايسىز: ئېلخەت ئادېرىسى: TuranTekin@163.com ◆◆◆ كوت كوت: 631044484 بلوگ يازغۇچى: تۇران تېكىن

بلوگ ھەققىدە

بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، قانۇن نىزام، مەدەنىيەت تارىخ، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، كەڭ تورداشلارغا بۇ ھەقتە ساۋات بىرىشنى مەقسەت قىلغان. يازمىلارنىڭ كىلىش مەنبەيى قانۇنلۇق بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامىدىكى گىزىت، ژورنال، كىتابلار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم قوليازما خاتىرلىرىدىن ئىبارەت.

      شىنجاڭ گېزىتى 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ماقالىسى. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك››لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە، كۆپ تەرەپلەردىن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىمى يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلەشتۈرۈش يېتەكلەش، سانائەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش.

     بىرىنچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە، بايلىق سەرپىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇشمۇ سانائەتلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك رول ئويناپ، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە كېڭەيتتى. شۇڭا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەتبىقلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلار ئارقىلىق ئەنئەنىۋى سانائەت كەسىپلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلىمىغان كارخانىلارنى قەتئىي تاقاش كېرەك.

     ئىككىنچى، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، شەھەرلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ھازىر ئېلىمىزدە مۇلازىمەت كەسپى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم جەھەتتە يەنىلا پەرق بار. شۇڭا مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپى، بولۇپمۇ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى نىسبىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ساھەلىرىنى ئېچىش يەنى، پۇل مۇئامىلە، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېردىكى مۇلازىمەت كەسپى ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، مەھەللە مۇلازىمىتى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىستېمال خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانا، جامائەت كەسپىي ئورگانلىرى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش ۋە بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

     ئۈچىنچى، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىدە بىر قەدەر زور تەرەققىياتلار بولغان بولسىمۇ، تېرىلغۇ يەر ئاز، تاتلىق سۇ قىس بولۇش سەۋەبىدىن بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئوتتۇرىسىدكى زىددىيەت چوڭىيىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشقا ئائىت تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ماددىي شارائىت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى قوراللاندۇرۇش، زامانىۋى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكلەش، يېڭى تىپتىكى دېىھقانلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش ۋە ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسى، يەرنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمى، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساپاسى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
نۆۋەتتىكى سەھىپە: سىياسى - نەزەرىيە

پىكىرىڭىز يوقما


ئىنكاسلىق ئاۋات يازمىلار

سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە

     مىلادى 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ...

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ...

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا موگۇسىمان تۈتەكنىڭ لوپنۇر ...

مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ

     15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ...

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز...

     ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» نامىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ تۈنجى قېتىم ...

ستالىن نىمە ئۈچۈن...

     1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېۋتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ...

جەۋھەر يازمىلار

  • Cheap reliable web hosting from WebHostingHub.com.
  • Domain name search and availability check by PCNames.com.
  • Website and logo design contests at DesignContest.com.
  • Reviews of the best cheap web hosting providers at WebHostingRating.com.