ئالىم بىز بلوگى

گېرمانىيە بالىلىرى يەسلىدە نىمە ئۈگۈنىدۇ؟

     بىر گېرمانىيىلىك بالىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ 400 سائەتكە يېقىن ۋاقتى يەسلىدە ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار زادى قانداق نەرسىلەرنى ئۈگۈنىدۇ؟
1. بالىلار ساقچى ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ساقچىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىللە ساقچىلارنىڭ نىمە قىلىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىدۇ.
2. ئۇلار يەنە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى، ئوت ئاپىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۈگۈنىدۇ.
3. پوچتا ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، بىر پارچە خەتنىڭ ئائىلىدىن قانداق قىلىپ پوچتا ئىدارىسىغا بارىدىغانلىقى، يەنە قانداق يوللار ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى كۆرۈدۇ.
4. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شەھەر باشلىقىنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشىدۇ.
5. ئۇلار ئەركىن بازارغا بېرىپ، پۇل خەجلەپ بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى ئۈگۈنىدۇ.
6. ئۇلار گۇلخانىغا بېرىپ، گۈللەرنىڭ قانداق تېرىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە گۈللەرنى پەرق ئىتىشنى ئۈگۈنىدۇ.
7. ئۇلار سېرك، بالىلار تىياتىرى ۋە سېھرىگەرلىكنى كۆرگىلى بارىدۇ.
8. ئۇلار كۈتۈپخانىغا بېرىپ، كىتابنى قانداق ئارىيەت ئېلىش ۋە قانداق قايتۇرۇشنى ئۈگۈنىدۇ.
9. ئۇلار تىراللىبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىدىغان لىنىيەنى ئەستە ساقلاشنى ئۈگۈنىدۇ.
10. ئۇلار ھەر ھەپتىسى مۇئەللىم بىلەن تاللار بازىرىغا بېرىپ، ماللارنى تاللاش، پۇل تاپشۇرۇشنى ئۈگۈنىدۇ.
11. گىلاس ۋە كاۋا پىشقان مەزگىللەردە بالىلار مۇئەللىم بىلەن بىللە گىلاس ئۈزگىلى بارىدۇ، بىرلىكتە كاۋىدا شورپا قىلىپ ئىچىشىدۇ.
     يەسلىدە ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزلىرى رىمۇنىت قىلىشنى، ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، پىلان تۈزۈشنى، كىيىملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى، ئىشى بولسا ساقچىنى ئىزدەشنى ئۈگۈنىۋالىدۇ. ئالتە ياشقا كىرگەن ئاشۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك يىتىلىپ بولغان بۇلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: گېرمانىيە بالىلىرى يەسلىدە نىمە ئۈگۈنىدۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: