ئالىم بىز بلوگى

ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىق

    

      (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە ئىككى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەيدىغان، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تىپىك خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە ئايلاندى. شۇڭا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇنى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنى تېز يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر قاتارىدا چىڭ تۇتتى. پەقەت 2011 – يىلىلا ئاپتونوم رايون يېزا – قىشلاقلاردا 300 مىڭ يۈرۈش ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر 311 مىڭ 600 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن پىلان %3.87 ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، بۇنىڭدىن 248 مىڭ 700 يۈرۈش ئۆي پۈتۈپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %82.9ى تاماملاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى 10 ئايدا ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىغا 21 مىليارد 869 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق ئومۇمىي مەبلەغ يىغىندىسىنىڭ %83.31 ىنى ئىگىلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

     «ئىككى ئەمىن ئۆي›› گە ئېرىشىش ھەر بىر دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. پۈتكەن ھەر بىر يۈرۈش ئۆي ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقىنىڭ، خاتىرجەملىكىنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە خورىماس بايلىقى. شۇڭا دېھقان – چارۋىچىلار يېڭى ئۆيلىرىنىڭ مۇستەھكەم، ئازادە، كۆركەم، قولايلىق بولۇشىنى ئۆمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بۇ يىلقى ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سوبيېكتلىق رولىغا ئوخشاش ئەھمىيەت بەردى. ئەمەليەتنى چىقىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› لەرنىڭ كۆلىمى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، كۆرۈنىشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشى قىسقىغىنە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرىقىدەك زور نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن، خۇشاللىق ئىچىدە خاپىلىقمۇ بار دىگەندەك، بۇ جەرياندا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە، يەنى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشقا قەرز ئېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› لەرنىڭ كۆلىمىگە، كۆرۈنىشىگە، سۈپىتىگە، قۇرۇلمىسىغا قويۇلغان تەلەپ كۈچەيگەچكە، قۇرۇلۇش چىقىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت – ئوبلاستلار، ناھىيە (شەھەر)لەر، شۇنداقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىغا سالىدىغان مەبلەغنى زور مىقتاردا كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئېھتىياجنى تۇلۇق قاندۇرالمىدى. ئادەتتە ھەر بىر يۈرۈش ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› نى پۈتتۈرۈشكە 60 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ كېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىسەك، دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۇنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، قالغان قىسمىنى ئۆيى يېڭىلىنىدىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، ۋىلايەت بۇ يىل 537 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 24 مىڭ 333 دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىغانىدى. ھەر بىر ئائىلىگە بېرىلىدىغان ياردەم ئۆلچىمى 25 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مەركەز، ئاپتونوم رايون 10 مىڭ يۈەننى، ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى 10 مىڭ يۈەننى، يەرلىك مالىيە 5000 يۈەننى ئۈستىگە ئالدى. ياردەم ئۆلچىمى ئىلگىرىكىدىن بىراقلا ئىككى – ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى. لېكىن، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ زىيادە تېز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، دېھقان – چارۋىچىلار ئۆزى غەملەيدىغان مەبلەغمۇ ماس قەدەمدە ئېشىپ كەتتى. مەبلەغ جۇغلاش ئۈچۈن بىر قىسىم دېھقان – چارۋىچىلار كالا – قويلىرىنى، دەل – دەرەخلىرىنى ساتتى، يەنە بەزىلىرى تېخى ئېچلىمىغان كېۋەز، پوستى سويۇلمىغان ياڭاق، قىزارمىغان چىلان، ئالمىلىرىنى مۇددەتتىن ئىلگىرى قولدىن چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى، يەنە يېتىشمىگەن قىسمىغا بانكىدىن قەرز ئالدى.

     ھەر دەرىجىلىك يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىمۇ ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىنى قەرز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى. بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا – ئامانەت قەرز كوپراتىپلىرى بىرلەشمىسى ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىغا 250 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە 139 مىليون يۈەن ئەمەلىيلىشىپ، 6900دىن كۆپرەك دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرۈلدى. ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› سالىدىغان ھەر بىر ئائىلىگە بېرىلىدىغان قەرز ئۆلچىمىنى 30 مىڭ يۈەن، قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە قىلىپ بېكىتتى. ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرگە تېخىمۇ كەڭرەك ئېتىبار بەردى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ جەرياندا يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى بىلەن يېڭى ئۆي سالىدىغان دېھقان – چارۋىچىلار قەرز تارقىتىش قىيىن بولۇش ۋە قەرز ئېلىش تەس بولۇشتەك ئوخشاش بىر مەسىلىگە يولۇقتى. بۇ ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە كونكرېت ئىپادىلەندى:

     بىرىنچىدىن، دۆلەت يولغا قويۇۋاتقان نۆۋەتتىكى پۇل قىسىش، كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ قەرز كۆلىمىنى كېڭەيتىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، مەبلەغ كەم، جىددىي بولۇش ھالىتىنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. بولۇپمۇ ھەر يىلى ئاپرېلدىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىق ھەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ، ھەم ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىنىڭ قەرزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق مەزگىلى بولغاچقا، ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى پۈتۈن كۈچىنى يېزا ئىگىلىك قەرزىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىپ، ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىغا يېتىشەلمىدى.

      ئىككىنچىدىن، ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى ھازىر يېزىلاردا پەقەت ئاز سوممىلىق ‹‹ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش قەرزى›› بىلەن ‹‹ياشلار ئىگىلىك تىكلەش قەرزى››دىن ئىبارەت ئىككىلا قەرز تۈرىنى يولغا قويۇۋاتقاچقا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي››گە قەرز ئېلىشى قاتمۇ – قات قىيىنچىلىققا يولۇقتى.

      ئۈچىنچىدىن، ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامرات ناھىيە، يېزا – بازار، كەنت، نامرات ئائىلىلەرگە قارىتىلغاچقا، دېھقان – چارۋىچىلار ئۆزلىرى چىقىرىدىغان مەبلەغنى جوغلاشتا ھەقىقەتەن زور بېسىمغا ئۇچرىدى. ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يېزا بەرپا قىلىشتىكى ‹‹ئۆلگە كۆرسىتىش كەنت››لىرىگە مەركەزلىشىپ قېلىشى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ زىيادە تېز ئۆرلەپ، ئۆي سېلىش تەننەرخىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ كېتىشىمۇ نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

     ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشى داۋامىدا كۆرۈلگەن يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

      بىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەش ھالىتىنى چەكلەش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، شۇنداقلا قىش، ئەتىيازدىكى بوش ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت كادىرلىرىنى، تامچى ئۇستىلارنى، ئۆي سالغۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى ئىلمىي، تېجەشلىك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى ئازايتىش.

      يەنە بىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. بۇنىڭدا يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ‹‹ئىككى ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىدا دېھقانلار قەرزگە ئىلتىماس قىلالايدىغان، ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىق

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: