ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلشى

جۇڭگونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلشى

2012-02-10 1:15     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ماقالىسى) 2012- يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخىغا يېزىلغان مۇھىم بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ يەنە بىر قېتىم غەرىبنىڭ سۈرىيەنى ئىچكى....

      (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ماقالىسى) 2012- يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخىغا يېزىلغان مۇھىم بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ يەنە بىر قېتىم غەرىبنىڭ سۈرىيەنى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ بېرىشىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى. غەرىبنىڭ سۈرىيەنى ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئىرادىسىگە نىسبەتەن  جۇڭگونىڭ بۇ قېتىملىق رەت قىلىشى ھىچقانداق چەكلەش ۋە توسۇش رولىنى ئوينىيالمىسىمۇ، بىراق جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا يەنىلا ئىنتايىن زور رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

     نېمە ئۈچۈن ‹‹چوڭ گەپ بىلەن رەت قىلىدى›› دەيمىز؟

      بىرىنچىدىن، بۇ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئىككىنجى قېتىملىق رەت قىلىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ رەت قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

      ئىككىنچىدىن، كەسكىن مۇنازىرىدە رەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىنىڭ قەتئىي مۇستەھكەم ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ بەردى.

      ئۈچىنچىدىن، 13:2 بولغان زور نىسبەت پەرقى جۇڭگو ئۆزى ئېتىراپ قىلغان تىنچلىق يولىدا ئەتراپلىق ئويلىنىپ، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

     جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى چوڭ گەپ بىلەن رەت قىلىشى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە ئەمدى چەتتە قاراپ تۇرغۇچى بولمايدىغانلىقىنى، غەرىبنىڭ يولسىز قائىدىلىرىنى نائىلاج قوبۇل قىلغۇچى بولماي، بەلكى ئۆزىنىڭ تىنچلىق تەشەببۇسچىسى ئىكەنلىگىدەك مەيدانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، غەرىبتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى خالىغانچە ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاشپاقىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىغا ئەمدى يول قويمايدىغانلىقىنى قەتئىلىك بىلەن نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش ۋە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش كۈچلىرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە جانلاندۇرۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ قارغۇلارچە ئەگىشىشتىن مۇستەقىللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىگىدىن بىشارەت بەردى.

     جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قارار لايىھەسىنى چوڭ گەپ بىلەن قەتئىي رەت قىلىشى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيىتقاندا ئىلاجىسىز ھەرىكەت دېيىشكمۇ بولىدۇ. جۇڭگو ‹‹بەدەل تۆلىسىمۇ جىم تۇرۇۋېلىش›› سىياسىتى ئاستىدا 30 يىل كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ، دىپلوماتىيەدىكى تاشپاقىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش سىياسىتى تاشقى جەھەتتە مازاق قىلىنىپ، ئىچكى جەھەتتە قاتتىق ئەيىپلىنىپ كەلدى. 30 يىل جەريانىدىكى كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ، تاشپاقىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش سىياسىتى غەرىبنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىنى قايتۇرۇپ كېلەلمىدى. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى يەنىلا جۇڭگوغاقارىتا چىقىرىپ تاشلىۋەتمىگىچە رازى بولمايدىغان غەيرىي خىيالدا بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ تۈرىتكىسى بىلەن، دۇنيا مىقياسىدىكى ھەربىي كۈچىنى يىغىپ جۇڭگونىڭ ئەتراپىغا مەرگەزلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتىدۇ .ئوچۇقتىن ئوچۇق جۇڭگونى دۈشمەن دەپ جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي قاتارلىق ساھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشقا پائال تۈردە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەمدى چېكىنىمەن دەپمۇ چېكىنەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مانا مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، بۇ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەدىكى بىر قېتىملىق بۆسۈش بولۇپلا قالماي، سۈرىيە مەسىلىسى جۇڭگونى بىر بۆسۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسى قانداق ئىلگىرلەيدۇ، بىزنىڭ يەنە داۋاملىق كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter