ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىسىر زوڭتوڭى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈش سىرى

مىسىر زوڭتوڭى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈش سىرى

2012-02-14 12:29     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئەنگىلىيەدىكى «ئەرەب يىرۇسالىم گېزىتى» 1- فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى: مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇبارەكنىڭ خوتۇنى سۇساننىڭ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، 2....

     ئەنگىلىيەدىكى «ئەرەب يىرۇسالىم گېزىتى» 1- فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى: مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇبارەكنىڭ خوتۇنى سۇساننىڭ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، 2011- يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سىياسىي پاناھلىق بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پارىس قولتۇقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بىرىشكە ۋەدە قىلغان ئىكەن. لېكىن مۇبارەك شامشەيختە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بەرماكچى بولغان ئەشۇ دۆلەتلەر ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان.

 

 

     سۇسان ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: ھۆكۈمەت مىنى نەزەربەنت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويدۇم، ئەينى چاغدا ئۆلۈۋالماقچى بۇلۇپ بىرمۇنچە ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەن ئىدىم، لېكىن قۇتقۇزۇۋېلىندىم. بۇ ئىش مۇبارەكنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغىدى. ئۇ ھېلىقى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلەشتى، ھەمدە بازى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن مىنى تۇتماسلىقنى، دوختۇرخانىدا ئۆزىگە قارىشىمنى ئۆتۈندى. مەن بارلىق مال – مۈلۈك ۋە ئامانەت قويغان پۇلدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئۇلار 2011- يىلى 14- ماي مىنى قويۇپ بەردى.

     ئۇ يەنە مۇنداق يازغان: دوستلىرىمنىڭ مىنى <خوجاين>، <خانىش ئالىيلىرى> دەپ ئاتىشىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەينى چاغدا مۇبارەك ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. كېيىن ئۇ <ئورنۇمنى بوشاتقان كۈنىم قەستكە ئۇچرىشىم مۈمكىن> دەپ قاراپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئەترىتىدىن ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكنى، يىتىم قالدۇرماسلىقنى، تاكى ئۆلگۈچە قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

     سۇسان ئاشكارلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: «چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېيتىلغاندەك، مۇبارەكنىڭ بەزى مۈشكۈل قارارنى چىقىرىشىغا كىچىك ئوغلى جامال ئەمەس، بەلكى چوڭ ئوغلى ئارا ياردەم بەرگەن».

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-02-17 14:22 ئۇيغۇربەگ 

    ئامېرىكا سىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن شۇنچە ۋاقىت سۈكۈتتە تۇردى، ئۆزىڭىز ھەددىڭىزدىن ئاشتىڭىز، خەلقىڭىز غەزەبلەندى، ئامېرىكىڭىز سىزنى قوغداي دېسە خەلقىڭىز ئامېرىكىغا كۈن بەمەيدۇ، شۇڭا سىزنى تاشلىۋەتتى، رەنجىمەڭ مۇبارەك ئاخۇن، دارغا ئېسىلىپ ئۆلمەي دېسىڭىز گۇناھىڭىزنى تونۇڭ…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter