ئالىم بىز بلوگى

ئۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ھېسابات بېرىدىغان›› لار يالغۇز مەغلۇپ بولغۇچىلارلا ئەمەس

     ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ‹‹لىۋىيە ئەندىزىسى›› نى قوللىنىپ، سۈرىيەگە قارىتا ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى زورايماقتا. ۋاشىنگتون ۋە پارىژ قورال كۈچى ئارقىلىق ئاشكارا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى سۈرىگە يېقىن دېڭىزدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرمۇ تارقالدى.

     ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ بېرىشى يالغۇز سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى، رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئەرەپ دۇنياسىنىڭ ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن مەنپەئەتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئۇرۇش ئارقا-ئارقىدىن پارتلايدىكەن، دۇنيادا چوقۇم چوڭ مەسىلە كۆرۈلىدۇ، ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلىشىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. مۇشۇ ئەسىردە پارتلىغان باشقا ئىككى مەيدان ئۇرۇش (ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشى) مەزگىلىدىكى خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق مۇنداق بىر پاكىتنى بايقاش قېيىن ئەمەس. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى لىۋىيەدە ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەن چاغدا ئۇچرىغا دىپلوماتىيە، ئەخلاق جەھەتتىكى بىسىم نىسبەتەن چەكلىك بولدى. غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھەتتا ئۇرۇشنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا قارىتىلغان گۇمانلىق سادالارمۇ ئاڭلانمىدى. دۇنيا مىقىياسىدا، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلارمۇ يۈز بەرمىدى. كازافى رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جامائەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانمۇ؟ ئېغىر ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كىشىلەرنى ئۇنى ئويلاشمايدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغانمۇ؟ ياكى ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق مەيدان نېرۋىنى پالەچلەندۇرۈپ قويغانمۇ؟

     نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، كىشىلەر زادى قانداق سەۋەب ئۇرۇشنى قوزغۇغۇچىلارنىڭ ‹‹دەسمايە›› سىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيدۇ .

     ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چۇقان سېلىپ ئارىلىشىشى، مۇقەررەركى لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ‹‹يىراقتا تۇتۇپ تۇرۇلغان بولقىنى، كۆرگەنلا ئادەم مىققا ئوخشىتىدۇ›› غەربنىڭ بۇ بىر جۈملە تەمسىلىسى، بەزى كىشىلەرنىڭ سۈرىيەگە قارشى ئۇرۇشنى باشلاش تەقەززاسىغا بولغان ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

     شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشلىلاتى لىۋىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندا، ئەسلىدە بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا مەسىلىنى ھەل قىلىمىز دېگەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن سەككىز ئايدىن ئوشۇق سوزۇلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەر لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ ‹‹غەلىبىسى›› نى ‹‹ئاپەت خاراكتېرلىق مۇۋەپپەقىيەت›› دېگەن سۆز بىلەن تەرىپلەشكە مەجبۇر بولدى .

     سۈرىيە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ‹‹سوقۇپتۇرغان يۈرىكى›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن سەزگۈر:سۈرىيە ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، گولان ئېگىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە تا بۈگۈنگە قەدەر دۈشمەنلىشىش ھالىتىدەتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر قىستاپ ئۆلۈك بولۇڭىغا كىرگۈزىدىكەن، سۈرىيە ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدىغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزۈل-كىسىل قالايمىقانلىشىدۇ. سۈرىيە رەھبەرلىرى: ئەگەر غەرب قورال كۈچى ئارقىلىق سۈرىيەگە ئارىلىشىدىغان بولسا، سۈرىيە ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇم قوزغايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەرەب ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش مۇمكىنچىلىكى زورىيىدۇ -دېيىشمەكتە .

     سۈرىيە يەنە ئىران بىلەن ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ بەزى تەھلىلچى ئەربابلىرىمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سۈرىيەنى چىكىپ بېقىش ئەمەلىيەتتە ئىرانغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يول ھازىرلىغانلىق بولىدۇ، شۇڭا ئىراننىڭ مەلۇم شەكىللەر ئارقىلىق ئارىلىشىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سۈرىيەدە ئىككى مەيدان ئۇرۇشنى قوزغاش ئىقتىدارىغا قارىتىلغان خىرىس ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، خۇددىي غايەت زور ساسلىق بەلباققا ئوخشايدۇ. قارىماققا ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كىرىزىسلار تەرەپ-تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تارىخ شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونى يالغۇز چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى خورىتىدىغان رايون بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ.

     ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئىنسانلارنىڭ ياشاش شەكلى ۋە ئىستىقبال تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىككىسى ئۆز ئارا سىغىشالايدىغان بوشلۇق يوق. بىر مەيدان قىسمەن ئۇرۇش بولغاندىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ھېسابات بېرىدىغان›› لار يالغۇز مەغلۇپ بولغۇچىلارلا ئەمەس، ئۇنىڭ دۇنيا ئەندىزىسىگە قارىتا پەيدا قىلىدىغان زەربىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ .

     ھازىرغا قەدەر، سۈرىيە مەسىلىسىنى يەنىلا ئەرەب ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىش سۈرىيە، ئەرەب ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

        زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

        تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991  

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ھېسابات بېرىدىغان›› لار يالغۇز مەغلۇپ بولغۇچىلارلا ئەمەس

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: