ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى سايلاشتىكى تەلەپ

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى سايلاشتىكى تەلەپ

2011-12-18 1:05     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لى شىڭ        (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئىشخانىسى 9 – دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تە....

لى شىڭ

 

     (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئىشخانىسى 9 – دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق، ئاپتونوم رايونلۇق، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ شىنيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لۈ خۇەنبىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈ قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئۈچ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تاللاش كېرەك

     سوئال: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شەرەپلىك بۇرچ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ، ئۇنداقتا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

     جاۋاب: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› دا بۇ توغرىلىق ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە كۆرسەتكەن نامزاتى جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى بولۇشى ھەم تۆۋەندىكى بەش شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:

     بىرىنچى، مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادى بولۇشى، پارتىيە نىزامنامىسىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلغان ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرغان بولۇشى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلىغان بولۇشى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قەتئىي ئېتىقادىغا ئىگە بولۇشى، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇشى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇشى كېرەك.

     ئىككىنچى، توغرا سىياسىي مەيدانى بولۇشى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغان ۋە ئىجرا قىلغان بولۇشى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەت – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەن، پارتىيەنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى ھىمايە قىلغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان بولۇشى، سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئومۇمىيەتنى كۆزلىگەن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان، ھالقىلىق پەيتتە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە ھەق – ناھەقنى ئايرىغان بولۇشى، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغان بولۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىغان بولۇشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، ياخشى ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە ئىستىلى بولۇشى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلغان، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلغان بولۇشى، ياخشى ئىدىيەۋى ئىستىل، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى، ئادىل – ھەققانىي، پاك – دىيانەتلىك، ئەخلاق – پەزىلىتى ياخشى بولۇشى كېرەك.

     تۆتىنچى، خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولۇشى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىلغارلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان، ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرغان بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى، كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئىشچان بولۇشى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

     بەشىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇق – مەنپەئەتىنى توغرا ئادا قىلىشى، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىشلارنى كېڭىشىش ئىقتىدارى بىلەن ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر – تەلىپىنى پائال ھەم ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

     بۇنىڭدىن سىرت، ۋەكىل نامزاتىنىڭ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەنى ئەكس ئەتتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن ئەمەلىي ئىپادىسىگە ئالاھىدە قاراش كېرەك.

 

«ئىككىنى كۆپەيتىش، ئىككىنى قىسقارتىش›› ئالاھىدىلىكى

كۆرۈنەرلىك بولدى

 

     سوئال: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سايلاشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى نېمە؟

     جاۋاب: پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىغا ‹‹ئىككىنى كۆپەيتىش، ئىككىنى قىسقارتىش›› تەلىپىنى قويدى، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پارتىيەنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن ئادەتتە %30تىن كەم بولماسلىقتىن ئادەتتە %32تىن كەم بولماسلىققا كۆپەيتىلىپ، ئىشچى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلىنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلدى؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 17 – قۇرۇلتايدا بەلگىلەنگەن ئادەتتە %70تىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن، ئادەتتە %68تىن ئېشىپ كەتمەسلىككە قىسقارتىلدى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كەلگەن پارتىيەلىك كادىرلار ۋەكىلىنىڭ سانى مۇۋاپىق قىسقارتىلدى. يۇقىرىقىلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى سايلاشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھەم مۇھىم قۇرۇلمىلىق تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. مەركەزنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بويىچە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىشلەپچىقىرىش – خىزمەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلىنىڭ سانىنى ئىگىلىمەسلىكى؛ ئىشچى – دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىشچى – دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتىنى ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان باشقا ۋەكىللەرنىڭ ئىگىلىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا نامزاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىشى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى يەرلىك ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى، ئادەتتە %30تىن كەم بولماسلىقى؛ 55 ياشتىن تۆۋەن پارتىيە ئەزالىرى ئادەتتە %50تىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

     سوئال: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى بولۇشى شەرت، ئۇنداقتا بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

     جاۋاب: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشتا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەشكىللىنىش نىسبىتىگە قويغان ‹‹ئىككىنى كۆپەيتىش، ئىككىنى قىسقارتىش›› تەلىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەقسىم قىلىنغان ئادەم سانى 6:1 نىسبەتتىن تۆۋەن بولماسلىق تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونغا ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىش، سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى ھەقىقىي كېڭەيتىش كېرەك. ۋەكىل نامزاتىنى سايلاشتا ئۆز يېرى ۋە ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىش، ھەر خىل ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك؛ نامزات ئىچىدە ھەم خەنزۇ پارتىيە ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى بولۇش، ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، سىياسىي – قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىن چىققان بولۇش، بۇ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت – ئوبلاست – شەھەر، ناھىيە – شەھەر – رايون، يېزا – قىشلاق، كوچا باشقارمىسى – مەھەللە ھەم بىڭتۈەننىڭ ئورگان، شى – تۈەن – ليەندۈيلىرىدىكى ھەر قايسى ئاساسىي قاتلاملار، ئورگان، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار، خەلق كوللېكتىپى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك.

 

دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ‹‹ئۈچنى يۇقىرىغا يوللاش، ئۈچنى

 تۆۋەنگە چۈشۈرۈش›› تەرتىپىنى چىڭىتىش كېرەك

 

     سوئال: دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنىڭ بىرى، بۇ جەھەتتە قانداق كونكرېت تەدبىرلەر بار؟

     جاۋاب: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش خىزمىتى ئاساسىي قاتلامدىن باشلىنىپ، تۆۋەن يۇقىرىغا يوللاش، يۇقىرى – تۆۋەن بىرلىشىش، قايتا – قايتا تەكشۈرۈش، قاتلام بويىچە تاللاشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى يۇقىرىغا يوللاش، ئۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش›› تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ھەر بىر قەدەمدە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

     بىرىنچى، پارتىيە ياچېيكىسى (باش ياچېيكا) بىرلىك قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ ھەم پارتىيە ئەزالىرى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىدۇ. ۋەكىل بولۇش شەرتى، سانى ۋە تەشكىللىنىش نىسبىتىگە ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، ھەر قايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى (باش ياچېيكا) ياچېيكا ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرى بويىچە ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىلىدىغان نامزاتلارنىڭ دەسلەپكى تەكلىپ تىزىملىكىنى ئاساسىي قاتلام پارتكومىغا يوللايدۇ؛ ئاساسىي قاتلام پارتكومى كۆپ ساندىكى پارتىيە ياچېيكىسى (باش ياچېيكا)نىڭ تەكلىپى بويىچە تاللاپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ دەسلەپكى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ياچېيكىسى (باش ياچېيكا) ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ ھەم ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت – ئىدارە دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى)غا ئايرىم – ئايرىم يوللايدۇ.

     ئىككىنچى: ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىي يىغىن، ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت – ئىدارە دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى) كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، كۆپ ساندىكى ئاساسىي قاتلام پارتكومىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى تاللايدۇ ھەم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتكومىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئايرىم – ئايرىم يوللايدۇ.

     ئۈچىنچى، نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ھەر قايسى ئورۇنلار كۆپ ساندىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ پىكرى بويىچە بىر – بىرلەپ تاللاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئومۇمىي يىغىن ياكى پارتكوم (خىزمەت كومىتېتى)نىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، تەقسىم قىلىنغان ئادەم سانى 6:1 نىسبەتتىن تۆۋەن بولماسلىق شەرتى بويىچە ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئىشخانىسىغا دوكلات قىلىدۇ.

     «ئۈچنى يۇقىرىغا يوللاش، ئۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش›› بويىچە نامزاتلار تاللانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋەكىل نامزاتىغا دەسلەپ كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن زاپاس نامزاتلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ بېكىتىدۇ ھەم دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، بەلگە قويۇپ تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن زاپاس نامزاتلارنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى كېلەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى رەسمىي بېكىتىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter