ئالىم بىز بلوگى

ئۆرپ–ئادەت ۋە ئەنئەنە

 ماھىرە تۇرسۇن

 

     ئۆرپ – ئادەت بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ مىللىيلىكى ئۆرپ – ئادەتنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. ئۇ، جانلىق تىلدا ئاتا – بوۋىلار، ئالدىنقىلار بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم ئۆزلەشتۈرگەن، ئەۋلادلار ۋە كېيىنكىلەر ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ھەم ۋارىسلىق قىلىش قىممىتى ۋە زۆرۈرىيىتى بولغان ئادەت، قائىدە – يۇسۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە، مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بېيىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يېڭى ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلەر مەيدانغا كەلدى ۋە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئېيتايلى: بۇرۇنلاردا تۇنجى ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلغاندا ئەر قوشنىلىرىنى چاقىرىپ داستىخان سېلىپ خەتنە قىلىدىغان ئادەتكە يانداشما بولغان خەتنە توي مەرىكىسىنى ئاددىي – ساددا ئۆتكۈزۈش ئادىتى ئومۇملاشقان بولسا، ھازىر كېچىلىك ئولتۇرۇش ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى، شۇنىڭدەك سۈننىتىنى ئادا قىلماقچى بولغان بالىنى ھەشەمەتلىك پىكاپلار توپىدا ‹‹كوچا ئايلاندۇرۇش›› قوشۇلدى.

     ئۈرۈمچىگە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم. ئۇنىڭ بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسىنىڭ لېنتىسىنى كۆرگەچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتۇق. دوستۇم سۈننەت توي مەرىكىسىنى خېلى چىقىم بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۈستەللەر مول راسلانغاندىن سىرت، دوستۇمنىڭ قېشىدا ئۈچ قولدىشى بار ئىكەن. ئۇلارمۇ دوستۇم بىلەن قوشۇلۇپ ئاق توي كۆينىكى كىيگەن بولۇپ، خۇددى تويى بولىدىغان قىزلاردەك ياسانغانىدى. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، قولداشلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىمى ۋە گىرىملىرىنىڭ ھەممە چىقىمىنى دوستۇم ئۈستىگە ئالغانمىش.

     ئۆتكەن ئايدا بىر دوستۇم ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلماقچى بولدى. يەنى دوستۇم ئوغلىنىڭ خەتنە تويىنى ‹‹ئايلاندۇرۇش›› شەكلىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلۇمنى بىللە ئېلىپ كېلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بېكىتىلگەن كۈنى مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتىم. بىز خەتنە تويى بولماقچى بولغان بالىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سائەت 10 لاردا پىكاپ بىلەن يولغا چىقتۇق. بىز بىر نەچچە مەنزىرىلىك جايدا رەسىمگە چۈشكەندىن كېيىن بالىلار باغچىسىغا باردۇق. سۈننەت تويى بولغۇچى بالا دوستى بىلەن ئالدىدا كېتىپ باراتتى. قالغانلار ئۇلارغا ئەگەشتى… سىنئالغۇچى ۋە سۈرەتكە تارتقۇچىلار بىر مەھەل جىددىي پائالىيەت قىلىشتى، ئاخىرى تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا كىردۇق. بالىلارنى بىر شىرەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر تاۋاق قورۇما چۆپ ئارقىلىق قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق – دە، قايتتۇق.

     ئۆتكەندە نەۋرە سىڭلىم بۇ يىل ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدىمۇ سۈننەت تويدا ئوغلىغا ‹‹كوچا ئايلاندۇرۇش›› ئۆتكۈزىدىكەن. شۇڭا، ئۆزىمۇ شۇنداق قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىۋېدى. بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەمنى بەردىم.

     ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان بالىنىڭ ئايلاندۇرۇشتا كىمنى قولداش قىلماقچى بولۇشى ۋە ئوغلىنىڭ سۈننىتىنى ئادا قىلغاندا ئانىسىنىڭ ‹‹توي قىز››غا ئۆزگىرىۋېلىشى ۋە پەردەزخانىغا كىرىپ گىرىم قىلىپ چىققۇچە تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئالدىنىڭ ئۇزىشى ھازىرقى كۈندە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

     ئەنئەنە مىللەت ئىجتىمائىي گۇرۇھىنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرۇش، باشقىلاردىن مۇئەييەن پەرقلىنىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىسا ياكى بۇزۇپ تاشلانسا مىللەت ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن، ھېچبولمىغاندا راۋاجلىنىش ئاساسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ قاتارىدا قىسمەن ئۆزگەرتىشكە، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك ئايرىم ‹‹ئەنئەنە›› لەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە مىللىي ئەنئەنىلەردىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭكىنى قارا – قويۇق قوبۇل قىلىشنى تەرغىب قىلىش ئوخشاشلا توغرا ئەمەس.

     ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىق خۇسۇسىيىتىنى توغرا يۆنىلىشكە سېلىش – سالماسلىق شۇ مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ پىسخىكىسىغا باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل ئەنئەنە، پايدىسىز ئەنئەنىلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ پايدىلىق، داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان، ئۆز خاسلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان، زامان – ماكانىمىزغا، شارائىتىمىزغا ماس كېلىدىغان ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىلەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقىلارنى دوراش، مودا قوغلىشىشنىڭ قۇربانى بولىدىغان ئىسراپخورلۇق، ئابرۇيپەرەسلىك تۈسىنى ئالغان شەكىلپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتسەك، بەزى ئىشلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى پۇچەكلىشىدۇ، ئىقتىسادىي زىيىنىمۇ زور بولىدۇ. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بۇ تەرەپلەرنى كۆپلىرىمىز ھېس قىلدۇق، قاقشىدۇق، لېكىن بىلىپ – بىلمەي يەنە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. شۇڭا، ھەر قانداق ئىشتا ئەمەلىي بولۇپ، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرگە توغرا، ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولۇشتا جۈرئەتلىك بولساق، قۇتلۇق ئىشلىرىمىز ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئۆرپ–ئادەت ۋە ئەنئەنە

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: