ئالىم بىز بلوگى

ئېپوس ۋە «ماناس»

شېرىن قۇربان

 

             2005- يىلى 25 – نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا مىراسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە، يەنى 2009 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر ب د ت پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ ئەبۇزەبىدە ئېچىلغان 4 – قېتىملىق يىغىنىدا قىرغىز خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ‹‹ماناس››نىڭ ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەنلىكى جاكارلاندى.

             «ماناس›› قىرغىزلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى. ئۇ موڭغۇللارنىڭ ‹‹جاڭغىر››، زاڭزۇلارنىڭ ‹‹گېسار›› ئېپوسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ ئېپوسى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار يۇناننىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8 –، 9 – ئەسىرلەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئەما شائىرى ھومېر يازغان ‹‹ئىلئادا›› ۋە ‹‹ئودېسسا›› ئېپوسلىرى؛ قەدىمكى ئەنەتكەك (ھىندى)لارنىڭ مەنىۋى بايلىقى ‹‹ماخابراتا›› بىلەن ‹‹رامايانا›› ئېپوسلىرى؛ پارس – تاجىك خەلقلىرىنىڭ گېنىئال كىلاسسىكى ھەزرىتى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسنىڭ ‹‹شاھنامە›› ئېپوسى بىلەن قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ ئېپوس قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

               ئېپوس داستانچىلىق كاتېگورىيەسىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ياكى قەدىمكى مىف – ئەپسانە ۋە قىسسە – رىۋايەتلەرنى ئىدىيىۋى مەزمۇن قىلغان، قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتقان شېئىرىي ئەسەردۇر. ئېپوس ئىدىيىۋى مەزمۇن، قۇرۇلما، ئوبراز، تۈس ۋە قىممەت جەھەتتە روشەن خاسلىققا ئىگە. شۇڭا ئىنسانىيەت شېئىرىيەت سىستېمىسىدا ئېپوس كۆپ ئەمەس.

             تەتقىقاتتىن قارىغاندا، ئېپوس قەدىمكى زاماننىڭ ئەدەبىي مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇ بەكرەك يايلاق – قىر مىللەتلىرىنىڭ ياكى كۆچمەن خەلقلەرگە خاس شېئىرىيەت كەشپىياتى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇش – غەلىيان ۋە جەڭگى – جېدەلمۇ ئېپوسچىلىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى ئىكەن.

                ئېپوسنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى ھالدا تارقىلىدۇ. ئېپوسچىلار ئۇنى يادقا ئوقۇيدۇ. بىر قىسىملىرى ئاھاڭغا سېلىنغان بولۇپ، ئاددىي سازلارنىڭ تەڭكىشى بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئېپوستا ماكان تامغىسى، زامان پۇرىقى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن بولىدۇ.

             ئېپوس ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، شۇنداقلا ئېپوس ئىگىلىرىنىڭ جاھان مەدەنىيىتى مىراسىغا قوشقان مۇبارەك تۆھپىسىدۇر. شۇڭا ئېپوسلارنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سالمىقى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدۇر. ب د ت پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە.

                قىرغىزلارنىڭ ‹‹تارىخىي مەدەنىيەت ئېنسىكلوپېدىيەسى›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ‹‹ماناس›› ئېپوسى ‹‹ماناس››، ‹‹سەمەتەي››، ‹‹سەيتەك››، ‹‹كەنەنىم››، ‹‹سەيىت››، ‹‹ئاسىل باچا ۋە بەكپاچا›› قاتارلىق سەككىز قىسىمدىن تۈزۈلگەن يىرىك نەزمىي ئەسەر. ئۇنىڭدا قىرغىز خەلقىنىڭ 10 – ئەسىردىن 17 – ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندىكى قىتانلار، قارا قىتانلار، موڭغۇللار، بولۇپمۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ئويراتلار، ئۇنىڭ بىر تارمىقى بولغان جۇڭغارلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىشىپ يات قەبىلە ئەزگۈچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئۆتكۈر شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان، پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيىۋى غايىسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قىرغىز خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە بەخت – سائادەتكە ئىنتىلىش ئارزۇ – ئارمانلىرى، غايىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى غايە – ئىستىكى ئىپادىلەنگەن. شۇڭا ئۇنى قىرغىز تارىخىنىڭ ئەينىكى دېيىشكە بولىدۇ.

            دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ سېلىشتۇرۇپ دەلىللىشىچە، ‹‹ماناس›› ئېپوسىدا 230 مىڭ مىسرا بولۇپ، 2 مىليون سۆزدىن ئاشىدىكەن. ‹‹ماناس›› ئېپوسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەرقايسى دەۋرلەردە قىرغىزلار ئىچىگە تارالغان تارىخىي رىۋايەتلەر، ھېكايەتلەر ۋە قىسسە داستانلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى بولۇپ، ئۇ ئاۋام ئىچىدىن چىققان ‹‹ماناسچى››لار تەرىپىدىن داۋاملىق رەتلىنىپ، تۈزىتىلىپ بارغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا 80 ماناسچى بار ئىكەن. بۇلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرراقى 90 ياشلىق يۈسۈپ ماماي بولۇپ، ئۇ 230 مىڭ مىسرالىق ‹‹ماناس››نى تولۇق ئوقۇيالايدىكەن. 1995 – يىلى ب د ت نىڭ 49 – نۆۋەتلىك رەئىسلەر يىغىنى قارار ماقۇللاپ، 1995 – يىلىنى ‹‹خەلقئارا ماناس يىلى›› دەپ بېكىتكەنىدى. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى شۇ يىلى ‹‹ماناس›› ئېپوسىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق يىغىن ئاچتى. يۈسۈپ ماماي يىغىندا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ‹‹ماناس›› قىرغىز خەلقىنىڭ ئالتۇن كىتابىدۇر. يۈسۈپ ماماي بولسا بۇ ئالتۇن كىتابنىڭ نىجاتچىسىدۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئېپوس ۋە «ماناس»

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: