ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى

          ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بۇ پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىشى كېرەك.

          ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ: ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇش، پارتىيە نىزامنامىسى، ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹‹قارار››ى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، ‹‹بەشتە ياخشى بولۇش››نى تىرىشپ ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى:

           بىرىنچىدىن، رەھبەرلىك بەنزىسى ياخشى بولۇش. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، سەگەك بولۇش، خىزمەتتە ئىتتىپاقلىشىش – ھەمكارلىشىش، ئىستىلىدا ئەمەلىيەتچىل – پاك بولۇش، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ئېنىق، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرى ئەمەلىي، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى، ئىجادچانلىقى كۈچلۈك بولۇش.

           ئىككىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ياخشى بولۇش. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى ياخشى بولۇش، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، سىياسىي ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولۇش، ھالقىما تەرەققىياتتىكى ئاۋانگارتلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش، جۇشقۇن كەيپىيات، كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت، مەردانە خىسلەتنى ساقلاش، ھەرقايسى جەھەتتىكى نەمۇنىلىك رولى گەۋدىلىك بولۇش.

          ئۈچىنچىدىن، خىزمەت مېخانىزمى ياخشى بولۇش. تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى قېلىپلاشقان، قائىدە – تۈزۈملەر مۇكەممەل بولۇش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى راۋان، تەرتىپلىك ئىشلەش، تەشكىل ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىجادىي بولۇش.

           تۆتىنچىدىن، خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولۇش. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇش، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئالدىدا مېڭىش، مەركىزىي خىزمەتنى ئاڭلىق چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماي باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەش، جاۋابكارلىقنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش.

           بەشىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولۇش. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئامما ئارىسىدا بىر قەدەر يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولۇش، پارتىيە ئەزالىرى ئامما ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلەش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇش.

          مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ: پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىپ، ‹‹بەشتە باشلامچى بولۇش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى:

           بىرىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا خىزمەتتىكى دائىملىق ئىش، تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە مەنىۋى ئىستەك قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلەش، كەسپىي ماھارەت ئۈستىدە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل – پاراسىتىنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كەسىپكە پىششىق بولۇش؛

          ئىككىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا پايدىسىز سۆز – ھەرىكەتلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ 1 – سېپىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر سۆز – ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئىناق ئۆتۈش، خەتەرلىك – مۈشكۈل پەيتتە بار – يوقنى تەڭ كۆرۈش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ ئىناق تەرەققىي قىلىش.

           ئۈچىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياخشى نەتىجە يارىتىش. كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، نام – مەنپەئەتكە بېرىلمەي، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، جاپا – مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت – پاراغەتتە كەينىدە تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىش؛

           تۆتىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، 1 – سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئەرز – تەلىپىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق رايىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش؛

           بەشىنچىدىن، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىش. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، قانۇن – نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن بويسۇنۇپ، يۈكسەك مەنىۋى ئىستەكنى ساقلاپ، سەمىمىي ئادەم بولۇش، پاك ئىش قىلىش، كەسىپ ئەخلاقى، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىشىلىك ئەخلاق تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار كەيپىيات، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: