ئالىم بىز بلوگى

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى

          ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ــــ ماركسىزىم –لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگۇ ئىنقىلاۋىنىڭ كونكىرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. يولداش ماۋزېدوڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگۇ كومىنىستلىرى ماركسىزىم- لېنىنىزىمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە ئاساسەن، جۇڭگۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاپ ئەمىلىيىتىدىكى بىر قاتار ئۆزىگە خاس تەجرىبىلەرنى نەزىرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ، جۇڭگۇنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىلمىي يىتەكچى ئىدىيە – ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ماركسىزىم- لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگۇ ئىنقىلاۋىنىڭ كونكىرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنڭ مەھسۇلى- ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىدۇر. يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق چوڭ شەرق مەملىكىتىدە ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشتا مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن ئالاھىيدە مۇرەككەپ مەسىللەرگە دۇچ كىلىمىز. ماركسىزىم- لېنىنىزىمنىڭ ئومۇمىي قائىيدىلىرىنى يادلاش ۋە باشقا چەتئەللەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كىلىشكە تايىنىپ، بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ئاساسلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە 30- يىللىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتىدە ۋە پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەڭ ئەۋج ئالغان ماركسىزىمنى دوگمىلاشتۇرۇش، كومۇنىستىك ئىنتېرناتسئونالنىڭ قارارلىرىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشتەك خاتا خائىشلار جۇڭگۇ ئىنقىلاۋىنى ھالاكەت گىرداۋىغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى مۇشۇ خىل خاتا خاھىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چۇڭقۇر يەكۈنلەش جەريانىدا تەدىرىجى شەكىللەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. يەر ئىنقىلاى ئۇرۇشىدىن كىيىنكى مەزگىل ۋە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ سېستىمىلىق يەكۇنلىنىش  ۋە كۆپ جەھەتلەردىن كېڭەيتىلىش ئارقىلىق پىشىپ يىتىلدى. ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى- ماركسىزىم-لېنىنىزىمنىڭ جۇڭگۇدا تەدبىقلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلىشى، ئەمىلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان جۇڭگۇ ئىنقىلاۋى توغرىسىدىكى نەزىرىيىۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. پارتىيىمىزنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر رەھبەرلىرى ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان، يولداش ماۋزېدوڭنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشىدۇر. 1945- يىلى 5- ئايدا جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قۇرۇلتېيى ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈن پارتىيىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى قىلىشنى رەسمىي ئىتىراپ قىلدى.

          ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنغا ئىگە بۇلۇپ، تۈۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس نەزىرىيە ئارقىلىق ماركسىزىم- لېنىنىزىمنى بېيتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى:

1. يېڭى دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

2. سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

3. ئىنقىلاۋىي قۇشۇننىڭ قۇرۇلىشى ۋە ھەربىي ئىستىراتىگە توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

4. سىياسەت ۋە تاكتىكا توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

5. ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت ۋە مەدىنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

6. پارتىيە قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەردىن ئىبارەت.

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنىڭ جانلىق روھى – ئۇنىڭ ھەرقايسى تەركىۋىي قىسىملىرىغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەرىپى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش، ئاممىۋى لۇشىيەن، مۇستەققىل ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇشتىن ئىبارەت.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: