ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەكلىك تاللىشى دۇنيا ئاشلىق بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟

            (ئامېرىكا ‹‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى›› تور بېكىتىنىڭ 22- مايدىكى ماقالىسى) تېمىسى : جۇڭگونىڭ يېمەكلىكلەرگە بولغان تاللىشى دۇنيا بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى .

          دۇنيا بويىچە نوپوسى ئەڭ كۆپ ، ھازىر يەنە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ دۆلەت يېمەكلىك ئىستېمال يۆنىلىشىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتمەكتە . ‹‹گۈرۈچ›› بىلەن ‹‹ئاشلىق›› نى مەنىداش سۆز دەپ قارايدىغان دۆلەتتە ، كىشىلەر گۈرۈچ ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى يېيىشنى ئازايتىپ ، چوشقا گۆشى ، بېلىق ۋە توخو گۆشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈۋاتىدۇ . چوشقا بېقىش سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، بەزى سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ يىلىغا %20 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. جۇڭگو چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان دادۇر ـــــ ئاساسلىق ھايۋانلار يەم ـ خەشىكىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ .

          ئاۋسترالىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەبئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتى كېمىيىپ كەتكەنلىكتىن ، بۇ يىل دەسلىپىدە دۇنيا بويىچە ئاشلىق باھاسىدا يېڭى ئۆسۈش بارلىققا كەلدى . گەرچە ھازىر باھا ئاز تولا چۈشكەن بولسىمۇ ، لېكىن تەھلىلچىلەر ھالقىلىق زاپاسنىڭ ئازىيىشى ۋە باشقا ئالامەتلەر ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئۇدا جىددىيلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىدى ، دەپ كۆرسەتتى . دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زولىك ئەگەر مەلۇم چوڭ دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىغان ياكى يەنە يامان ھاۋارايىغا ئۇچىرايدىغان بولسا ، دۇنيادا ئېغىر ئاشلىق كرىزىسى پارتىلايدۇ دېدى .

          ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكا سانىغا ئاساسلانغاندا ، ئۆتكەن يىل جۇڭگونىڭ ئاشلىق باھاسى تەخمىنەن %7 ئۆسۈپ ، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئاشلىق زاپىسىنى تەڭشەپ ئىشلىتىش ، بۇغداي قاتارلىق ھالقىلىق زىرائەتلەرنىڭ باھاسىغا چەك قويۇش ئارقىلىق بېسىمدارلىق ۋە ھايانكەشلىكنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان .

          دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىدىكى ئۆزگىرىش دادۇر بازىرىدا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدىكەن . گەرچە بۇ خىل زىرائەت جۇڭگونىڭ ئۆز تۇپرىقىدىكى زىرائەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ھۆكۈمەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدىلا شال ، بۇغداي ۋە قوناق تېرىشنى تەكىتلىگەن ، چۈنكى ئەمەلدارلار بۇ خىل زىرائەتلەرنى جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك ـ ئىچمىكىدە تېخىمۇ مۇھىم دەپ ھېسابلايدىكەن .

          جۇڭگو ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليون توننا دادۇر ئىشلەپچىقىرىدۇ ، لېكىن ھازىرقى ئىمپورت مىقدارى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەھسۇلار مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئارتۇق بولۇپ ، چوشقا ، توخو ، سېيىر قاتارلىقلارنى بېقىشقا ئىشلىتىدۇ . ئامېرىكىنىڭ دادۇر ئېكسپورت جەمئىيىتى جۇڭگو تۈرىنىڭ مۇئاۋىن مۇۋەققەت مەسئۇلى جاڭ شياۋپىڭ : جۇڭگو ئىمپورت قىلغان دادۇرنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئامېرىكا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا دادۇر ئېكسپورت قىلىشىدا ئۇدا تۆتىنچى يىلى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ، 25 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ ، دېدى .

          ھازىرغا قەدەر ، جۇڭگو بۇغداي ، شال ۋە قوناقتا يەنىلا ئاساسەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ . ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى سودا شىركىتى ، ئامېرىكا دېھقانلىرى ، دۇنيا بانكىسى ۋە دۇنيانىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا تەشكىلاتلار شال ، بۇغداي ۋە قوناق بازىرىغا يېڭىدىن دىققەت قىلىپ ، جۇڭگونىڭ بۇ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى جەھەتتە يەنە قانچىلىك ۋاقىتقىچە ئۆز ئۆزىنى تەمىنلىشىگە ھۆكۈم قىلماقتا.

 

         ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

          بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز:

          بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

ئالاقىلىشىش تېلېفونى :  8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. بۇلار گۆش مەھسۇلاتلىرىغا يۈرۈش قىلىۋىدى ، گۆشنىڭ باھاسى بىردىنلا ئۆرللەپ كەتتى .

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: