ئالىم بىز بلوگى

كۇتۇپخانا توغرىسىدا

تۇردىخان قاھار

 

          يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹كۇتۇپخانا مەمۇرىي ئورۇنمۇ ياكى كەسپىي ئورۇنمۇ؟›› دەيدىغان تالاش – تارتىش پەيدا بولدى. بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى جامائەت بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:

          كۇتۇپخانا بىلىملەر خەزىنىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت، روھىيەت بىلىملىرىنى چۈشىنىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە، بىلىم ھاسىلاتلىرى بولغان كىتاب – ماتېرىيال، گېزىت – ژۇرناللار يىغىپ ساقلىنىدىغان، ئىزدەنگۈچى، ئۆگەنگۈچى، تەتقىقاتچىلارنى تۈرلۈك كىتاب – ماتېرىيال بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان، كىتابخانلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېرىدىغان سورۇن. مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، كۇتۇپخانا مەنىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ماددىي مەدەنىيەت يەتكۈزۈش جەريانى بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەت بىلەن تەڭ پەيدا بولغان، تەڭ تەرەققىي قىلغان. شۇنداق ئىكەن، كۇتۇپخانا توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ:

          بىرىنچى، كۇتۇپخانا تارىخىيلىققا، ئۇنىۋېرسالىققا ئىگە بولغان، ئىنسانىيەتنى تەربىيەلەيدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنى.

          ئىككىنچى، كۇتۇپخانا ئىنسانىيەت تارىخى، مەدەنىيىتىنى يېزىق ئارقىلىق مىراس سۈپىتىدە دەۋر ئالاھىدىلىكى بويىچە ساقلاش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىكى ۋاسىتىلىك مۇئەسسەسە.

          ئۈچىنچى، كۇتۇپخانا شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ماس تەرەققىي قىلىشى، راۋاجلىنىشىدىكى ۋاسىتە.

          تۆتىنچى، كۇتۇپخانا كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاراكتېرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىرلىق مەدەنىيىتىنى تارقىتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

          يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، كۇتۇپخانا ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قۇرۇلما مەزمۇنىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغان. يېڭى ئەسىردىكى ئىلىم – پەننىڭ بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا، ئابىستىراكىتلىقتىن كونكرېتلىققا، ئاممىبابلىقتىن كەسىپلىشىشكە يۈزلىنىشى نەتىجىسىدە دۇنيادا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. بۇنىڭ بىلەن كۇتۇپخانا ئۇقۇمىغا يېڭىچە ئېنىقلىما بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.

          مەكتەپ، مەمۇرىي ئورۇنلارنى كارخانىلاردەك ھۆددىگە بەرگىلى بولمايدۇ. كۇتۇپخانا دۆلەت ئاجراتقان مەبلەغقە تايىنىپ ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي ئورۇن بولغاچقا، ئۇنىڭ ھېچقانداق قوشۇمچە كىرىم مەنبەسى يوق. كۇتۇپخانا مەكتەپتىن پەرقلەنسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتە ئۇمۇ ھەر مىللەت خەلقىگە مەرىپەت، دۇنياۋى ئۇچۇر يەتكۈزۈدىغان مەنىۋى بۇلاق. قىسقىسى، كۇتۇپخانا مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتكۈل قۇرۇلما مەزمۇنىدىمۇ مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئىنسانىيەتنى ئىلىم – پەن بىلەن تەربىيەلەيدىغان كەسپىي ئورۇن، دەپ قارايمەن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: كۇتۇپخانا توغرىسىدا

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2011-05-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: