ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگو غەرب ئەللىرى بىلەن دەۋاغا چۈشۈپ قالدى

جۇڭگو غەرب ئەللىرى بىلەن دەۋاغا چۈشۈپ قالدى

2012-03-31 11:42     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئاقساراي يېقىندا «ئوبامانىڭ 13- كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)غا جۇڭگونىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز سۇندى، بۇنىڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيەمۇ ئاۋاز قوشتى» د....

     ئاقساراي يېقىندا «ئوبامانىڭ 13- كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)غا جۇڭگونىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز سۇندى، بۇنىڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيەمۇ ئاۋاز قوشتى» دېدى. بۇ، ئامېرىكا تارماق ھالقىغان سودا قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزىنى قۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئەرز ھېسابلىنىدۇ.

 

 

     بۇ بىر ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سودا دەۋاسى بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا جۇڭگونىڭ توققۇز خىل كان مەھسۇلاتى بايلىقىغا قارىتىلغان يەنە بىر دەۋادا يەڭگەنلىكتىن، غەرب ئەللىرىنىڭ سىرەك توپا دەۋاسىدا جۇڭگونى يېڭىش ئىشەنچىسى كۈچەيگەن.

     گەرچە يەنىلا غەرب ئەللىرى جۇڭگوغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالدى بىلەن سىياسىي دەۋا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت توقۇنۇشى. جۇڭگونى سىرەت توپىنى تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش مەسلىسىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە پايونىيەنىڭ مەنپەئەتى يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە.

     سىرەك توپا ۋە باشقا سودا تالاش- تارتىشلىرىدا ھامان قائىدە، پىرىنسىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات قاتارلىق قاتلاملار بار. «قائىدە»دىن ئىبارەت بۇ قاتلامدا جۇڭگو ھەرگىزمۇ غەربكە رەقىب بولالمايدۇ. چۈنكى دۇنيادا تەسىرى زور بولغان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى غەرب ئەللىرىنىڭ قولىدا، غەربلىكلەر نېمە دېسە يوللۇق. مەسىلەن: ئېكىسپورتنى چەكلەشنى ئېلىپ ئېيىتساق، جۇڭگونىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىغا چەك قويۇشى خاتا، غەرب ئەللىرىنىڭ جۇڭگوغا يۇقىرى پەن- تېخنىكا ئېكىسپورت قىلىشىنى چەكلىشى توغرا. توغرا بىلەن توغرا بولماسلىقنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسىدە غەربلىكلەرنىڭ دېگىنى ھېساب.

     پىرىنسىپ قاتلىمىغا كەلسەك، ئەھۋال سەل ياخشىراق. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئاساسەن غەرب ئەللىرى بېكىتكەن. جۇڭگو بولسا ئۇنىڭغا قوشۇلغۇچى ۋە قاتناشقۇچى. نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر جۇڭگوغا نىسبەتەن تەبىئىيلا ئادالەتسىز. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى «قائىدە»گە ئوخشاش خالىغانچە ئاستىن- ئۈستۈن قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا دۇنيا سودا تەشكىلاتى دەۋالىرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما جۇڭگونىڭ يېڭىش ياكى يېڭىلىش مەسلىسىدە جۇڭگو ھەرگىزمۇ جامائەتچىلىك ئېيىتقاندەك مەڭگۈ ئۇتتۇرۇۋەرمەيدۇ.

     كونكرېت مەشغۇلات قاتلىمىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى ئوخشىمايدۇ. غەرب ئەللىرى ھەرگىزمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرىدىن ئەمەس. ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپ ۋە قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئامال قىلىپ يوچۇق ئىزدەيدۇ. شۇڭا ئوبامانىڭ ئەرز قىلىشى جۇڭگو سىرەك توپىسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ دەۋاغا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقت كېتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگنىڭ دەۋادا يېڭىشكە ئالدىن تەييارلىق قىلىدىغان ھەر خىل پۇرسەتلىرى ۋە شارائىتى بار.

     ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، جۇڭگو سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇشتا غەربلىكلەر بىلەن قەستەن قېرىشىپ، سىرەك توپىنى سىياسىي قورال قىلىۋالغىنى يوق. جۇڭگونىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى چەكلىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچى، ئېكىسپورت باھاسى بەك ئەرزان بولۇپ، سودىدىكى مەنپەئەت بىلەن سىرەك توپا ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينىڭ مۇھىتى ئۇچرىغان زىياننى ھەرگىزمۇ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. بۇ شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز؛ ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ سىرەك توپىغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئېشىۋاتىدۇ، قالغان سىرەك توپا زاپاس مىقدارى ئۇنچە مول ئەمەس.

     جۇڭگو سىرەك توپا مەسلىسىدە غەرب بىلەن «تالاش- تارتىش» قىلالمايدۇ. چۈنكى يولسىز غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆز گېپىنى يورغىلىتالايدىغان كارامىتى بار. ئەمما جۇڭگو چوقۇم بۇ دەۋادا غەرب ئەللىرى بىلەن ئەستايىدىل تۇتۇشۇشى كېرەك. يېڭىلگەن تەقدىردىمۇ، ئامال قىلىپ غەرب ئەللىرىنى پايدىغا ئاز ئېرىشتۈرۈشى ياكى ئېرىشتۈرمەسلىكى كېرەك.

     جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىرەك توپا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكىسپورتىنى تەڭشەيدىغان بوشلۇق ناھايىتى كەڭ. بەزى مۇتەخەسىسلەر سىرەك توپا ئىشلەپچىقىرىشتىن بايلىق بېجى، مۇھىت بېجى قاتارلىقلارنى ئېلىشنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ سىرەك توپا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇشنىڭ چارىسى بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ قارارى كارغا كەلمەيدۇ.

     بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇۋېيمىن ماۋۇلارنى بىلدۈرگەن: سىرەك توپا ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق. سىرەك توپا بايلىقىنى ئېچىش مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇھىت ۋە بايلىق مەنبەسىنى قوغداپ، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرەك توپىنى قېزىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكىسپورت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا  دېگۈدەك باشقۇرۇش تەدىبىرلىرىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكىسپورت ھالقىسىدىكى ئالاقىدار تەدىبىرلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن.

     جۇڭگو سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋشۈ 13- كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ماۋۇلارنى بىلدۈرگەنىدى: جۇڭگو ئەگەر سىرەك توپا مەسلىسىدە ئەرز قىلىنسا، جۇڭگومۇ ئەرز سۇنۇپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ.

     جۇڭگونىڭ باھانى كېلىشىش ھوقۇقى، نېمىلەرنى سېتىش، نېمىلەرنى سېتىۋېلىشنى بەلگىلەش ھوقۇقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان بېسىمدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ھەر بىر قېتىملىق ئىختىلاپ داۋامىدا تېخىمۇ ئەقىللىقلىشىۋاتىمىز ۋە كۈچىيىۋاتىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 3 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2012-03-31 18:53 تارتىنچاق 

    سىرەك توپا دىگەن نىمە؟ سېرىق توپىنى دىمەيدىغاندۇ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئالدىنقى بىر قېتىملىق يازمىدا مەخسۇس سىرەك توپا ھەققىدە توختالغان ئىدىم. شۇ يازمىنى بىر كۆرۈپ چىقىڭ! ئادېرىسى:
    ?p=1982

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2012-04-02 13:23 پاراۋوز 

    يېقىندىن بۇيان بۇ نەرسە ئاخپاراتلاردا كۆپ تىلغا ئېلىندىغان بولۇپ قالدى. بەكلا مۇھىم نەرسە ئوخشىمامدۇ بۇ نېمە ؟
    بىزنىڭ دېيارىمىزدىمۇ چىقامدۇ بۇ توپا ؟ بولسا ھويلىغا نەچچە ماشىنا ئەكىلىۋىلىپ باھاسى ئۆرلىگەندە ساتساق دەيمەن.
    ^_^

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ