ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچلۈك رولى

مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچلۈك رولى

2012-04-03 8:16     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  ئەي فېي        مەدەنىيەت بىر خىل يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ. مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىيەت دۆلەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەپ قارايدۇ. ۋاھالەنكى يۇمشاق كۈچ مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بو....

 ئەي فېي

 

     مەدەنىيەت بىر خىل يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ. مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىيەت دۆلەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەپ قارايدۇ. ۋاھالەنكى يۇمشاق كۈچ مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ھەرگىز ماھىيىتى ئەمەس، لېكىن مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق كۈچلۈك تەرىپىمۇ بار.

     مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىقتىدارى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆگىتىش، گۈزەل ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، ئەقىل – پاراسەتنى يېتىلدۈرۈش، خۇشال كەيپىيات ھاسىل قىلىش، قائىدە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن شەخسلەر مەدەنىيەتنىڭ سۇغىرىشى، يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە قەدەممۇ قەدەم راۋاجلىنىدۇ، مۇكەممەللىشىدۇ. مەدەنىيەت نۇرى جاھاننى يورۇتقان ئىدىيە ۋە ئەقىل – پاراسەتتۇر، يەنى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيە قورالىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ‹‹قاتتىق››لىققا ئىگە. ئەگەر مەدەنىيەتنىڭ رولى يوقىتىلىدىكەن ياكى ئاجىزلاشتۇرۇلىدىكەن، جەمئىيەت قالاقلىق، ياۋايىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق كۈچلۈك رولى ئىنسانلار روھى دۇنياسىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسان روھىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىنساننى ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى مەدەنىيەتنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقى ئارقىلىق داۋاملىق ئىجتىمائىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

     ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە مەدەنىيەتنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، ئارىلىشىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە بارغانسېرى مەدەنىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن نۇرغۇن توقۇنۇش ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت توقۇنۇشىدۇر. ئەنئەنىۋى مەنىدىكى سىياسىي، ھەربىي، دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە دائىم ئۈنۈمىنى ياكى رولىنى جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بارغانسېرى مەدەنىيەت ساھەسىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇ، مەدەنىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رولىنىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر مەدەنىيەت كەسپى ساھەسىدە تېز ئىلگىرىلەپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى چوڭ دۆلەت، كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى% 15 تىن ئاشتى، بۇ سان داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بېلى رۇسلىنىپ، ئاساسىي تېخىمۇ مۇستەھكەملەنمەكتە. بۇ جەھەتتە ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئاجىزراق بولغاچقا، ۋەزىپە مۈشكۈل، يول يىراق.

     مەدەنىيەت تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ؛ ئۇ ھەم ‹‹يۇمشاق›› ھالەتكە، ھەم ‹‹قاتتىق››لىق رولىغا ئىگە. بۇ بىزدىن مەدەنىيەتكە ئىلمىي قاراپ ۋە مەدەنىيەتىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، رولىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا مەدەنىيەت ئاساسى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter