ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى نېمە ئۈچۈن يىلمۇ يىل ئاشىدۇ؟

ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى نېمە ئۈچۈن يىلمۇ يىل ئاشىدۇ؟

2012-03-30 8:26     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 15 – مارت ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى قوبۇل قىلىپ بېجىرگەن ئىستېمالچىلارنىڭ مەسلىھەت سوراش، ئەرز ....

     دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 15 – مارت ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى قوبۇل قىلىپ بېجىرگەن ئىستېمالچىلارنىڭ مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 – يىلى ئىستېمالچىلار قىلغان ئەرز 2010 – يىلىدىكىدىن روشەن كۆپ بولۇپ، %12تىن ئارتۇق ئاشقان؛ 2010 – يىلىمۇ ئىستېمالچىلار قىلغان ئەرز 2009 – يىلىدىكىدىن %4 كە يېقىن كۆپ ئىدى.

     ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل ئېشىشى، بىر تەرەپتىن ھازىر ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنىڭ يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى، ئىستېمال ماجىراسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تەدرىجىي ئۆسكەنلىكىنى، ماجىرا كېلىپ چىققاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەرز قىلىدىغان بولغانلىقىنى، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تورىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىپ، ھال ئېيتىش يوللىرىنىڭ كۈنسېرى راۋانلاشقانلىقىنىڭ ئىستېمالچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، تېلېگراف مۇلازىمىتى ساھەسى يەنىلا

ئىستېمال ھوقۇقىغا كۆپرەك دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان

ساھە بولۇپ قالدى

 

     2011- يىلى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ جەمئىي 846 مىڭ 100 پارچە ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە تاۋارغا دائىر ئىستېمال ئەرزى 564 مىڭ 600 پارچە، مۇلازىمەتكە دائىر ئىستېمال ئەرزى 281 مىڭ 500 پارچە. 2010 – يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىستېمال ئەرزى 92 مىڭ پارچە كۆپىيىپ، %12.21 ئاشقان.

     ئەڭ كۆپ ئەرز قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك تاۋار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلار بولغان. بۇ تاۋارلار ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز ئايرىم – ئايرىم 194 مىڭ 700، 128 مىڭ 800 ۋە 51 مىڭ 900 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي سانى تاۋار ئىستېمال ئەرزىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن.

     ئەڭ كۆپ ئەرز قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك مۇلازىمەت تېلېگراف مۇلازىمىتى (ئالاقىلىشىش، ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، رېمونت قىلىش – ئاسراش مۇلازىمىتى بولغان، بۇ مۇلازىمەتلەر ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز ئايرىم – ئايرىم 45 مىڭ 900، 40 مىڭ 200 ۋە 27 مىڭ 100 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي سانى مۇلازىمەت ئىستېمال ئەرزىنىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن.

     بۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، تېلېگراف مۇلازىمىتىنىڭ يەنىلا ئىستېمال ھوقۇقىغا كۆپرەك دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان ساھە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بۇ يىلقى ئىستېمالچىلار ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، يۇقىرىقى ساھەلەرنى نۇقتىلىق تۈزەش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتى.

 

ماركا، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە چېتىلىدىغان ئەرز كۆپەيگەن

 

     ئىستېمالچىلار ئەرز قىلغان مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، 2011 – يىلى ئىستېمالچىلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزى 362 مىڭ 300 پارچە، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزى 165 مىڭ 500 پارچە، ئېلان مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزى 9800 پارچە، ماركا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزى 4300 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %42.82ى، %19.56ى، %1.16ى، %0.51ىنى ئىگىلىگەن.

     دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ماركا ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئەرزلەر روشەن كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 2010 – يىلىدىكىگە قارىغاندا %47.67 ۋە %28.06 ئاشقان.

     بۇ، ماركا ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىستېمالچىلار ئىنكاس قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توختام شەكىللىك ماددىلارنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ماركا ئىشىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

 

ئىستېمال ئەرزىگە چېتىلىدىغان پۇل سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى

 

     2011- يىلى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىر تەرەپ قىلغان 796 مىڭ 800 پارچە ئىستېمال ئەرزىگە چېتىشلىق تالاش – تارتىش سوممىسى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن كۆپ بولۇپ، 2010 – يىلىدىكىگە قارىغاندا %19.92 ئاشقان؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر پارچە ئەرزگە چېتىشلىق تالاش – تارتىش سوممىسى تەخمىنەن 2400 يۈەن بولۇپ، 2010 – يىلىدىكىن 200 يۈەن ئاشقان.

     بۇنىڭ ئىچىدە چېتىشلىق سوممىسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن ئىستېمال ماجىراسى جەمئىي 635 مىڭ پارچە، 1000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئىستېمال ماجىراسى 139 مىڭ 400 پارچە، 10 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئىستېمال ماجىراسى 18 مىڭ 600 پارچە، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىستېمال ماجىراسى 3800 پارچە.

     2011- يىلى ئىستېمال ماجىراسىغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن ئىستېمال ماجىراسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىستېمال ماجىراسى %31.80، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىستېمال ماجىراسى %41.40كە يەتكەن.

     بۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىلىق ھەم تېز تەرەققىي قىلىش ھالىتىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىشى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ئۆي، ئاپتوموبىل، ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ سوممىلىق يېڭى ئىستېمال بۇيۇمى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كۆپ سوممىلىق ئىستېمال ماجىرالىرىنىڭمۇ زور دەرىجىدە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter