ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى (نوپۇسى) توغرىسىدا

ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى توغرىسىدا تارىخىي ئەسەرلەردە ئېنىق مەلۇمات يوق. لېكىن پارچە- پۇرات ماتېرىياللاردىن يەنىلا تەخمىنەن مۆلچەرلەپ چىققىلى بولىدۇ.

«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ سانى 300 مىڭدن ئارتۇق ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200- يىلىدىكى پىڭچېڭ قورشاۋىدا خەن گاۋدى ليۇباڭنى 400 مىڭ كىشلىق ئاتلىق قوشۇن بىلەن مۇھاسىرىگە ئالغان. ھۇنلارنىڭ «بالىلىرى ئوقيا ئاتقۇدەك بولغان چاغدىلا ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. ۋېندى دەۋرىدە ئۆتكەن جيايىنىڭ ھۇنلاردىن «ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئەسكەر بولاتتى» دېگەنگە ئاساسالانغاندا، ھۇنلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسى تەخمىنەن ئىككى مىليۇن بولغان بولسا كېرەك. كېيىن ۋۇدى دەۋرىدە ئۇدا نەچچە ئون يىل خەن سۇلالىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ ئەسكەر ۋە خەلقلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى (تەبىي كۆپەيگەن نوپۇس ئۆلگەنلەر سانىنى تولۇقلىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن)، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ جەنۇپقا كېلىپ ئەل بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ مەزگىلدىكى نوپۇس باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئازلىغان بولۇشن مۇمكىن.

«كېيىنكى خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى (شۈەندىنىڭ بېنشى 3- يىلى) ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 39 مىڭدن ئارتۇق ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن؛ شۇ يىلى قىشتا تەڭرىقۇت ئۇيسۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قار ئاپىتىگە ئۇچراپ نەچچە تۈمەن ئادىمى توڭلاپ ئۆلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دىڭلىڭ، ئوغان ۋە ئۇيسۇنلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ نەچچە تۈمەن ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتكەن؛ يەنە تەبئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسىمى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ ئوندىن ئالتە- يەتتە قىىسمى ئۆلۈپ كەتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58- ، 57- يىلى بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يۈر بەرگەنگە قەدەر ھۇنلارنىڭ نوپۇسى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئازلاپ، تەخمىنەن 1 مىليۇن 750 مىڭ ئەتىراپىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ بەش تەڭرىقۇت ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ئاران نەچچە تۈمەن ئاھالە قالغان؛ قۇتىئۇش تەڭرىقۇت قوۋمىنى باشلاپ كانگىيەگە يېتىپ كەلگەندە قول ئاستىدا ئارانلا ئۈچ مىڭ ئادىمى قالغان. شۇڭا، بۇ بىر قاتار قالايمىقان ئۇرۇشلاردىن كېيىن ھۇنلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليۇن 500 مىڭ ئەتىراپىغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

مىلادىيە 48- يىلى ھۇنلار جەنۇپ، شىمال ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتتى. «كېيىنكى خەننامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپەيگەن چاغدا (مىلادىيە 90- يىلى) 34 مىڭ تۈتۈن، 237 مىڭ 300 نوپۇس بولۇپ، 50 مىڭ 170 چەۋەنداز بولغان («جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ). شىمالىي ھۇنلاردىن مىلادىيە 83- يىلى سەنمۇلو قەبىلىسىدىكى جىلۇس قاتارلىقلار 38 مىڭ ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان. مىلادىيە 87- يىلى قۇلان، شۈبى، قۇتقۇ قاتارلىقلار 200 مىڭ ئادەم، سەككىز مىڭ چەۋەدازنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان («جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»). مىلادىيە 89- يىلى ئونغۇش، باتىس، ئونۋۇ، خوجۇررۇت قاتارلىقلار 200 مىڭدن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان («دۇشىيەننىڭ تەرجىمھالىدىن»). بۇلار تەخمىنەن 400 مىڭ. مىلادىيە 91- يىلى شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ غەربكە كۆچكەن چاغدا نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتكەن (جورجانلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان شىمالىي ھونلارنىڭ سانىمۇ ئېنىق ئەمەس، يەنە مىلادىيە 91- يىلى يۇرتجان باشلاپ ماڭغان 20 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى يوقىتىلغان). چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئېشىپ قالغان بەش- ئالتە تۈمەن ئاھالە سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا يۇقىرىدىكى 400 مىڭنى قوشقاندا شۇ چاغدىكى شىمالىي ھۇنلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون ئەتىراپىدا بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ 237 مىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا مىلادىيە 90- ، 91- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھۇنلانرىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشمىغان.

ئومۇمەن، خەن سۇلالسىنىڭ دەسلىپىدە ھۇنلار قۇدرەت تاپقان مەزگىلىدە نوپۇسى تەخمىنەن ئىككى مىليون ئەتىراپىدا ئىدى. شۈەندى دەۋرىدە ئازلاپ بىر مىليون 750 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. بەش تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت تالاشقان چاغدا تېخىمۇ ئازلاپ بىر مىليون 500 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. ھۇنلار تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ ئىككىگە پارچىلانغان چاغدا ئاران بىر مىليون 300 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ قالدى. ھۇنلارنىڭ قۇللىىرنىڭ سانىنى تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ سانى ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يەتتىدىن بىر ياكى بەشتىن بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: