ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلمىگەن مەكتەپتە ھەقىقىي مائارىپ بولمايدۇ

كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلمىگەن مەكتەپتە ھەقىقىي مائارىپ بولمايدۇ

2012-04-15 11:09     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇ يۇڭشىن        بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىز كۈندە كىتاب ئوقۇۋاتىمىز، كىتاب بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز، دېيىشىدۇ. لېكىن بۇ مەن تەشەببۇس قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش ئەمەس، بۇ كىتابلار ئانىنىڭ سۈتىگە ئ....

جۇ يۇڭشىن

 

     بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىز كۈندە كىتاب ئوقۇۋاتىمىز، كىتاب بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز، دېيىشىدۇ. لېكىن بۇ مەن تەشەببۇس قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش ئەمەس، بۇ كىتابلار ئانىنىڭ سۈتىگە ئوخشاش، بالىلار ئۈچۈن مۇھىم ئوزۇق، بىخەتەر ھەم ئاسان قوبۇل بولىدۇ. مەنچە بالا ئانىسىنىڭ سۈتىنى مەڭگۈ ئەمىسىمۇ تولۇق يېتىلەلمەيدۇ.

     مەكتەپ مائارىپىدا، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، دەرسخانا مائارىپى ئارقىلىق ئىنسانلار بىلىمىنى يۇقىرى دەرىجىدە تۈجۈپىلەپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشكىللەپ بالىلىرىمىزغا ئۆگىتەلىسەك، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانا سۈتىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. دەرسلىك كىتاب ھەقىقىي مەنىدىكى ئەينى ئىدىيە ئەمەس. ئىنسانلار كىتاب ئوقۇشتىن ئايرىلىپ قالسا، راۋاجلىنالمايدۇ، مەنىۋىيىتىمۇ مۇكەممەل بولمايدۇ.

     مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى، قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن. ئەگەر مەكتەپلەر بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەربىيەلەش ۋەزىپىسى تاماملانغان بولىدۇ. بىر بالا ئون نەچچە يىل تەربىيە ئېلىش جەريانىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرەلمىسە، بۇ بالا مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن كىتابنى بىر چەتكە تاشلاپ قويىدۇ، ئۇ ھالدا بۇنداق مائارىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان مائارىپ بولىدۇ. ئەكسىچە، بىر بالىنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئادەتتىكىچە، لېكىن، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولسا، بۇ بالا كەلگۈسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. مەكتەپ تەربىيەسى بالىلارغا ئانا سۈتى بەرگەنگە ئوخشاش، بالىلارنى دەسلەپكى ئۇزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىمى بالىلاردا ئۆزلۈكىدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، بالىلارغا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى ئۆگىتىشتۇر.

     روسىيەلىك مائارىپشۇناس سۇخۇملىنىسكى: «مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان كىتابلا بولۇپ، باشقا ھېچنېمە بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا مەكتەپ بولالايدۇ» دېگەنىدى. كىتاب بولسىلا، بالىلار ئۆسۈپ – يېتىلىش بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

     ئادەمنىڭ مەنىۋى ئېچىرقىشى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئادىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىدىغان ھالقىلىق پەيتى بولىدۇ، ئەگەر كىشىلەر مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈلسە، بىر ئۆگىنىپلا ئىگىلىۋالالايدۇ. مەنىۋى ئېچىرقاشنىڭمۇ ھالقىلىق پەيتى بولىدۇ، بۇ ھالقىلىق پەيت قولدىن كەتسە، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قايتا يېتىلدۈرمەك تەسكە توختايدۇ.

     ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابقا ئېرىشىش مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇشى يېتەرسىز. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 300 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلىنىدۇ، لېكىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب ئاران 1.75 پارچە. بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات دۆلىتى بولغىنىمىز بىلەن، يەنە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب ئوقۇش مىقدارى ئەڭ ئاز دۆلەت ھېسابلىنىمىز.

     مەملىكىتىمىزدە ئادەتتىكى پۇقرالارلا ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئانچە ئادەتلەنمىگەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغانلار %15.2، پەن – تېخنىكا كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغانلار %22.8، قەرەللىك ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغانلار %9.3، چەت ئەل ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغانلار %5.2 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش مىقدارى 500 بەتكە يېتىدىكەن. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپى قانداق؟ ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلەر بېسىپ ئۆتۈلمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ‹‹دەرسخانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ، ئىمتىھان ئالدىدا يازغان خاتىرىسىنى يادلاپ، ئىمتىھاندىن كېيىنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ›› كەتمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئۇلار ئاۋۋال ئورتاق تىل شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن كېيىنكى دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ كىتاب ئوقۇش شەرتى ئاساسىدا قۇرۇلغان دىئالوگ. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بولسا ئوخشاش دەرس تەييارلىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا 20 – 30 يىل دەرس ئۆتىدۇ.

     كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولمىغان مەكتەپتە يېتىشتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولىشى ناتايىن. كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولمىسا، بىز تەربىيەلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار يېرىم تەييار مەھسۇلات، ھەتتا كېرەكسىز مەھسۇلات بولۇشى مۇمكىن. كەلگۈسى جەمئىيەتكە ۋە رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشتا، ئۇلاردا مۇكەممەل مەنىۋى تۇرمۇش ۋە مول كىشىلىك ھايات كەمچىل بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter