ئامېرىكا «ئاۋىياتسىيە ژورنىلى» تورى يېقىندا ئېلان قىلغان «جوڭگۇ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوش ئوربىتىلىق زامانىۋىلىشىشى» ھەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، دۆلىتىمىز ھەۋە ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇدرىتى پەرەز قىلىنغان.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: جوڭگۇ 2020- يىلىدىن ئىلگىرى سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن 1000 ى بولغان زامانىۋى ھاۋا ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرۈنمەس ئايرۇپىلان، يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ۋە ئااۋزدىن تېز ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۈرىدۇ.
بۇ خىل قوش ئوربىتىلىق تەرەققىيات ئىپادىسى 2010- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۆرۈلگەن ئىككى ئىشتا تولۇق نامايەن بولدى. بىرى، جوڭگۇ ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم چەتئەلدە زامانىۋىلىقنى نامايەن قىلدى. يەنى «بومباردىمانچى – 6» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ۋە «قىرغۇچى – 10» بەلگىلىك كۆپ ئىقتىدارلىق سوقۇش ئايرۇپىلانى قاتارلىقلارنى نامايەن قىلدى. يەنە بىرى، جوڭگۇ يەنە ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن چېڭ دۇ ئايرۇپىلان شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆرۈنمەس سوقۇش ئايرۇپىلانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئاشكارلىدى ھەمدە بۇ ئايرۇپىلاننى بۇلتۇر تۇنجى قېتىم سىناق تەرەققىسىدە ئۇچۇردى.
ماقالىدا يەنە: جوڭگۇدىكى ئىككى چوڭ سوقۇش ئايرۇپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان چىڭ دۇ ئايرۇپىلان شىركىتى، شېنياڭ ئايرۇپىلان شىركىتىنىڭ كۆرۈنمەس سوقۇش ئايرۇپىلانى ۋە ئانئانىۋى سوقۇش ئايرۇپىلانى ياساش تۈرى بار. جوڭگۇ «su-27» ۋە «su-30» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن 176 نى سېتىۋېلىپ، روسىيەنىڭ ئالاھىيدە يارىدىمى بىلەن «قىرغۇچى – 11» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن 100 نى ياساپ چىقتى.
چېڭ دۇ ئايرۇپىلان شىركىتىنىڭ روسىيەنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرى سىناق قىلغان «ياڭ-141» بەلگىلىك ئاۋازدىن تېز، يېقىن ئارلىقتا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ تېخنىكىسىغا تەقلىد قىلىپ ئايرۇپىلان ياساۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇزاقتىن بۇيان تارقالغان ئىدى. جوڭگۇ 2020- يىلىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا تىپتىكى كۆرۈنمەس سوقۇش ئايرۇپىلانى ياساپ چىقىشى مۈمكىن.
جوڭگۇ بۇ يىل ياكى كىلەر يىلى 50-60 توننا نەرسە ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يېڭى تىپتىكى ئىستىراتىگىيەلىك تىرانسپورت ئايرۇپىلانىنى ئاشكارلىشى مۈمكىن. جوڭگۇ ھاۋا ئارمىيەسى يەنە ئالەم بوشلۇقىدايىتەكچىلىك ئورنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا. جوڭگۇنىڭ بۇ ئارزۇسى چېڭ دۇ ئايرۇپىلان شىركىتىنىڭ «سېھىرلىك ئەجدىھا» نامىلىق ئالەم ئايرۇپىلانى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىن. كەلگۈسى ئون يىلداجوڭگۇ ھاۋا ئارمىيەسى قۇدرەت تېپىپ، خەلقئارادا يۇقىرى تەسىرگە ئىگە بۇلىشى مۈمكىن، دېيىلدى.