ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى بالىلار

ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى بالىلار

2012-04-11 11:20     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:   ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم        زامانىمىز بالىلىرى بەختىيارمۇ؟ ئەلۋەتتە،بەختىيار! چۈنكى، ئۇلارنىڭ توققۇزى تەل. ئۇلار باياشات ياشايدۇ، نېمىنى كۆڭلى تارتسا شۇ تەل. ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇيدۇ. ....

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

      زامانىمىز بالىلىرى بەختىيارمۇ؟ ئەلۋەتتە،بەختىيار! چۈنكى، ئۇلارنىڭ توققۇزى تەل. ئۇلار باياشات ياشايدۇ، نېمىنى كۆڭلى تارتسا شۇ تەل. ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇيدۇ. كىيىم – كېچەكنىڭ ئېسىلىنى كىيىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق بەختىيار ۋە شادىمان تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار بارمۇ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ سوئالغا ‹‹بار›› دەپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز. خوش، ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقىنى زادى نېمە؟ جاۋاب شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنتلىرىمىز ئاتا – بوۋىلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىدىن بىمەھەل ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلىرىمىز ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ھەم ئەقىل – ئىدراك ئاتا قىلىدىغان ئويۇنلارنى تەدرىجىي يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق رېئاللىق ئاتا – ئانىلارنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

 

 

     دەرۋەقە، ئەقىل – پاراسەتلىك، يىراقنى كۆرەر ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ بالىلار ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلار ئويۇنلىرى ئۆز نۆۋىتىدە بالىلىرىمىزغا ئېجىل – ئىناقلىقنى، ئىنسانىي پەزىلەتنى، پەم – پاراسەتنى، ھوشيارلىقنى، چەبدەسلىكنى ۋە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ، غەرب پېداگوكلىرى ‹‹ھەر قانداق بىر بالىنىڭ بالىلىقتا ئويۇن ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىمى ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ›› دەپ قارايدۇ ھەم بۇ ھەقىقەتكە گۇمانسىز ئىشىنىدۇ. گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بالىلارنىڭ پاك ھەم غۇبارسىز قەلبىگە ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلار ئارقىلىق سىڭدۈرگەن بىلىم ۋە تەربىيەنى باشقا ھەر قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق سىڭدۈرگىلى بولمايدۇ. 2008 – يىلى 8 – ئايدا نەشر قىلىنغان مۇھەممەد ئابلىز بۆرەيار ئەپەندىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى›› دېگەن كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئويناپ تاكى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بالىلار ئويۇنلىرى 100دىن ئاشىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىر بالىلىرىمىز ئىچىدە بۇ ئويۇنلارنى بىلىدىغانلار، ئوينايدىغانلار ئازلاپ كەتمەكتە. بولۇپمۇ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەرە كۆنىكىدەك زىچ بىنالىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان، تەتىل كۈنلىرىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ‹‹رېجىمى››دا باش كۆتۈرمەي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، ‹‹ئېشىنچا›› ۋاقىتلىرىدا تېلېۋىزوردىن كارتون فىلىم كۆرۈش ۋە كومپيۇتېردا نېرۋىلارنى غىدىقلايدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغان ‹‹يېڭى ئېرانىڭ بەختىيار بالىلىرى››، ئىچىدە، ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناشنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

     خوش، ئۇنداقتا، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان ‹‹ئەڭگۈشتەر››دىن بىمەزگىل ‹‹جۇدا›› بولۇشقا نېمە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؟! مېنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ:

     1. شەرت – شارائىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى سەۋەبلىك ئېگىز بىنالارنىڭ بىزنى ‹‹مۇھاسىرە›› گە ئېلىشى بالىلىرىمىزنىڭ ئويۇن سورۇنىنى تارايتىۋەتتى. يەنى، ئېگىز بىنالار، كەڭ يوللار ۋە توختاۋسىز كۆپىيىۋاتقان ئاپتوموبىللار بالىلىرىمىزنى بارغانسېرى ئويۇن سورۇنلىرىدىن ‹‹قىستاپ›› چىقىرىپ، ئۇلارنى تېلېۋىزور بىلەن كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىغا بەند قىلماقتا. خۇددى بالىلار شائىرى ئابلىكىم ھەسەننىڭ ‹‹ئوينايدىغان تالا بارمۇ›› دېگەن شىئېرىدا ئېيتىلغاندەك، بۈگۈنكى بالىلىرىمىز ئوينىشىپ بېرىدىغان بالىلارنىڭ غېمىگە ئەمەس، بەلكى ئوينايدىغان سورۇن ئىزدەشنىڭ غېمىگە چۈشۈپ قالماقتا. شۇنداق بولغاچقىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى بالىلىرىمىز ۋاللەي، چانا، ئوردىكام، ئىلەڭگۈچ ۋە سارغايدىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى نەگە بېرىپ ئويناشنى بىلمەي قېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى رەت – رەت بىنالار قەد كۆتۈرگەن مەھەللىلىرىمىزدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى ۋە چوڭلارغا ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۈسكۈنلىرىنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ مەھەللىلەردىكى تاللا بازارلىرىنىڭ ئالدىدا ئانچە – مۇنچە ئۇچراپ قالىدىغان، گېلىگە تەڭگە تىقمىغۇچە تەۋرىمەيدىغان توكلۇق ‹‹يالقاۋ ئات››لارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەخسۇس بالىلارغا ئاتالغان پائالىيەت ئۆيى ۋە بالىلار ئويۇن سورۇنلىرى يوق دېسەك مۇبالىغە بولماس. مۇشۇ ۋەجىدىن بالىلىرىمىز ئىلاجىسىز چوڭلار بىلەن ئاممىۋى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى تالىشىپ ئويناشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.

     2. بالىلىرىمىز ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ. دوكتور، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەسئەت سۇلايمان ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› دېگەن كىتابىنىڭ ‹‹قىزىم ۋە شىۋېتسىيە باشلانغۇچ مائارىپى›› ماۋزۇسىدىكى ماقالىسىدا ئالتە ياشلىق قىزى ئۇيغۇرىيەنى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدىكى ‹‹رۆدابېرى››باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىش جەريانىنى ئەسلەپ ‹‹سىنىپ چوڭ ھەم ئازادە بولۇپ، بەئەينى بىر ئويۇنچۇقخانىغىلا ئوخشايتتى. پارتىلار ئوتتۇرىغا يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ، سىنىپنىڭ تۆت ئەتراپىغا خىلمۇ خىل ئويۇنچۇقلار، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ مودېللىرى، خەرىتىلەر، ئۆي جازىلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشلىرى، توپ ۋە قاپارتما گىلوبۇسلار، ئىشقىلىپ بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇق مودېللىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. قىزىم سىنىپقا كىرىپلا رەڭگارەڭ ئويۇنچۇقلار دۇنياسىغا قارىغىنىچە كۆزلىرى ئالاچەكمەن بولۇپ تۇرۇپلا قالدى›› دەپ يازغانىدى. ئۇ كىتابىنىڭ شۇ بابىدا يەنە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا پەقەتلا تاپشۇرۇق بېرىلمەيدىغانلىقى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئويۇنچۇق ۋە مودېللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك بىلىم ئۆگىتىدىغانلىقىغا بەكمۇ ھەيران قالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانىدى. مەن مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا ئۇلار بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزدا چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالغانىدىم. ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ پاكىت شۇكى، گەرچە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقتىن 3 – يىللىققىچە بولغان بالىلارغا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپلەر ئارا بولۇۋاتقان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ‹‹كەسكىن رىقابەت›› تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تاپشۇرۇق، ئارام كۈنلۈك تاپشۇرۇق، بايراملىق تاپشۇرۇق ۋە تەتىللىك تاپشۇرۇق دېگەنلەردىن باش كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بېسىم تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن بالىلىرىمىزنى ۋاقىتسىز ‹‹مۈكچەيتىپ›› قويۇۋاتىدۇ. بالىلىرىمىز ھەر كۈنى ئېغىردىن – ئېغىر بوغچىلىرىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپتىن كېلىپلا ‹‹ئۇھ›› دېيىشكىمۇ ۋاقتى يەتمەي، كېچە سائەت 10 – 11 لەرگىچە تاپشۇرۇش ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ئوقۇغۇچىلار ‹‹ناچار ئوقۇغۇچى›› قارىلىپ، تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ‹‹سوراق›› قا تارتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلار ھەر كۈنى كەچتە بالىلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ‹‹تاپشۇرۇق ئىشلەش››كە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يىلدا ئىككى قېتىم كېلىدىغان تەتىل ئەسلىدە بالىلارنىڭ ئويۇنلارنى پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ، بىغۇبار قەلبىنى بالىلىققا خاس ھېس – تۇيغۇلارغا تولدۇرىدىغان ۋاقتى ئىدى. بىراق، ھەر تەتىلدە پەقەتلا كەم بولمايدىغان تەتىل تاپشۇرۇقلىرى بالىلارنىڭ مۈرىسىنى خۇددى تاغدەك باسسا، ھەر شەنبە – يەكشەنبە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش، چەت ئەل تىلى، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش پەرزەنتلىرىمىزنى ئويۇن ئويناشقا زادىلا ئىمكان بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقتا. شۇنداق بولغاچقىمۇ، پەرزەنتلىرىمىز ئارىسىدا كۆزەينەك تاقايدىغان ‹‹بالا زىيالىي››، ‹‹بالا ئالىم››، ‹‹بالا پەيلاسوپ››، ‹‹بالا مۇتەپپەككۇر›› ۋە ‹‹بالا شائىر››لار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

     3. بالىلىرىمىزغا ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى توغرا يېتەكلەش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدىكى سىنىپلاردا دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› دېگەن كىتابىدا يازغان ھەر خىل ئويۇنچۇنلارنى ئۇچرىتىش بەسى مۈشكۈل. بۇ بىر پاكىت. ئەكسىچە، بىزدە ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن زېھىن – قۇۋۋىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپقا ئويۇنچۇق ئېلىپ كېلىشى قاتتىق چەكلەنگەن. ئويۇن ئويناشقا ئامراق بالىلارغا ‹‹ئۇيۇن قېپى›› دېگەن ‹‹قالپاق›› كىيگۈزۈلۈپ، كەپسىز بالىلار قاتارىدا ‹‹قارا تىزىملىك››كە چۈشۈرۈلۈپ، ‹‹ئەڭ تېز ۋاقىت››تا ئاتا – ئانىلىرىغا خەۋەر قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇنداق بالىلار مەكتەپ ۋە ئائىلىدە ‹‹قوش جازا››غا ئۇچراپ، ئويۇنىنى ياۋاشلىق بىلەن تاشلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قىسمەن ئاتا – ئانىلار خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرى ياكى ئايىغى چىقماس قاتار چاي، توي – تۆكۈنلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، پەرزەنتلىرىگە ئۆزى بالىلىق چاغلىرىدا ئويناپ قانمىغان ھەم ئۆزىگە ئەقىل – ئىدراك، پەم – پاراسەت ئاتا قىلغان ئاتا مىراس ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى ئۆگىتىشكە ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتىدۇ. جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھازىر بىزدە بالىلار ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىمىزنى پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىدىغان تۈزۈلمە ۋە سىستېما كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: ھازىر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرىدا مەخسۇس بالىلار پىروگراممىلىرى بار. بىراق، بۇ پىروگراممىلاردا بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەسەل – چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەر ئەمەس، بەلكى ‹‹ئوۋتىمەن››، ‹‹خېيمەن››، ‹‹ئەقىللىق يېشۇ››، ‹‹شىر پادىشاھ››، ‹‹شەپەرەڭ پالۋان›› ۋە ‹‹ئۆمۈچۈك پالۋان›› قاتارلىق چەت ئەل مەدەنىيىتى ۋە چەت ئەلنىڭ قىممەت قارىشى سىڭگەن فىلىملەر كۆپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ، پەرزەنتلىرىمىز چىن تۆمۈر باتۇرنى تۇنۇمايدۇ – يۇ، ئوۋتىمەننى ئوبدان تونۇيدۇ ھەم ئۇنى ئۆزىنىڭ مەبۇدى دەپ بىلىدۇ.

     خۇلاسە شۇكى، بالىلار خۇددى يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتكە ئوخشاش تولىمۇ ئەۋرىشىم ھەم رايىش كېلىدۇ. يەنى ئۇلارنى كىچىكىدە قاياققا ئەگسىڭىز شۇ ياققا قاراپ ئۆسىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بالىلارغا ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىزنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئەقىل – ئىدراك ھەم پەم – پاراسەت ئاتا قىلىش تولىمۇ مۇھىم ھەم تەخرسىز ۋەزىپە. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يەنىمۇ ساغلام چوڭ قىلىپ، مىللەت، خەلققە ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەشتە مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى تېخىمۇ ئېغىر. بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش ياكى ئورۇندىيالماسلىق ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتە ئاققۇزغان قان – تەرى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجىر – مېھنىتىگە باغلىق، ئەلۋەتتە!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter