ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلايلى

مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلايلى

2012-02-07 4:31     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ۋاڭ پېڭيۈ        مېنىڭچە، بىز بىر يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئەسلەش بىلەن بىللە، ساقلانغان مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خاتالىقلار ئۈستىدە....

ۋاڭ پېڭيۈ

 

     مېنىڭچە، بىز بىر يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئەسلەش بىلەن بىللە، ساقلانغان مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خاتالىقلار ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

     مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلە دېگىنىمىزدە مەسىلىنىڭ ئىچىدىكى مەسىلە، مەسىلىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەسىلە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ، مەسىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسى. ئۇ مۇرەككەپلىككە ۋە يوشۇرۇنچانلىققا ئىگە، ئادەتتە ئۇنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ، كىشىلەر ئاسانلا سەل قاراپ قالىدۇ.

     مەسىلىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ۋاقتىدا بايقاپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:

     بىرىنچىدىن، كىچىككىنە شەپىسىنى كۆرۈپلا، ماھىيىتىگە يېتىش، بىرىنى بىلىش ئارقىلىق باشقىسىنىمۇ بىلىۋېلىشتەك دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بولۇشى كېرەك. شەيئىلەر ئارىسىدىكى چىگىش ۋە مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە باش – ئايىغىنى تېپىپ، تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شەيئى ۋە ھادىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى تۈرلۈكسەۋەبلىرىنى تېپىپ، شەيئى بىلەن ھادىسە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شەيئىلەرنى تېخىمۇ ياخشى، ئەتراپلىق، چوڭقۇر تونۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى ئۆزئارا باغلاپ مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئامما ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى مەسىلىنى ئالدى بىلەن ياخشى ھەل قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى، رەھبەرلىك ئورگىنىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن ياخشى ھەل قىلىش؛ ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ھەمتۈرتكىلىك ئىنكاسنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇش، شەخسى غەرەز ئارىلاشتۇرماي، تەھدىتتىن قورقماي، ئەمەلىيپاكىتنى ئاساس، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ئۆلچەم قىلىپ، كەسكىن بولۇپ، رايىغا قويۇپ بەرمەي، يوشۇرۇن يامان ئىللەتلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك. ھەر بىر رەھبىرىي كادىر پارتىيەلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، يۈز – خاتىر قىلماي، ھەقىقەتنى سۆزلەپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، كىشىنى رەنجىتىشتىن قورقماي، ئىدارە، بۆلۈمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئىدارە، بۆلۈملەرنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، مۇھىم، زور، پىرىنسىپلىق مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلىپ، قىيىن، مۈشكۈل مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۆتمۈشتە قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم كاپالىتى بولۇشى كېرەك. ئىدارە، بۆلۈمنىڭتەرەققىياتى داۋامىدا كۆرۈلگەن زىددىيەت، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن چوڭقۇر تونۇپ، تۈزۈم جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرغان ۋە كۈچەيتكەندىلا، ئادەم ئامىلىنىڭ تەسىرىنى مۇمكىنقەدەر ئازايتقىلى، تېز ئۆرلەپ، تېز چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلانغىلى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter