ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ئۇنىۋېرسال يازمىلار >> تەپسىلاتى

مىكرو بىلوگ دەۋرىدە ئىغۋالارغا قانداق رەددىيە بېرىمىز ؟

     مىكرو بىلوگ ئىگىلىرى ئاقىلانە، ئوبيېكتىپ، مۆتىدىل مەيداندا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرسا، مىكرو بىلوگ باشقۇرغۇچىلار ‹‹سىلىق مۇئامىلە قىلىش، ئوبدان پايدىلىنىش، ئوبدان باشقۇرۇش›› پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرسىلا، مىكرو بىلوگ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە چوقۇم تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ .

     قۇرۇلغىنىغا ئۈچ ئايمۇ بولمىغان مىكرو بىلوگ ‹‹ئىغۋا رەددىيە بېرىش ئىتتىپاقى›› يېڭى ئاخبارات ۋاستىسىدىن ئىبارەت بۇ جامائەت پىكرى سورۇنىنىڭ ئەڭ سەزگۈر نېرۋىسىنى قوزغاپ قويماقتا .

     «ئوزۇق–تۈلۈكى ئۆزىدىن بولغان›› بۇ تورداشلار ‹‹ھەقىقىي ئەھۋال ئۈچۈن خىزمەت قىلىش›› بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بۇ يىل 6–ئايدا بېيجىڭدا ياغقان قارا يامغۇرغا دائىر بىر نەچچە پارچە ياسالما سۈرەتنى ئاشكارىلىۋەتتى، ‹‹پاھىشە قىزلار يالىڭاچ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ›› دېگەن ساختا سۈرەتنى ئېنىقلاپ چىقتى، ‹‹قاناشچان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بېيجىڭغا تارقىلىپ كىرىشكە باشلىدى›› دېگەنگە ئوخشاش ئويدۇرما ئۇچۇرلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇلار ‹‹مىكرو بىلوگ جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش›› قا تىرىشقان بولسىمۇ ، قاتتىق گۇمان ۋە مەسخىرىدىن نېرى بولالمىدى .

     ئېھتىمال، ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇلغان چاغدا مۇشۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالنىڭ ئارقىسىغا ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق گۇمان ۋە غۇلغۇلا يوشۇرۇنغان .

     بىرىنچىسى، مىكرو بىلوگنى قانداق ئورۇنغا قويۇش كېرەك؟ ئۇ زادى ئەستايىدىل مەنىدىكى ئاخبارات ۋاستىسىمۇ ياكى كوچا پارىڭىمۇ ؟ ئۇنىڭغا ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق تەلەپ قويۇشقا بولامدۇ–بولمامدۇ ؟

     ئىككىنچىسى، ئەپقاچتى خەۋەر، گۇمان ۋە پىتنە–ئىغۋانى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك، ئىغۋاغا رەددىيە بەرگۈچى ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشتە قانداق پىرىنسىپ قوللىنىشى كېرەك ؟

     ئۈچىنچىسى، ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش نەتىجىسىدە مىكرو بىلوگ ئېكولوگىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە نۇقسانلىرى بىر تەرەپلىمە ھالدا چوڭايتىلىپ كېتەمدۇ، بۇ ھال مىكرو بىلوگنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قانداق سەلبي ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ ؟

     گەرچە بەزىلەر: مىكرو بىلوگ ھالى سېرىقتال پۇقرالار توپلانغان بىر چايخانىدىن ئىبارەت — خالاس ، دەپ قارايدۇ ، لېكىن ئوبيېكتىپ ئېيتقاندا، 195 مىليون ئەزاغا ئىگە بۇ سۆز سەھنىسى روشەن ئاخبارات ۋاستىسى خۇسۇسىيىتىنى ئالغان، ئۇ ھەقىقەتەن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ‹‹مىكرو بىلوگنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچىمى زادى نېمە›› ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىھۇدە ئىش ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا ئاخبارت كەسپى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار مىكرو بىلوگ ئۇچۇرلىرىنى قوللىنىشتا ئېھتىياتجان ۋە ئەستايىدىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادەتتىكى ئۇچۇر ئېلان قىلغۇچىلارمۇ سەمىمىي بولۇشى ، لەۋزىدە تۇرۇشى، ئۆزىنىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك .

     يەككە ئادەمنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلىپى پۈتۈنلەي قاتتىق بولۇشى ناتايىن ، ئەمما ئوچۇق مۇھىتتا تۇرۇۋاتقان تور جامائەت پىكرى سورۇنى ئۆزىنى پاكلاشتۇرالايدىغان ياخشى مېخانىزىمغا ئىگە . ‹‹ئاممىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر›› بولىدۇ، شۇڭا، ھەر قانچە ئۇستا ئالدامچىمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق ئادەمنى ئالداپ كېتەلەيمەن دەپ خام خىيال قىلمىسا بولىدۇ. مەيلى ‹‹جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالدىم ›› دېگەن ئادەم بولسۇن ، ياكى ‹‹تۇز ۋەسۋەسىسى›› نى تارقاتقان ئادەم بولسۇن، ئۇلارنىڭ ساختا قىلمىشى تورداشلارنىڭ ئىستىخىيەلىك دەلىل–ئىسپاتلىرى ئالدىدا ئاشكارىلاندى. مانا مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز پۇقرالارنىڭ پىكىر ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىنتېرنېت تورى سۆز تەرتىپىگە باشتىن ئاخىر كۈچلۈك ئىشەنچ باغلاپ كەلدۇق. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى جامائەت پىكرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ساپلاشتۇرۇشى جەھەتتىكى سىناق سۈپىتىدە قارىلىپ كەلدى، بۇ ھال پۇقرالارنىڭ ئۆز پىكرىنى ئاقىلانە ھالدا ئىپادىلەش ۋە پىكىر بايان قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشىغا پايدىلىق ، بۇ پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەچكە ، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ .

     ۋاھالەنكى، ھەرقانداق سۆزنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇھىتى بولىدۇ . ‹‹ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش›› دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ كىشىلەرنى بىزار قىلىشىدىكى بىر سەۋەب بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى جايلاردا بەزى كىشىلەر ئۇنى قانۇن نازارەتچىلىكى بىلەن زىتلىشىدىغان ، ئۆز خاتالىقىنى يوشۇرىدىغان ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باسىدىغان قالقانغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقتا . بىردەم ئۇنداق بىردەم بۇنداق ئېيتىلىۋاتقان ‹‹رەددىيە سۆزلىرى›› نىڭ ئۆزى تولىمۇ ئاساسسىز بولغاچقا، ‹‹ئىغۋاغا رەددىيە بېرىلگەنسېرى راستقا ئايلىنىپ قالىدىغان ›› يامان ئاقىۋەت پەيدا بولماقتا .

     مانا بۇ ئىغۋاغا قانداق رەددىيە بېرىش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە تاقىلىدۇ. كىچىككىنە بىر ئىشنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرىنى نەزەرگە ئالماي ، بەزى ئەپقاچتى خەۋەر ۋە گۇمانىي قاراشلارغا ئېسىلىۋېلىپ ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئىغۋا دەپ قاراش كېرەكمۇ ، ياكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ، تەنقىد ۋە نازارەتچىلىككە ‹‹سۆزلىگۈچىدە ئەيب يوق ، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن›› دەيدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكمۇ؟ بەزى ئىغۋاغا رەددىيە بەرگۈچىلەرگە ئوخشاش ‹‹مەلۇم بىر تەرەپكە بولۇشۇپ ھەق سۆزلەش›› كېرەكمۇ ياكى ھەقىقي ئەھۋالنى لىللا، ئوبيېكتىپ، ئادىل چۈشەندۈرۈش كېرەكمۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .

     مىكرو بىلوگ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر ئاخبارات سۇپىسى بولۇپ، تېخى ئەمدىلا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. تا ھازىرغا قەدەر، گەرچە مىكرو بىلوگلاردا ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن ساختىلىق تەڭ ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمەن ئالغاندا، مىكرو بىلوگنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇق ، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . ھەقىقي ئەھۋالغا ئىنتىلىش ۋە ئۇنى قوغداش يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاساسىي تەرەققىيات شەرتى ۋە قىممەت يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ھەربىر مىكرو بىلوگ ئىگىسى ئاقىلانە ، ئوبيېكتىپ ، مۆتىدىل مەيداندا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرسا ، مىكرو بىلوگ باشقۇرغۇچىلار ‹‹سىلىق مۇئامىلە قىلىش ، ئوبدان پايدىلىنىش ، ئوبدان باشقۇرۇش›› پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرسىلا ، مىكرو بىلوگ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە چوقۇم تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى. ئەگەر بۇ ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى ياكى باشقا تور بەتلەردە چاپلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۆۋەندىكى ساداسىغا قۇلاق سالغايسىز!

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

    ئالاقىلىشىش تېلېفونى :  8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. توغرا دەيسىز، بۇ يازمىنى ياخشى يىزىپسىز، ئەلۋەتتە باشقا يازمىلىرىڭىزمۇ بىرسى بىرسىدىن ئىسىل

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: