جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى–مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى–مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، سىياسىيون، ئەدىب، مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ۋە بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە، 1995-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. 16 يىلدىن بۇيان، مەملىكەت خاراكتېرلىك تۆت نۆۋەتلىك يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇشۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى تارقاق يازما يادىكارلىقلار ۋە چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما يادىكارلىقلارنى توپلاپ، رەتلەپ، توپلام ۋە ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان؛ مۇتەخەسىسس، ئالىملارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يېزىشقا سەپەرۋەر قىلغان ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقام تەتقىقاتى، تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى، نەۋايى تەتقىقاتى، مەشرەپ تەتقىقاتى ، ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتى، شىنجاڭ يەر-جاي ناملىرى تارىخى قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى–مەدەنىيىتى تەتقىقاتى تېمىلىرى››، ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى–مەدەنىيىتى تەتقىقات مەجمۇئەسى›› نىڭ بەش تومىنى رەتلەپ چىقىپ نەشر قىلىپ تارقاتقان.
يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى–مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى
مەندە بۇ كىتابلارنىڭ 1-2قىسىملىرىدىن باشقىلىرى يوق.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: