ئالىم بىز بلوگى

زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇرايلى

 شىن خەي

 

     مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەزىيەتكە بېقىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، ئىلگىرىلەشنى ئويلىدى، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدەندى، جەمئىيەت تېخىمۇ گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلدى، خەلق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى. گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە ھەرقايسى تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا. ئەمما بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى يۈز بەرگەن نەچچە قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ۋەقەسى تىنچ ۋەزىيەتنى بۇزدى، بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلار مەقسەتلىك، تەشكىللىك ھالدا بىگۇناھ ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ، زور تالاپەت پايدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

     زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى جەمئىيەتكە، ئىنسانلارغا قارشى ئېغىر جىنايەت. شىنجاڭدا زوراۋان – تېررورچىلار مىللەتلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش غەرىزىدە شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى. خەلق ھىمايە قىلغان ئىش دەل چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئۆچ كۆرىدىغان ئىش؛ خەلق ئىنتىلىدىغان ئىش دەل ئۇلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىش. شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىدە، بۇ بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

     دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نەزەر سالساق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىپ، خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ كەلگەن. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشىغا نىسبەتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولدى، خۇددى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئېيتقاندەك، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مەجبۇرىيىتى. دۆلىتىمىز قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. مەيلى كىم، مەيلى قايسى مىللەت، قانداق مۇددىئادا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق قىلمىش مۇقەررەر ھالدا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.

     زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىكى مەقسەت شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا مۇقىم تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىش. ئىجتىمائىي مۇقىملىق شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولمىسا، دۆلەت گۈللىنىپ، قۇدرەت تاپالمايدۇ، خەلق بەختلىك، ئەمىن بولالمايدۇ. ھەر قانداق مىللەت، ھەرقانداق كىشى ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ. ۋىجدانلىق ھەرقانداق كىشى زوراۋانلىق ۋە قانلىق ۋەقەگە قاراپ تۇرالمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ باش مەجبۇرىيىتى. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ئومۇمىيەت ئېڭى، خەۋپ – خەتەر ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامما ئويلىغاننى، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىشى كېرەك. بۇ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىغۋا پەيدا قىلىپ، قايمۇقتۇرۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى.

     مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، زوراۋان – تېررورچىلار قولىغا ئۆتكۈر بىسلىق قورال ئېلىپ، بىگۇناھ ئاممىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئەتراپتىكى ئامما ئۇلاردىن قىلچە قورقماي، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، توپىلاڭچىلارنى قولغا چۈشۈرگەن. ۋەقە يۈر بەرگەندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئامما بىر تەرەپتىن، ج خ ئورگانلىرىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، بىر تەرەپتىن، بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى غەزەپ بىلەن بىرلىكتە ئەيىبلىگەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمىز ئىناق، ئېجىل، باشقىلار بۇزالمايدۇ. خەلقنىڭ كۆزى روشەن، كىم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، كىم خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، خەلق كۆڭلىدە ساقلايدۇ. گۈزەل تۇرمۇش تەستە قولغا كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل مۇددىئاسىنى چوڭقۇر تونۇغاچقا، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەي، ھالقىلىق پەيتتە قەتئىي ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، خەلق ھاكىمىيىتىنى، ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقىنى قوغدىدى.

     ھەققانىيەتنى ياقلىغانلارنى قوللايدىغانلار كۆپ بولىدۇ، ھەققانىيەتنى ياقلىمىغانلار يەككە – يېگانە قالىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، ھۆكۈمىتىمىز ھەققانىيەتنى ياقلىغاچقا قوللىغۇچىلىرى كۆپ، ئۇ تەبىئىي ھالدا خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دەل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار ھەققانىيەتنى ياقلىمىغاچقا، ھەمىشە خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، خەلقنىڭ رايىغا باققان بۇ كۈرەشتە ھېچكىم بىزنىڭ غەلىبە قازىنىش قەدىمىمىزنى توسۇۋالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇرايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: